ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇ ئىككى ئىشتا يول قويمىغان ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى بەخىتلىك ئۆتىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-07 كۆرۈلىشى : قېتىم
   توي تۇرمۇشى بەخىتلىك بولۇش، بارلىق ئاياللارنىڭ ئارزۇسى؛ بىراق رىئال تۇرمۇشتا، ئاياللار توي تۇرمۇشىنى بەخىتلىك ئۆتكۈزەلىشى ئۇنچە ئاسان ئەمەس بولۇپ، بۇنىڭدا مۇناسىۋەتنى ياخشى ساقلاشقا تىرىشىش كىرەك بولىدۇ.
   توي تۇرمۇشىدىكى كۆپ قىسىم بەخىتلىك ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۇلاردا ھامان بەزىبىر ئوخشىشىپ كىتىدىغان جايلىرى بولىدۇ. ئۇلار توي تۇرمۇشىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلدىغان بولۇپلا قالماي، توي تۇرمۇشىدا يەنە ئۆزلىرىنىڭ بەزىبىر پىرىنسىپلىرىنى ساقلىغان بولىدۇ.
    ئۇلار بەزى ئىشلارغا كەڭ قوساق بولىدۇ ھەم ئەپۇ قىلىدۇ، بىراق يەنە بەزى ئىشلارغا قارىتا، ئەركىشىنىڭ قارمۇ-قارشى ئىش كۆرۈشىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ. چۈنكى توي تۇرمۇشى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق رىئايە قىلىشى ۋە قوغدىشىغا مۇھتاج بولىدۇ.
   توي تۇرمۇشى بەخىتلىك ئۆتىۋاتقان ئاياللار، تۆۋەندىكى بۇ ئىككى ئىشتا ھەرگىز يول قويۇپ كەينىگە چىكىنمەيدۇ.
پىرىنسىپنى يوقاتقان ھالدا يول قويۇش
    ئىككەيلەن بىر-بىرىنى ھەرقانچە ياخشى كۆرۈشسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئادەتلىرى، مىجەز-خارەكتىرى ۋە مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزۇتسيەسى قاتارلىقلار ئوخشاش بولمايدىغان بولغاچقا، ئىككەيلەن بىرگە ئۆتۈش جەريانىدا، ئۆز-ئارا يول قويۇپ ھەم كەڭ قوساق بولۇپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇ؛ بولمىسا، ئارىدا جىدەل قۇرىماي، ھەمىشە زىددىيەتلىشىپ ئۆتىدۇ.
    ئەلۋەتتە، بۇ يەردىكى كەڭ قوساق بولۇش، پىرىنسىپاللىقىنى يوقاتقان ھالدا كەڭ قوساق بولۇپ يول قويۇشنى كۆرسەتمەيدۇ؛ مەيلى قانداق ئىش بولمىسۇن، ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ پىرىنسىپى بار بولۇشى، پىرىنسىپقا تاقاشمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن كەڭ قوساق بولۇپ يول قويۇشى كىرەك.
     بىراق، ئەگەر بىر ئەركىشى ھەدىسىلا سىزنىڭ ئاخىرىقى چەك-پىرىنسىپىڭىزغا رىقابەت ئېلان قىلىپ، سىزنى ئازراقمۇ كۆزگە ئىلىپ قويمىسا، ھەرقانداق ئىشتا سىزنى ئويلاشماي، كۆڭلىڭىزگە توختىماي ئازار بىرىۋەرسە، بۇنداق ئەركىشىگە قارىتا، ئايال كىشى ھەتتا توي تۇرمۇشىدىن ۋاز كەچسىمۇ بولىدۇ.
   پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا، ئۇ ئاندىن كىيىنكى كۈنلەردە سىزگە ئاسانلىقچە يوغانلىق  قىلالمايدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، پەقەت مۇشۇنداق پىرىنسىپنى چىڭ ساقلىيالايدىغان ئاياللارلا، ئاندىن ئەرلەرنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىماي، توي تۇرمۇشىنى بەخىتلىك ئۆتكۈزەلەيدۇ.
توي تۇرمۇشىنى دەپ ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ
    ئايال كىشى، مەيلى قانداقلا ۋاقىتتا بولمىسۇن، ئۆزىنى يوقىتىپ قويسا بولمايدۇ.
   تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئاياللار توي قىلىپ پەرزەنت يۈزى كۆرگەندىن كىيىن، بالا بېقىش، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش قاتارلىقلار جەريانىدا تەدرىجى ھالدا مۇرەسسەگە چۈشىدىغان بولۇپ، بەزىلەر ھەتتا ئائىلىسى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كىرىمىدىن ۋە قىزىقىشلىرىدىن ۋاز كىچىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىپ ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئاخىرىدا، نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىگەندىن كىيىن، يەنىلا ئەركىشىنىڭ تاشلىۋىتىشىدەك ئاقىۋەتتىن قۇتۇلالمايدۇ.
   جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە، شۇڭا ئايال كىشى يۈزلىنىشكە تىگىشلىك بولغان مەسئۇلىيەتمۇ تېخىمۇ چوڭ بولماقتا. بىر ئايال كىشى ئەگەر ئەركىشىنىڭ ئىتىبار بىلەن قارىشىغا ئىرىشىمەن دىسە، ئۆيدە ياخشى ئايال ياخشى ئانا بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل بىر ئىگىلىكى ۋە كىرىمى بار بولۇشقا مۇھتاج.
   ئەگەر ئايال كىشى تۇرمۇشتا، ئۆزىنى بېقىشمۇ تەسكە توختىسا، ھېچقانداق قىزىقىش ھەۋەسلىرى بولمىسا ۋە ھەممە ئىشتا ئەرنىڭ سىزىغىدىن چىقماي ئۆتسە، ئەر كىشى ئۇنىڭدىن بىزار بولۇپلا قالماي، ھەتتا ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھالىتىنى ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن.
   ئەكسىچە، ئەگەر ئايال كىشى مۇستەقىل ھەم ئالغا ئىنتىلىدىغان بولسا، ئۆزىنىڭ ئىگىلىكى ۋە كىرىمى بولسا، ئاخىرىدا ئەركىشىدىن ئايرىلغان تەقدىردىمۇ، تۇرمۇش مەسىلىسى ئۈچۈن غەم تارتمايدۇ.
ئاخىرقى سۆز
   توي تۇرمۇشى خۇددى بىر مەيدان ئويۇنغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ مەيلى قانچىلىك ياخشى كۆرۈشمىسۇن، ۋە قانچىلىك بەدەل تۆلىگەنلىكى بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرمايدىغان بولمىسۇن، ئەمما ئايال كىشى توي تۇرمۇشىدا، چوقۇم ئۆزىنىڭ پىرىنسىپى بار بولمىسا بولمايدۇ. ئىرىڭىزنىڭ ئەتىدىن كەچكىچە ھاراق ئىچىپ يۈرۈشلىرىگە، ناگاندا بىر يولسىزلىق قىلىشلىرىغا كەڭ قوساق بولسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ سىزنىڭ ئاخىرىقى چەك-پىرىنسىپلىرىڭىزغا تىگىش قىلىشىغا قەتئى يول قويماسلىقىڭىز كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号