ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئايرۇپورتتا تارتىلغان بۇ سۈرەت ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىكەن
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-30 كۆرۈلىشى : قېتىم
    تايلاندلىق بىر تورداش، يېقىندا ئىجتىمائى ئالاقە تورىدا تۆۋەندىكىدەك بىر گۇرۇپپا سۈرەتنى ئېلان قىلغان:
   بۇ كۆرۈنۈش، تايلاندنىڭ چىڭمەي ئايروپورتىدىكى ھەقىقى ئەھۋالنى سۈرەتكە تارتىۋالغان كۆرۈنۈش بولۇپ، بىر توپ ياپونيەلىك بالىلار ئايروپورتتا ئايروپىلان ساقلاۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇلار يانفون ئوينىمىغان ياكى سەكرەپ تاقلاپ بىر-بىرى بىلەن ئويناشمىغان؛ ئەكسىچە، ھەر بىرى قولىدا بىردىن كىتاپنى تۇتۇپ، جىمجىت ئولتۇرۇپ كىتاپ ئوقۇغان.
    ئەللىكتىن ئارتۇق ياپونيەلىك ئوقۇغۇچىلار، رەتلىك ئولتۇرغان.
    ھەممىسى جىمجىت ئولتۇرۇپ كىتاپ كۆرمەكتە.
    ئۇلار خۇددى سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغاندەك قىلاتتى
    بۇ مەنزىرە، تايلاندلىق تورداشلارنى ھەيران قالدۇردى؛ ئۇلار توردا، تايلاندلىق ئوقۇغۇچىلارنى، ياپونيەلىك بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆگىنىشكە چاقىردى.
    بۇ ماقالە ۋە سۈرەتلار توردا تىز سۈرئەتتە تارىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى تورداشلارمۇ غۇلغۇلا قوزغاشتى.
   ئۆسمۈرلەر كۈچلۈك بولسا، دۆلەت كۈچلۈك بولىدۇ. كىيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ھالىتىدىن، بىر دۆلەتنىڭ كەلگۈسىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ؛ بۇ بىر جۈملە سۆز ھەرگىز داۋلىسىز ئەمەس. ياپونيەلىكلەرنىڭ مائارىپقا قانچىلىك ئەھمىيەت بىرىدىغانلىقىنى، بۇ بالىلارنىڭ ئىپادىسىدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.
    بىز ئىزچىل تۈردە، بالىلارنىڭ باشلىنىش سىزىقىدىلا ئۇتتۇرۇپ قويماسلىقىنى تەكىتلەيمىز. تۆۋەندىكى، ياپونيەلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كىتاپ ئوقۇش نىسبىتىنى كۆرۈپ بېقىڭ:
   ياپونيەلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىر ئايلىق كىتاپ ئوقۇش مىقدارى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار ئاساسى جەھەتتىن بىر ئاي ئىچىدە 4-1پارچە كىتاپ ئوقۇيدىكەن. ئىلىكتىرونلۇق ئۈسكىنىلەر بارغانسىرى تەرەققى قىلىپ كىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن بالىلارنىڭ بالىلىق دەۋرى، يانفون، خاتىرە كومپىيوتىر ۋە كومپىيوتىر قاتارلىقلار تەرىپىدىن تولدۇرۇلغان. ھەتتا بىزگە ئوخشاش چوڭلارنىڭمۇ، كۆڭلىمىزنى تىنچ تۇتۇپ بىر پارچە كىتاپ ئوقۇپ باقمىغىنىمىزغا قانچىلىك بولغاندۇ؟
   ياپونيەدىكى كىتابخانىلاردا، ئادەمدە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغىنى پۇل تۆلەيدىغان ۋاقىت بولۇپ، كىتاپخانا خادىمى ئىنتايىن ئىھتىياتچانلىق بىلەن، كىتاپنى ئاۋايلاپ تۇرۇپ ئوراپ بىرىدۇ. مۇشۇ بىر كىچىك نوقتىدىن، ئۇلارنىڭ كىتاپنى ئاسراش دەرىجىسىنى كۆرىۋالغىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۆزى، مەدىنىيەتكە ۋە يازغۇچىغا بولغان بىر خىل ھۆرمەتتۇر.
