ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تۇخۇم پىشۇرسىڭىز ھەمىشە ئېتىلىپ كىتەمدۇ؟ بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-07 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئادەتتە ئۆيدە تۇخۇم پىشۇرغان ۋاقىتتا، ھەمىشە تۇخۇمنى ئېتىلدۇرۇپ چىقىرۋىتىمىز. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئاددى بىر ئۇسۇلنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز؛ بۇ ئۇسۇلنى سىناپ باقسىڭىز، تۇخۇم ئېتىلىپ كەتمەيلا قالماي، يەنە سويماقمۇ ئاسان بولىدۇ.
   بۇ ئۇسۇل ناھايىتى ئاددى. تۇخۇمنى پاكىزە يۇغاندىن كىيىن، ئۇنى قازاندىكى سۇغۇق سۇغا سېلىپ، ئالدى بىلەن ئوت ئېچىشقا ئالدىرماي، تۇخۇمنى سۇغا ئازراق ۋاقىت چىلاپ قويىمىز؛ بۇنىڭدا، تۇخۇمنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ تىمپىراتۇرسى سۇ بىلەن ئوخشاش ھالەتتە تەڭشىلىدۇ.
   ئوتنى ياققاندىن كىيىن، بىراقلا چوڭ ئوتتا پىشۇرۇشقا بولمايدۇ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ياكى كىچىك ئوتتا ئاستا-ئاستا قاينىتىپ پىشۇرۇش كىرەك؛ بۇنىڭدا، تۇخۇمنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى تىمپىراتۇرا بالدۇر ئۆرلەپ كەتمەيدۇ، بەلكى سۇنىڭ تىمپىراتۇرسى بىلەن تەڭ ئۆرلەيدۇ ھەمدە پىشۇرۇش جەريانىدا تۇخۇم ئېتىلىپ چىقىپ كەتمەيدۇ.
   7-6مىنۇت پىشۇرغاندىن كىيىن، ئوتنى ئۆچۈرۋىتىمىز، ئەمما تۇخۇمنى سۈزۈپ ئالغىلى ئالدىرماڭ؛ ئوتنى ئۆچۈرگەندىن كىيىن، تۇخۇمنى قازاندا بەش مىنۇت قويۇپ ئاندىن ئالساق، پىشۇرغان تۇخۇم بەك پىشىپمۇ كەتمەيدۇ ھەم سېرىغى بەك خاممۇ قالمايدۇ.
   بۇندىن باشقا، تۇخۇم پىشۇرغان سۇغا ئازراق ئاق ئاچچىقسۇ قوشۇۋەتسەك بولىدۇ؛ ئاچچىقسۇنىڭ تۇخۇم ئېقىنىڭ قېتىشىشقا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىش رولى بار بولۇپ، بۇنىڭدا، پىشۇرۇش جەريانىدا تۇخۇم ئاسانلىقچە ئېتىلىپ چىقىپ كەتمەيدۇ.
   پىشۇرۇپ سۈزۈپ ئالغان تۇخۇمنى سۇغۇق سۇدىن بىر ئۆتكۈزۈۋەتسەك، بىر قىزىپ بىر سۇغۇش جەريانىدا، تۇخۇم شاكىلى بىلەن تۇخۇم ئارىسىدا بەلگىلىك بوشلۇق پەيدا بولۇپ، ئۆزلىكىدىن ئايرىلىپ تۇتىشىۋالمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا تۇخۇمنى سويىماقمۇ تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号