ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
موگو بىلەن بۇنى بىللە قورۇپ يىسىڭىز يوغان قوساق يوقايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-10 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بەزىلەر ئۇرۇقلۇقىدىن ئازراق سەمىرىشنى ئويلايدۇ، يەنە بەزىلەر سېمىزلىكىدىن ئۇرۇقلاشنى ئويلايدۇ. مەنمۇ دەل ئۇرۇقلاش سېپىدىكىلەردىن بولۇپ، يېقىندىن بىرى مەن ئىزچىل تۈردە يىمەكلىك ئارقىلىق ئۇرۇقلاش ئۇسۇلى سىناپ،  بەدەننىڭ ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىدىغان بەزى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىۋاتىمەن. شۇڭا، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئۆزۈم ئىستىمال قىلىۋاتقان بىر قورۇمىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.
   ئۇ قورۇما، موگۇ كۆكمۇچ قورىمىسى. بۇنىڭدىكى ئىككى خىل يىمەكلىك ماتىريالى، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان يىمەكلىكلەردىن بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ئەمما ئىنىرگىيە تەركىبى تۆۋەن؛ بۇندىن باشقا، تەركىبىدە ئاقسىل، يىمەكلىك تالا ماددىسى قاتارلىقلار مول بولۇپ، داۋاملىق ئىستىمال قىلغاندا، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە بەدەندىكى ماي تەركىبلىرىنى تازىلاپ، بەدەنگە ئىنىرگىيە سۈمۈرلۈشنى ئازايتىدۇ. شۇڭا، بۇ قورۇمىنى ھەرقانچە يىسىمۇ ئادەم سەمىرىپ قالمايدىغان بولۇپ، يەنە تېخى خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىپ، قان بېسىم، قاننىڭ ماي تەركىبىنى تۆەنلىتىش، يۈرەك قان تۇمۇرلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ.
   يۇقارقىلاردىن باشقا، موگونىڭ يەنە قېرىشنى ئاستىلىتىش، تىرە ئاقارتىش، داغ يوقىتىپ قورۇقچىلارنى سۇسلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار. ئەگەر موگونى كۆك لازا بىلەن قوشۇپ قورۇپ ئىستىمال قىلغاندا، ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق بەدەندىكى ماي تەركىبلىرىنى كۆيدۈرۈپ خورىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
    موگو كۆك لازا قورىمىسىنى تەييارلاش ئاسان، سۈرئەت تىز بولۇپ، ئائىلىدە تەييارلاپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئالدى بىلەن، موگو، كۆك لازا، تۇز، توخۇ تەم جەۋھىرى، سامساق، زەيتۇن مېيى قاتارلىق ماتىرياللارنى تەييارلىۋالىمىز؛ كەينىدىن، موگۇنى سۇغا ئازراق چىلاپ قويغاندىن كىيىن سۈزۈپ ئېلىپ، پاكىزە يۇيۇپ، ياپراقچە ھالىتىدە توغرايمىز؛ كۆك لازىنى يۇيۇپ، موگوغا ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە توغرايمىز؛ سامساقنى ئۇششاق توغراپ تەييارلايمىز.
  قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ، ئالدى بىلەن سامساقنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىن موگونى سېلىپ چوڭ ئوتتا تىز سۈرئەتتە قورۇيمىز؛ موگو 7-6ئۈلۈش پىشقاندىن كىيىن كۆك لازىنى سالىمىز؛ كۆك لازىغا ئۇلاپلا ئۈستىگە تۇز، توخۇ تەم جەۋھىرى قاتارلىق خۇرۇچ ماتىرياللىرىنى قوشۇپ تەم تەڭشەپ، داۋاملىق قورۇيمىز؛ خۇرۇچ ماتىرياللىرىنىڭ تەمى يىمەكلىك ماتىرياللىرىغا ئۆتكەندىن كىيىن، ئوتنى ئۆچۈرۈپ تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号