ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
توڭلاتقۇدىكى گۆشنى قانچىلىك ئۇزۇن ساقلاشقا بولىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھازىر ئاساسەن ھەممە ئۆيدە توڭلاتقۇ بار. نۇرغۇن كىشىلەر يىمەكلىكنى توڭلاتقۇغا سالغاندىن كىيىن، يىمەكلىكنى بىخەتەرلىك ئىشكاۋىغا سالغاندەك ھىس قىلىپ، بەزى يىمەكلىكلەرنى ھەتتا بىرەر يىلدىن ئارتۇق ساقلايدۇ.
   بىراق، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ بىلمەيدىغىنى، ئەمىلىيەتتە توڭلىتىپ ساقلانغان يىمەكلىكلەرنىڭمۇ ساقلاش ۋاقتى بار بولىدۇ.
   توڭلاتقۇدا توڭلىتىپ ساقلىغان يىمەكلىكلەرنى قانچىلىك ۋاقىتتىن كىيىن ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ؟
قىزىل گۆش تۈرى
   قوي، كالا گۆشلىرىنىڭ ساقلىنىش ۋاقتى ئادەتتە 12-10ئات ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، كالا گۆشىنىڭ تۇراقلىق دەرىجىسى مۇقىمراق، قارا گۆشنىڭ ساقلىنىش ۋاقتى مايلىق گۆشكە قارىغاندا ئۇزۇنراق بولىدۇ.
ئۆي قۇشلىرى گۆشلىرى
   توخۇ، ئۆدەك، غاز، كەپتەر قاتارلىقلارنىڭ گۆشلىرىنىڭ ساقلىنىش ۋاقتى، قىزىل گۆش تۈرىنىڭكىگە قارىغاندا نىسبەتەن قىسقىراق بولۇپ، 10-8ئايغىچە بولىدۇ.
دېڭىز مەھسۇلاتلىرى
   بېلىق، راك قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ساقلىنىش ۋاقتى، ئۆي قۇشلىرى گۆشىگە قارىغاندا تېخىمۇ قىسقا بولۇپ، ئادەتتە ئەڭ ياخشىسى 3ئايدىن ئاشۇرۋەتمەسلىك كىرەك.
گۆشنى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلاشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
  • ئۆي قۇشلىرى ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلىغاندا، ئىچىنى پاكىزە ئېلىۋىتىپ، ئىچ تېشىنى پاكىزە يۇۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن توڭلىتىپ ساقلاش كىرەك؛ باشقا يىمەكلىك ۋە گۆش تۈرلىرىنىمۇ توڭلىتىپ ساقلاشتىن بۇرۇن، ئەڭ ياخشىسى بىر يۇۋىتىپ، يۈز قىسمىدىكى باكتىرىيەلەرنى پاكىزلىۋىتىپ ئاندىن سېلىپ ساقلاش كىرەك.
  • بارلىق يىمەكلىكلەرنى توڭلىتىپ ساقلاشتىن بۇرۇن، بىر قېتىملىق ئىشلىتىش مىقدارى بويىچە پارچىلاپ، ئايرىم-ئايرىم قاچىلاپ ئاندىن توڭلىتىش، بىراقلا توڭلىتىپ قويۇپ، قايتا-قايتا ئىرىتىپ توڭلىتىشتىن ساقلىنىش كىرەك.
  • توڭلاتقۇنىڭ تىمپىراتۇرسىنى تەڭشەشتە، گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى توڭلىتىپ ساقلاشتىكى ئەڭ ياخشى تىمپىراتۇرا دائىرىسى، نۆلدىن تۆۋەن 25سىلتسىيە گىرادوستا تىز سۈرئەتتە توڭلاتقاندىن كىيىن، نۆلدىن تۆۋەن 18سىلتسىيە گىرادوسلۇق مۇقىم تىمپىراتۇرا مۇھىتىدا ساقلاش كىرەك.
باشقا تۈردىكى يىمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇدا قانچىلىك ئۇزۇن ساقلىغىلى بولىدۇ؟
   خام تۇخۇم: توڭلاتقۇنىڭ سۇغۇق ساقلاش ئىشكابىدا 60-30كۈن ساقلاشقا بولىدۇ.
   پىششىق تۇخۇم: سۇغۇق ساقلاش ئىشكابىدا 7-6كۈن ساقلاشقا بولىدۇ.
   كالا سۈتى: سۇغۇق ساقلاش ئىشكابىدا 6-5كۈن ساقلاشقا بولىدۇ.
   قېتىق: سۇغۇق ساقلاش ئىشكابىدا 10-7كۈن ساقلاشقا بولىدۇ.
   قەھۋە: ئېغىزى ئېچىۋىتىلگەن بولسا، سۇغۇق ساقلاش ئىشكابىدا 14كۈن ساقلاشقا بولىدۇ.
   كونسىرۋالىق يىمەكلىكلەر: ئېغىزى ئېچىلمىغان بولسا، سۇغۇق ساقلاش ئىشكابىدا 360كۈن ساقلاشقا بولىدۇ.
   خاسىڭ قىيامى، كۈنجۈت قىيامى: ئېغىزى ئىچىلغانلىرىنى، سۇغۇق ساقلاش ئىشكابىدا 90كۈن ساقلاشقا بولىدۇ.
   پەمىدۇر: سۇغۇق ساقلاش ئىشكابىدا 12كۈن ساقلاشقا بولىدۇ.
   پالەك: سۇغۇق ساقلاش ئىشكابىدا 5-3كۈن ساقلاشقا بولىدۇ.
   سەۋزە، كەرەپشە: سۇغۇق ساقلاش ئىشكابىدا 14-7كۈن ساقلاشقا بولىدۇ.
   نەشپۈت: سۇغۇق ساقلاش ئىشكابىدا 2-1كۈن ساقلاشقا بولىدۇ.
   ئاپلىسىن: سۇغۇق ساقلاش ئىشكابىدا 7كۈن ساقلاشقا بولىدۇ.
   ئالما: سۇغۇق ساقلاش ئىشكابىدا 12-7كۈن ساقلاشقا بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号