ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇ ئىككى خىل تالاغا قاراش قىلمىشى قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
   تويلىشىش، ئەسلىدە ئىنتايىن مۇقەددەس بىر ئىش؛ بىراق، بەزى كىشىلەر تويلىشىشقا قارىتا، ئويناشقاندەك پوزۇتسىيە تۇتىدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى بەزى ياشلار، قىزىققانلىق قىلىپ تىز سۈرئەتتە توي تۇرمۇشىغا قەدەم قويىدۇ؛ ئەمما تويلىشىپ بولغاندىن كىيىن، يەنە تېخىمۇ تىز سۈرئەتتە توي تۇرمۇشىدىن ئاجراپ چىقىشنى ئويلايدۇ. بەزىلىرى ھەتتا، توي تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرماي تۇرۇپلا، كىيىنكى "بىكىتى"نى ئىزدەپ تېپىپ بولىدۇ.
   تالاغا قاراش قىلمىشى، ئەسلىدىنلا ئادەمنىڭ غەزىۋىنى قوزغايدىغان بىر خىل قىلمىش بولسىمۇ، ئەمما ھازىر، تالاغا قاراش قىلمىشى ۋاقتىنچە پەقەت ئەخلاق نوقتىسىدىنلا ئەيىبلىنىدۇ؛ بىراق، تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئەھۋالدا، تالاغا قاراش قىلمىشى سادىر قىلغان تەرەپنىڭ قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
قوش تويلىشىش
   ئالدى بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى، تالاغا قاراش، قوش تويلىشىشقا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. ئەمما، تويلاشقان ھەمرىيى بىلەن بولغان توي مۇناسىۋىتى ئۈزۈلمەي تۇرۇپ، ئىككىنچى بىر ئادەم بىلەن ئەر-خوتۇن نامىدا بىرگە تۇرسا، ئۇنداقتا بۇ خىل قىلمىش قوش تويلىشىش جىنايىتىگە چېتىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر ئالاقىدار قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بىكىتىشى ئارقىلىق جىنايىتى بىكىتىلسە، ئۇنداقتا بۇ ئادەم قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
تالاغا قاراش ئوبىكتى ھەربىيلەرنىڭ جۈپتى بولسا
   يەنە بىر خىل ئەھۋال بولسا، قارشى تەرەپنىڭ ھەربىينىڭ تويلاشقان ھەمدە توي مۇناسىۋىتى قانۇنلۇق بولغان جۈپتى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە قارشى تەرەپ بىلەن بىنورمال مۇناسىۋەتتە بولسا، ئۇنداقتا بۇنداق ئەھۋالدىمۇ قانۇنى جاۋاپكارلىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. چۈنكى، ھەربىيلەرنىڭ كەسپى خىزمىتى ئالاھىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ زىممىسىگە دۆلەت ۋە خەلق ئاممىسىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپە يۈكلەنگەن بولغاچقا، ئۇلار ھەرۋاقىت بۇيرۇق كۈتۈپ تەييارلىقتا تۇرىدىغان، ياكى ئۇزۇن مەزگىل ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەمرا بولالمايدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ؛ شۇڭا ھەربىيلەرنىڭ توي مۇناسىۋىتى قانۇن تەرپىدىن قوغدىلىدۇ. 
   ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، مەيلى قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدىغان يۇقارقىدەك تالاغا قاراش قىلمىشى بولسۇن ياكى ئادەتتىكى تالاغا قاراش قىلمىشى بولسۇن، ھەممىسى ئادىمىيلىك ئەخلاققا مۇخالىپ قىلمىش بولۇپ، بۇنداق قىلمىشتىن يېراق تۇرۇش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号