ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇ خىلدىكى كۆكتاتلارنى چوقۇم بىر قاينىتىۋىتىپ ئىستىمال قىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-29 كۆرۈلىشى : قېتىم
    يازنىڭ كۈنلىرى، قوسىقىغا ئامراق كىشىلەر ئەڭ خۇشال بولىدىغان مەزگىل؛ چۈنكى ھەرخىل يىڭى كۆكتاتلار بازارغا كىرىدۇ، تۈرى كۆپ باھاسى ئەرزان. بىراق، بەزىبىر كۆكتاتلار گەرچە يىيىشلىك بولسىمۇ، ئەمما بىۋاستە ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ؛ بەلكى سۇدا بىر قاينىتىۋەتكەندىن كىيىن ياكى قايناقسۇغا بىر بېسىۋەتكەندىن كىيىن، ئاندىن قورۇپ ئىستىمال قىلىش كىرەك.
پالەك
   پالەك بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىنىڭ ھەممىسىدە بار، نۇرغۇن كىشىلەرمۇ پالەك يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق، پالەك تەركىبىدە ئوت كىسلاتاسى مول بولۇپ، بۇ ماددا ئادەم بەدىنىدىكى كالتسىي بىلەن بىرىككەندىن كىيىن كالتسىي كاربونات ھاسىل قىلىپ، كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر قاينىتىۋالغاندىن كىيى يىسەك، باشقىچە تەملىك تېتىيدۇ.
چىچەكسەي
   بۇ خىل يىشىل كۆكتات، ئىنتايىن ساغلام يىمەكلىك بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ساغلام تاماق رىسالىلىرىدە ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. بىراق، تېرىش ئەھۋالى سەۋەبىدىن، ئىنتايىن زىچ كەلگەن چىچەك بېشى ئىچىدە بەلكىم قۇرتلار ساقلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. بىر قېتىم سۇدا قاينىتىۋىتىش ئارقىلىق، بۇ قۇرتلارنى چىقىرۋىتىشكە بولىدۇ، ئىستىمال قىلىشىمىز تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ.
مامكاپ(黄花菜)
   يىڭى مامكاپنىڭ تەركىبىدە چىيۇشۈيشىيەن ئىشقارى بار بولۇپ، ئاشقازانغا كىرگەندىن كىيىن رىئاكسىيەلىشىپ، ئىككىلەمچى چىيۇشۈيشىيەن ئىشقارى ھاسىل قىلىدۇ.  بىراق، بۇ خىل ماددا ئادەمنى زەھەرلەندۈرۈشى مۇمكىن، شۇڭا مامكاپنى سېتىۋالغاندىن كىيىن دەرھال ئىستىمال قىلماسلىق كىرەك.
كۆك پۇرچاق
   بۇ خىك كۆكتات پۈتكۈل ياز كۈنىدە ئۈزۈلمەيدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر دائىم ئىستىمال قىلىدۇ. بىراق، ئۇ ئەگەر پىشماي قالسا، تەركىبىدىكى بىر خىل زەھەرلىك ماددا، ئادەمنىڭ ئىچى سۈرۈپ بېشى قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆك پۇرچاقنى چوقۇم بىر قاينىتىۋىتىپ ئاندىن قورۇما قورۇش كىرەك، بۇنىڭدا ئۇنىڭ تۇلۇق پىشىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号