ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ياز پەسلىدە كۆكتاتنى قانداق ئىستىمال قىلىش كىرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
    كىچىك ۋاقتىمدا ھەمىشە كۆكتات يىيىشنى ياخشى كۆرمەيتتىم، كىيىنچە ئاتا-ئانامنىڭ نەسىھىتى ئاستىدا ھەمدە ئانامنىڭ بىر قوللۇق تەييارلىغان مەزىلىك تائاملىرىنىڭ "قىزىقتۇرۇشى" ئاستىدا، ئۇلارنى ياقتۇرۇپ قالدىم.
   ھازىر يازنىڭ تۇمۇز كۈنلىرى، تاماق ئۈستىلىدىكى مايلىق يىمەكلىكلەرنى كۆرسەك، ئىشتىھايىمىز شۇ ھامان تۇتۇلۇپ كىتىدۇ؛ ئەكسىچە، كۆكتاتلار ئادەمنىڭ كۆزىگە باشقىچە چىرايلىق كۆرىنىدۇ. چۈنكى، كۆكتاتلار تەمى ياخشى، يىڭى ھەم چۈرۈك؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈرلىرىمۇ كۆپ بولغاچقا، كۆڭۈلنى تۇتىۋالىدىغان ياكى يەۋىرىپ زىرىكىپ قالىدىغان ئەھۋال بولمايدۇ.
ياز كۈنىدە يىيىشكە ماس كىلىدىغان كۆكتاتلار
   كاۋا تۈرىدىكى كۆكتاتلار: كۆك كاۋا، تەرخەمەك، چارخەمەك، ئاغىچا، پىدىگەن قاتارلىق كاۋا تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگۇ تىبابىتى نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ خىلدىكى كۆكتاتلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىسسق يەلنى ھەيدەپ بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى تازىلاش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار بولۇپ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشتىكى ياخشى يىمەكلىكلەردۇر. ھازىرقى زامان ئۇزۇقلۇقشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ قىسىم كاۋا تۈرىدىكى كۆكتاتلارنىڭ سۇ تەركىبى %90دىن يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ خىل مىنرالنى ماددىلار ۋە ۋىيتامىنلىق تەركىبلىرى بار بولۇپ، ياز كۈنى تەرلەش سەۋەبىدىن ئېقىپ خوراپ كەتكەن سۇ تەركىبى ۋە ئۇزۇقلۇقنى ئۈنۈملۈك ھالدا تۇلۇقلىيالايدىكەن.
   يىلتىز غول يۇپۇرماقلىقلار تۈرىدىكى كۆكتاتلار: تاتلىق ياڭيۇ يۇپۇرمىقى، چىڭسەي، شىڭسەي قاتارلىق يىلتىز غول يۇپۇرماقلىقلار تۈرىدىكى كۆكتاتلار. ئەنئەنىۋى جۇڭگۇ تىبابىتىنىڭ قارىشىچە، ياز كۈنى بۇ خىلدىكى تەبىئىتى سۇغۇق كۆكتاتلارنى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىپ، ئىسسىق ئۆتۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەمدە ئىسسىق يەلنى ھەيدەپ بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋەتكىلى ۋە قەۋزىيەتنى ياخشىلىغىلى بولىدىكەن.
نىمە ئۈچۈن يازلىق كۆكتاتلارنى تاللاپ يەيمىز؟
   نۇرغۇن كۆكتاتلارنى، باشقا پەسىللەردىمۇ يىيىشكە بولىدۇ؛ بىراق بۇ خىل كۆكتاتلارنىڭ يىتىشتۈرۈش جەريانى تەبىئى ئۆسۈپ-يىتىلىش قانۇنىيىتىگە ماس كەلمىگەچكە، بەزىبىر كىشىلەر بۇ خىل كۆكتاتلارنى يىتىشتۈرۈش جەريانىدا، ئۇلارغا توختىماستىن پىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىدۇ؛ بۇنداق كۆكتاتلارنى ئۇقۇشماي سېتىۋىلىپ ئىستىمال قىلغاندا، ئادەم بەدىنىگە بەلگىلىك زىيانلىق تەسىر يەتكۈزىدۇ.
   ئۆز پەسلىدە تەبىئى يىتىلگەن كۆكتاتلار ساغلام يىمەكلىك ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇنداق كۆكتاتلار تەركىبىدە زور مىقداردا يىمەكلىك تالا ماددىسى بار؛ شۇڭا بۇ خىل كۆكتاتنى ئىستىمال قىلغاندا، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە تېخى كۆپ خىل ۋىيتامىنلارنى تۇلۇقلاپ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号