ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇ ئۈچ خىل يىمەكلىكنى كىچىسى قوندۇرۇپ يىيىشكە بولمايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، بەزىدە تەييارلىغان تاماقلىرىمىزنىڭ ئېشىپ قېلىشىدىن ساقلىنالمايمىز؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بەزى يىمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇپ، ئەتىسى ئىسسىتىپ يەۋەتسەك بولىدۇ. بىراق، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يىمەكلىكنى، ھەرقانچە كۆزىمىز قىيمىسىمۇ، كۈن ئاتلىتىپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ، بولمىغاندا سالامەتلىككە چوڭ زىيان يەتكۈزىدۇ.
تۇخۇم
   تۇخۇمنى كىچە ئۆتكۈزۈپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ. نۇرغۇن ياشلار تۇخۇم يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېرىم پىشقان ھالەتتە يىيىشنى كۆرىدۇ. بىراق، بۇ خىل تۇلۇق پىشمىغان تۇخۇم تەركىبىدىكى باكتىرىيە ۋىرۇسلار پۈتۈنلەي يوقىتىلىپ بولالمايدىغان بولغاچقا، بۇنىڭغا تۇخۇمنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىنىڭ ئەسلىدىنلا يۇقىرى بولۇشى قوشۇلۇپ، تەركىبىدىكى باكتىرىيە ۋىرۇسلار تېخىمۇ كۆپىيىپ كىتىدۇ. بۇنداق تۇخۇمنى ھەمىشە يىگەندە، سالامەتلىككە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. شۇڭا، تۇخۇمنى ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا پىشۇرۇپ ۋاقتىدا يەۋىتىش كىرەك.
دېڭىز مەھسۇلاتلىرى
   بېلىق، راك قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئەگەر ۋاقتىدا تۈگىتىپ يەپ بولالمىغاندا، ئەگەر ئۇنى ساقلاپ قويۇپ كۈن ئۆتكۈزىۋەتسەك، تەركىبىدە ئاقسىلنىڭ پارچىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان ماددىلار پەيدا بولىدۇ؛ بۇ ماددىلارنىڭ بولسا، ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيانلىق تەسىرى بار.  شۇڭا دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىمۇ، ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا تۈگىتىپ يەۋىتىش كىرەك.
ئاق قېرىنقولاق
   ئادەتتە، ئۆيدە ئاق قېرىنقولاق چىلان شورپىسى قىلىپ ئىچسەك، بەدەنگە پايدىلىق؛ بىراق، بىر قېتىمدا تەييارلىغان ئاق قېرىنقولاقنى بىر قېتىمدا تۈگىتىپ يەپ بولالمىساق، ئۇنى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلاپ ئسىتىمال قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئاق قېرىنقولاقنى پىشۇرۋالغاندىن كىيىن، ئەگەر قويۇپ قويغان ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، تەركىبىدىكى زەمبۇرۇغلارنىڭ پارچىلاش تەسىرى ئاستىدا، ئاق قېرىنقولاقتا بەزىبىر نىترىتلار شەكىللىنىپ قېلىش مۇمكىن. ئەگەر بۇ خىل ئاق قېرىنقولاقنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، بەدەنگە قارىتا زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号