ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تۇزلانغان ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
   نۇرغۇن كىشىلەر تۇزلانغان ئۆردەك تۇخۇمى يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ رەڭگى ۋە تەمى ئوخشاشلا ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى غىدىقلايدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ تۇزلانغان ئۆدەك تۇخۇمى يىيىش تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، جەنۇپ-شىمال سۇلالىلەر دەۋرىدىن باشلاپلا، ئۆردەك تۇخۇمىنى تۇز سۈيىگە چىلاپ قويۇپ، بىر ئاي ئۆتكەندىن كىيىن ئىستىمال قىلسا بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان. ئۇنداقتا، تۇزلانغان ئۆردەك تۇخۇمى ئىستىمال قىلىشنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟ قايسى خىلدىكى كىشىلەر تۇزلانغان ئۆردەك تۇخۇمى يىيىشكە بولمايدۇ؟
تۇزلانغان ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟
   تۇزلانغان ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى، يىڭى ئۆردەك تۇخۇمىغا يېقىنلىشىپ قالىدۇ؛ بىراق تۇزلاش جەريانىدا، ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ غەلىتە پۇرىقى يوقىتىلىپ، ئۇزۇقلۇقى تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرىلىدىغان بولىدۇ. تۇزلانغان ئۆردەك تۇخۇمى تەركىبىدە، ئاقسىل، ئامىنو كىسلاتاسى، ياغ، ۋىيتامىن، كالتسى، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەزىم قىلىنىپ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى. ئەنئەنىۋى جۇڭگۇ تىبابىتىنىڭ قارىشىچە، تۇزلانغان ئۆدەك تۇخۇمىنىڭ تەبىئىتى سۇغۇق بولۇپ، يۈرەك ، ئۆپكە، ئۆت قاتارلىقلارغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، ھۆتەلنى توختىتىش، قوساق ئاغرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.
قايسى خىلدىكى كىشىلەر تۇزلانغان ئۆردەك تۇخۇمى يىيىشكە ماس كەلمەيدۇ؟
   تۇزلانغان ئۆردەك تۇخۇمى گەرچە ياخشى بولسىمۇ، ئەمما بەزى كىشىلەر يىيىشكە ماس كەلمەيدۇ؛ مەسىلەن، ھامىلدار ئاياللار، مىزاجىدا قۇرۇق ئىسسىق ئېشىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ يىيشىگە ماس كەلمەيدۇ. بۇندىن باشقا، تۇزلانغان ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ تۇز تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا، يۈرەك-مىڭە قان تۇمۇر كىسەللىكلىرى، يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىكى، قاننىڭ ماي تەركىبى يۇقىرى كىسەللىكىرى بىمارلىرى ئىمكان قەدەر ئاز ئىستىمال قىلىشى ياكى ئىستىمال قىلماسلىقى كىرەك.
   ئادەتتە، تۇزلانغان ئۆردەك تۇخۇمى يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر، ھەر قېتىمدا بىر تالدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلماسلىقى كىرەك، ئەڭ ياخشى يېرىم تال بولسا ئەڭ مۇۋاپىق. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۇزلانغان ئۆردەك تۇخۇمى يىگەن ۋاقىتتا، باشقا تۈردىكى يۇقىرى تۇز تەركىبلىك يىمەكلىكلەر ۋە ناترى تەركىبى يۇقىرى بولغان خۇرۇچ ماتىرياللىرىنى ئاز ئىستىمال قىلىش، ھەمدە كۆپرەك سۇ ئىچىپ بىرىش ياكى يىڭى مىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كىرەك.
   ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا،  تۇزلانغان ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ ئۇزۇقلۇقى ياخشى، ساغلام ھەم ئۈنۈملۈك بولۇپ، تۆۋەندە تۇزلانغان ئۆردەك تۇخۇمى تەييارلاش ئۇسۇلىنى ئاددىيلا تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز: يىڭى ئۆردەك تۇخۇمىنى پاكىزە يۇيۇپ قۇرۇتقاندىن كىيىن، ساپال قاچىنىڭ ئىچىگە سېلىپ، تۇز سۈيىگە چىلاش، ياكى لاي تۇزنىڭ ئارىسىغا كۆمۈپ قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تەييارلاشقا بولىدۇ؛ ئادەتتە، قۇرغاق، تەسكەي ھەم ھاۋا ئۆتىشىدىغان جايدا 20كۈن ئەتراپىدا قويۇپ قويغاندىن كىيىن ئېلىپ ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号