ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇ بودەكنىڭ جاڭ خۇيمېي ئىكەنلىكىنى تۇنىيالىدىڭىزمۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
   گۈزەل بىر بەدەن شەكلىگە ئىرىشىش، ھەربىر قىزلارنىڭ چۈشىدىمۇ ئارزۇ قىلىدىغان بىر ئىش؛ بۇ سەۋەپلىك، ئۇرۇقلاش، كۆپ قىسىم خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئۆمۈرلۈك خىزمىتىگە ئايلىنىپ قالدى. ئادەتتىكى پۇقرالار بەدەن شەكلىگە بۇنچىلىك ئەھمىيەت بەرگەن يەردە، سەنئەتكار چولپانلار ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلىنى تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرىدۇ؛ چۈنكى، بۇ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى.
   تاماشا چەمبىرىكىدىكى ئايال چولپانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىنتايىن ئۇرۇق بولۇپ، بەزىبىر ئاسان سەمىرىپ قالىدىغان چولپانلار ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئەزەلدىن مايدا داغلانغان يىمەكلىكلەرگە يېقىن كەلمەيدۇ؛ ھەرقانچە مەززىلىك تائاملار ئالدىغا تىزىلسىمۇ، ئۇلار ئۆزىنى قاتتىق كونتىرول قىلىدۇ. چۈنكى، ئەگەر بەدەن شەكلىدىن چاتاق چىقسا، ئۇلار ناھايىتى تىزلا شاللىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كىتىدۇ.
   بىراق يەنە بەزىبىر ئالاھىدە مىساللارمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ بەزى كەسپى ناخشىچىلار؛ ئۇلار گەرچە سېمىز بولسىمۇ، ئەمما كەسپى سەۋيىسى خېلىلا يۇقىرى بولغاچقا، ئوخشاشلا داڭلىنىۋىرىدۇ. مەسىلەن، خەن خۇڭ، جاڭ خۇيمېي. خەن خۇڭ بۇرۇندىن باشلاپ شۇنداق سېمىز، بىراق جاڭ خۇيمېي ئۇنداق ئەمەس. جاڭ خۇيمېينىڭ بەدەن شەكلى ئىلگىرى شۇنداق گۈزەل بولۇپ، يېقىنقى نەچچە يىلدىن بىرى بەدەن ئېغىرلىقى كونتىروللىقىنى يوقىتىپ، سەمىرىپ خەن خۇڭغا يىتىشەيلا دەپ قالغان. ئۇنداقتا جاڭ خۇيمېي نىمشىقا بۇنچىۋالا سەمىرىپ كەتكەن؟
   يېقىندا، شاڭگاڭ ئاخباراتلىرى جاڭ خۇيمېينىڭ سەمىرىپ كىتىشىنىڭ سەۋەبىنى ئانالىز قىلىپ، تۆۋەندىكى تۆت نوقتىغا يېغىنچاقلىغان. بىرسى، ھەددىدىن ئارتۇق چارچاپ كىتىش سەۋەبىدىن سەمىرىپ كىتىش؛ بۇنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بار، چۈنكى ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، جاڭ خۇيمېي ناخشا-مۇزىكا جەھەتتە ئىنتايىن تىرىشچان ھەم ئالغا ئىنتىلىدىغان بىر سەنئەتكار. ئىككىنچىسى بولسا، ئائىلە سېمىزلىك كىسىلى بولۇپ، ئىرسىيەت ئامىلىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. ئۈچىنچىسى بولسا، ھورمۇنلۇق دورا يىيىش، تۆتىنچىسى ياشقا چوڭىيىپ مىتابولىزىم ئاستىلاپ كىتىش.
   بۇ تۆت خىل سەۋەپ بىر يەرگە كەلسە، ئادەتتىكى كىشىلەر بۇنىڭغا قارشى تۇرۇپمۇ قارشى تۇرۇپ بولالمايدۇ. شۇڭا بۇ ئىككى يىلدا جاڭ خۇيمېينىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا ئاساسەن يۈز كۆرسەتمەسلىكىدىن ئەجەبلەنمىسەكمۇ بولغۇدەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号