    ياپونيەدىكى نىمكەش مال ساتىدىغان دوكانلاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنىمۇ كىتاپ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ كىتابلار گەرچە باشقىلار ئوقۇپ بولغان كىتاپ بولسىمۇ، ئەمما ياخشى ساقلانىغىنىدىن، ئاساسى جەھەتتىن  يىڭى كىتاپ بىلەن كۆپ پەرقى يوق. نىمكەش كىتاپ دۇكىنىنىڭ سودىسىمۇ ناھايىتى راۋاج تاپقان بولۇپ، ئۇ بولسا كىتاپ ئوقۇش مەدىنىيىتىنىڭ بىر خىل ئەنئەنىسىدۇر.
   ياپونيەدە، "ۋېنكۇ بېن" دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كىتاپ بار بولۇپ، چوڭ-كىچىكلىكى ئالقانچىلىك كىلىدۇ، يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشكە ماس كىلىدۇ. نۇرغۇن ياپونيەلىكلەر، سىرتلارغا چىققاندا، بۇ خىل كىتاپتىن بىر ئىككىنى يېنىدا ئېلىۋىلىشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، ماشىنا ياكى مىترو ساقلاۋاتقان ۋاقىتتا ئېلىپ كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ كىتاپ ئوقۇشتەك بۇ خىل ئادىتى، كىچىكىدىن باشلاپ يىتىلدۈرگەن ئادەتتۇر.
    ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، ياپونيەنىڭ "بالىلار كىتاپ ئوقۇش" كۈنىدۇر. ھۆكۈمەت، بالىلارنىڭ كىتاپ ئوقۇش پائالىيىتىنىڭ ئاساسى پىلانىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدۇ؛ ئۇلار بالىلارنىڭ كىتاپ ئوقۇشىنى، دۆلەت سىتىراتىگىيىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ پوزۇتسىيە تۇتىدۇ.
   ياپونيەنىڭ رەسىملىك كىتابى دۇنيادا داڭلىق؛ رەسىملىك كىتاپلارنىڭ سىزىلىشى نەپىس، مەزمۇنى مول؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارنىڭ ھىسي كۆرسەتكۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ، رەسىملىك ھىكايە كىتاپ شەكلى ئارقىلىق، بالىلارغا ئادەم بولۇشنىڭ داۋلىسىنى چۈشەندۈرىدۇ.
   ياپونيە دۆلەتلىك كۈتۈپخانا، مەخسۇس "خەلقئارا بالىلار كىتاپلىرى تارماق كۈتۈپخانىسى" تەسسىس قىلغان. بۇ تارماق كۈتۈپخانا، ئىمپىريە كۈتۈپخانىسىنىڭ كونا ئورنىغا قۇرۇلغان بولۇپ، ئەسلىدىكى ئالى دەرىجىلىك ئىمپىرىيە ئەزىز مىھمانلار ئايرىمىخانىسىنى بالىلار ئوقۇش رايونى قىلىپ ئۆزگەرتكەن. ئۇلار ئەڭ ياخشىسىنى بالىلارغا قالدۇرغان.
   مانا بۇ، ياپونيەلىك بالىلارنىڭ تايلاند ئايروپوتىدىكى ئىپادىسىنىڭ سەۋەبىدۇر؛ ئۇلارنىڭ ئىپادىسى ياسالمىلىق ئەمەس، مەجبۇرلانغانمۇ ئەمەس. ماڭا ھەممىدىن بەك تەسىر قىلغىنى، بىز بەزىدە ھەتتا بىر بالىچىلىكمۇ بولالمايمىز. سىز زادى كىتاپ ئوقۇپ باقمىغىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号