ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
پاشا قايسى خىل كىسەللىكلەرنى تارقىتىدۇ؟ ئەيدىز كىسىلىنىچۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-30 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ياز، كۈز كۈنلىرىدە پاشا كۆپلەپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەمنى پاشا چېقىۋىلىش نىسبىتى يۇقىرىلايدۇ. پاشا چېقىۋالغاندىن كىيىن، كۆپ قىسىم ئادەمدە كۆرۈنەرلىك ئىنكاس كۆرۈلمەيدۇ، پەقەت ئازراق قاپىرىپ ياكى قىزىرىپ قالىدۇ ھەمدە ئازراق قىچىشىدۇ.  بىراق، بەزى كىشىلەردە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغايدىغان بولۇپ، پاشا چىقىۋالغان يەر قاتتىق ئىششىپ كىتىدۇ ۋە دوختۇرغا كۆرۈنگىلى سالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، پاشا يەنە كىسەللىك ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگەن بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
پاشا قايسى خىلدىكى كىسەللىكلەرنى تارقىتىدۇ؟
   دۇنيا مىقياسىدا، پاشا تارقىتىدىغان كىسەللىكلەردىن، بەزگەك، سېرىق قىزتما، دېنگېي قاناش قىزىتمىسى، كېكونكېنيارى، زىكا ۋىروسى قاتارلىقلار بار. ئامىرىكىدا، پاشىنىڭ چېقىۋىلىشى ئارقىلىق تارالغان كىسەللىكلەردىن، شىنولا ۋىروسى، سانرويىس مىڭە ياللۇغى، لاكروس مىڭە ياللۇغى، جەيكا ۋىرۇسى قاتارلىقلار بار.
    تا بۈگۈنكى كۈنگىچە، پاشا ئارقىلىق تارالغان بەزگەك كىسىلى، ئافرىقىدىكى بەزىبىر دۆلەتلەردە، يەنىلا كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە. ھەتتا ئۆلۈپ كەتكەنلەرمۇ ئاز ئەمەس.
  (ئۈستىدىكى سۈرەتتىكىسى، بەزگەك قۇرتىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى كۆپىيىش دەۋرى)
پاشا ئەيدىز كىسىلى تارقىتامدۇ؟
   بەزى كىشىلەر، پاشا ئەيدىز كىسىلى بىمارلىرىنى چاققاندىن كىيىن، ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسىنى كىيىنكى قېتىم چاققان ئادەمگە يۇقتۇرۇپ قويامدۇ يوق ئەنسىرەيدۇ. ھازىر ئىگىلىگەن ئىسپاتلاردىن قارىغاندا، پاشا ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسىنى تارقاتمايدۇ. چۈنكى، بىر جەھەتتىن، ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى، پاشىنىڭ بەدىنىدە ياشىيالمايدۇ ھەم كۆپىيەلمەيدۇ؛ يەنە بىر جەھەتتىن، پاشا سۈمۈرگەن قان سۇيۇقلۇقى، كىيىنكى قېتىم چاققان ئادەمنىڭ بەدىنىگە ئېقىپ كىرمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىرغا كەلگۈچىلىك، پاشىنىڭ ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى تارقاتقانلىق خەۋىرى بايقالمىدى.
   ئادەمنى پاشا چېقىۋالسا، بەزىدە ئېغىر دەرىجىدە رىئاكسىيە بىرىش كۆرىلىدۇ؛ ئايرىم بىر قىسىم رايونلاردىكى پاشىلار، ھەتتا بەزگەك قاتارلىق بىر قىسىم يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنى تارقىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە پاشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号