ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قەھۋەنىڭ ئۇرۇقلىتىش ئۈنۈمىنىڭ ئىلمى ئاساسى بار بولدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
    تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر بىرەر تەركىبنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى قوڭۇر رەڭلىك ياغلارنى قوزغىتالايدىغانلىقىنى تېپىپ چىقالىساق، بۇنى بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىشقا ئىشلىتىشكە بولىدىكەن ۋە ياكى گىلوكوزىنى تەڭشەش پىلانىنىڭ بىر قىسمى قىلىپ قوللىنىپ، دىئابىت كىسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدىكەن.
    ئامىرىكا كۈندىلىك ئىلىم-پەن تورىنىڭ يېقىنقى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەلىك ئالىملار، بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىش ئارقىلىق، بەدەندىكى قوڭۇر رەڭلىك ياغلارنى غىدىقلاپ، بەدەندىكى ئىنىرگىيەنى تېخىمۇ كۆپ كۆيدۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدىكەن ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۇرۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن.
    قوڭۇر رەڭلىك ياغلار، ئىنسانلار ۋە باشقا سۈت ئەمگۈچى جانلىقلارنىڭ تېنىدە بايقالغان ئىككى خىل ياغ تۈرىنىڭ بىرى بولۇپ،  ئالىملار دەسلىۋىدە، پەقەت يىڭى توغۇلغان بوۋاقلار بىلەن قىشلىق ئۆچەككە كىرگەن سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردىلا بۇ خىل ياغ تۈرى بار دەپ قارىغان؛ بىراق يېقىنقى يىللاردىن بويان، ئالىملار قورامىغا يەتكەن كشىىلەردىمۇ قوڭۇر رەڭلىك ياغ بار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئۇنىڭ ئاساسلىق رولىنىڭ بەدەندىكى ئارتۇق ئىنىرگىيەنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىش ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
    ئەڭ يىڭى تەتقىقات تۈرىنىڭ مەسئۇل خادىمى، نودىنھام داشۆسى تىببى شۆيەنىنىڭ  پىروففىسورى مىشىل.سىمونس مۇنداق چۈشەنچە بەرگەن: "قوڭۇر رەڭلىك ياغلارنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى، بەدەندىكى باشقا تۈردىكى ياغلارغا ئوخشىمايدۇ؛ سۇغۇققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ قەنت ۋە ياغلارنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇرغاندا، قاننىڭ قەنت مىقدارىنى كونتىرول قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا، قاننىڭ ماي تەركىبىنى ياخشىلاشقا ۋە بەدەندىكى ئارتۇق ئىنىرگىيەنى خورىتىپ تۈگىتىشكە پايدىلىق بولۇپ، بۇ ئارقىلىق، بەدەن ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىگە يىتىشكە بولىدۇ. بىراق ھازىرغا كەلگىچىلىك، ئادەم بەدىنىدىكى قوڭۇر رەڭلىك ياغلارنى قوزغىيالايدىغان، قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان ئۇسۇل تېپىلمىدى".
    بۇ سەۋەپلىك، تەتقىقات كوللىكتىۋى ئالدى بىلەن بىر قاتار غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىپ، قەھۋەنىڭ قوڭۇر رەڭلىك ياغلارنى غىدىقلايدىغان ياكى غىدىقلىمايدىغانلىقىنى بىكىتكەن؛ توغرا بولغان مىقدارنى ئىزدەپ تاپقاندىن كىيىن، ئۇلار ئادەم بەدىنىدە تەجىربە ئىشلەپ، ئىسسىقلىقتىن سۈرەت شەكىللەندۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ قوڭۇر رەڭلىك ياغنى تېپىشىغا ياردەملەشكەن ھەمدە ئۇنىڭ ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىنى باھالاپ چىققان.
    سىمونس مۇنداق دىگەن: "ئىلگىرىكى تەتقىقاتلار بىزگە شۇنى ئېيتىپ بىرىدۇكى، قوڭۇر رەڭلىك ياغلار ئاساسلىقى بويۇن قىسىمغا مەركەزلەشكەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، قەھۋە ئىچكەندىن كىيىن، قوڭۇر رەڭلىك ياغلارنىڭ قىزىغان ياكى قىزىمىغانلىقىنى بىكىتىپ چىقالىدۇق. بىز ھازىر، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ئاساستا، قوڭۇر رەڭلىك ياغلارنى قوزغاتقىنى كوففىئىنمۇ ياكى باشقا تەركىبمۇ، بۇ مەسىلىنى ئىنىقلاپ چىقىشىمىز كىرەك. بىز ھازىر كوففىئىننىڭ تۇلۇقلىغۇچى ماددىسىنىڭ، بۇنىڭغا ئوخشاش ئۈنۈمى بار يوقلۇقىنى تەتقىق قىلىۋاتىمىز.
   تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ئۇلار قايسى تەركىبنىڭ قوڭۇر رەڭلىك ياغلارنى قوزغىتىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىكىتىپ چىقالىسا، بۇنى بەلكىم بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىش جەھەتتە قوللىنىشى ياكى گىلوكوزىنى تەڭشەش پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، دىئابىت كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قوللىنىش مۇمكىن ئىكەن.
   سىمونس مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: " بۇ، بىر ئىستاكان قەھۋەنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى قوڭۇر رەڭلىك ياغلارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى تەتقىق قىلغان تۇنجى قېتىملىق تەتقىقات بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور؛ چۈنكى، سېمىزلىك، ھازىرقى جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق ساغلاملىق مەسىلىسى بولۇپ قالغان، دىئابىت كىسىلى بىمارلىرىمۇ نىسبەتەن كۆپ. قوڭۇر رەڭلىك ياغلار توغرىسىدىكى بۇ تەتقىقات، بۇ كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا نىسبەتەن زور ئۈمىدلەرنى ئېلىپ كەلدى".

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号