ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
توي تۇرمۇشىدا بۇ ئۈچ نەرسىگە ئىرىشەلمىسە ئاجرىشىپ كەتكەن ياخشى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
   تويلىشىش ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس، ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ توي تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بىرىشى ھەم ئىتىبار بىلەن قارىشى كىرەك. بىراق، توي تۇرمۇشى ئۆزىگە بەخىت ئېلىپ كىلەلمىگەن ھەمدە قارشى تەرەپكىمۇ بەخىت ئېلىپ كىلەلمىگەن ئەھۋالدا، ئۇنداقتا مىنىڭچە ئاجرىشىپ كەتكەن ياخشىراق بولىدۇ؛ چۈنكى بۇ، بەخىت تىلىگەنلىكنىڭ ۋە مەسئۇلىيەتچان بولغانلىقنىڭ ئىپادىسى.
   نۇرغۇن كىشىلەر مۇھەببەتلىشىشكە ماس كىلىدۇ، ئەمما توي قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ. مۇھەببەت جەريانىدا، بەزى كىشىلەر سىزگە ھەقىقەتەن سىز ئۈمىد قىلغان نەرسىلەرنى ئېلىپ كىلەلەيدۇ؛ بىراق، توي تۇرمۇشى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامىللار بەك كۆپ بولۇپ، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، قارشى تەرەپنىڭ سىز ئويلىغان نەرسىلەرنى سىزگە بىرەلىشى ناتايىن بولىدۇ. بىراق، توي تۇرمۇشىنىڭ تۇراقلىق ھالدا ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى يادرولۇق ئامىل، مۇھەببەت بولۇپ، ئەگەر توي تۇرمۇشىدا سىز تۆۋەندىكى ئۈچ خىل نەرسىگە ئىرىشەلمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئوتتۇرلۇقتا ئاساسەن مۇھەببەت يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ.
ھۆرمەت
   ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدا ھۆرمەتلەش بولىدۇ؛ بىراق، بۇ خىل ھۆرمەتلەش، خۇددى ناتۇنۇش كىشىلەرگە قىلىنغان تۈزۈتكە ئوخشاش ئۇنداق ھۆرمەتلەش ئەمەس. ئىلگىرى بىرسى مەندىن، "توي تۇرمۇشى دىگەن نىمە" دەپ سورىغاندا، مەن ئۇنىڭغا "توي تۇرمۇشى، بىر ئادەم ۋە بىر ئائىلىنىڭ بىزگە تىرەك بولۇشى" دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئەگەر سىزنىڭ ئىرىڭىز سىزنى ھۆرمەت قىلمىسا، ئۇنداقتا سىزگە تىرەك بولۇشتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟ ئادەم جەمئىيەتتە يۈزلىنىشكە تىگىشلىك ئىشلار ناھايىتى كۆپ، شۇڭا ئادەم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مۇھەببەتتىكى ھەمرىيىنىڭ قولىشىغا مۇھتاج بولىدۇ؛ بىراق، ئەگەر ئۇ سىزگە بۇنى بىرەلمىسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ سىزگە ئېلىپ كىلىدىغىنى ئىللىقلىق ئەمەس، بەلكى سۇغۇقچىلىق بولىدۇ. ئىرىڭىز سىزنى ھۆرمەت قىلمىسا، ئۇنداقتا سىزگە نىسبەتەن، ئائىلە بىلەن سىرتنىڭ كۆپ پەرقى بولمايدۇ.
كەڭ قوساقلىق
   سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، مەن سىزنىڭ ھەرخىل مىجەزلىرىڭىزنى كۆرەلەيمەن؛ سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، سىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتلاردىكى ئوخشاش بولمىغان مىجەز-خۇلقىڭىزنى كۆرۈشنى خالايمەن. مەن سىزنىڭ مەلۇم بىر ۋاقىتتىكى ئىپادىڭىزنى ياخشى، يەنە بەزى ۋاقىتتىكى ئىپادىڭىزنى ياخشى ئەمەس دەپ قارىمايمەن؛ پەقەت سىزلا بولسىڭىز، مەن ھەممىسىنى كۆرۈشنى خالايمەن. توي تۇرمۇشى، ئۆزلۈكسىز تۈردە قارشى تەرەپنى چۈشىنىش جەريانى؛ ئەگەر بىر ئادەم سىزگە كەڭ قوساق بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇ سىزنىڭ بارلىق ياخشى يامان تەرەپلىرىڭىزنىڭ ھەممىنى كۆرۈشنى خالىمىغان بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا سىزنى چۈشىنىشتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟ بىز ئېغىزىمىزدا ھەدىسىلا قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرىمەن دەپ جار سالىمىز، ئەمىلىيەتتە بولسا ئۇنىڭ ئەڭ ھەقىقى ھالىتىنى كۆرۈشنى خالىمايمىز، بۇنى قانداق مۇھەببەت دىگىلى بولسۇن؟
كۈيۈنۈش
   سىز بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن، شۇڭا سىزگە بارلىقىمنى بېغىشلاشنى خالايمەن. مەقسەتلىك ھالدا كۈيۈنەي دىمەيمەن ياكى مەقسەتلىك ھالدا ياخشى ئىپادە كۆرسىتەي دىمەيمەن، پەقەت ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ئەھۋالدا سىز ئۈچۈن بارلىقىمنى بېغىشلىۋىتىمەن. بەزى ياخشى كۆرۈشلەر، مەن ئۆزۈمنىڭ ئىرىشىدىغان ۋە يوقىتىدىغانلىرىمنى ئويلاپ كۆرگەندىن كىيىن، سىزنىڭ مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىڭىزنى بايقىغانلىقمدىن بولىدۇ؛ بەزى ياخشى كۆرمەسلىكلەر، يەنىلا ئىرىشىدىغان ۋە يوقىتىدىغانلىرىمنى ئويلاشقاندىن كىيىن، سىزنىڭ مەن يوقىتىدىغان بەزى مەنپەئەتلىرىمگە يەتمەيدىغانلىقىڭىزنى بايقىغانلىقىمدىن بولىدۇ. قىسقىسى، ئەگەر سىز ئۇنىڭ مەنپەئەتىچىلىك مۇھىم بولمىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ، ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىدىن بولىدۇ.
   بىر بۆلەك توي مۇناسىۋىتىدە، ئەگەر ئەركىشى سىزگە يۇقارقى ئۈچ نەرسىنى بىرەلمىسە، ئۇنداقتا بۇ توي تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ قىلچىلىك ئەھمىيىتى يوق؛ چۈنكى، بۇنداق توي مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىشىشى ئېلىپ كىلىدىغىنى، مۇھەببەت ئەمەس بەلكى ئازاپ بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号