ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
يەتتە تۈرلۈك بايلار تەپەككۇر ئۇسۇلى، ئۆگىنىۋىلىڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
    يەتتە مىلياردنىرنىڭ يەتتە خىل تەپەككۇر ئۇسۇلى، بۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرنى ئىگەللىۋالسىڭىز، سىزنىڭمۇ پۇلدار كىشىگە ئايلىنىشىڭىزغا كۆپ ۋاقىت قالمايدۇ.
جېف.بېسوسنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى: سېستىما
    بېسوس، ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ پۇلدار كىشى؛ ئۇنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى مىلياردنىرغا ئايلىنىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپ، ئۇنىڭ ھەر ۋاقىت توختىماي پۇل تېپىپ تۇرىدىغان ئىلىكتىرونلۇق سودا سېستىمىسى—ئامازوننى قۇرۇپ چىققانلىقىدا بولۇپ، بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى سېستىما بار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ مەيلى ئۇخلاۋاتقان بولسۇن ياكى دۇنيانى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىۋاتقان بولسۇن، پۇل ئۈزۈلمەستىن ئۇنىڭ ھىسابىغا كىرىپ تۇرىدۇ.
    سېستىما، دەرىجىدىن تاشقىرى مىلياردنىرنىڭ پۇل تېپىپ باي بولۇشىدىكى ئەڭ چوڭ مەخپىيەتلىك، ھەمدە مالىيە ئەركىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ سىر. ئاتالمىش سېستىما، ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ھەرخىل بايلىق مەنبەلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، قۇرۇپ چىقىلغان بىر خىل پايدا يارىتىش سېستىمىسى؛ پەقەت سېستىما نورمال ئايلانسىلا، ئۇ ئاپتوماتىك ھالدا، توختاپ قالماستىن سىز ئۈچۈن پۇل تېپىپ بىرىدۇ.
بىل.گايتىسنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى: ۋەزىيەتكە بېقىش
    1974-يىلى، 19ياشقا كىرگەن بىل.گايتىس، مەلۇم بىر ژورنالدا، مىكرو تىپلىق كومپىيوتىرنى تۇنۇشتۇرغان ماقالىنى كۆرگەندىن كىيىن، ئۇ دەرھال سەزگۈرلۈك بىلەن، كەلگۈسىدە كومپىيوتىرنىڭ بىر خىل ئېقىمغا ئايلىنىپ، ھەممە ئائىلىلەرگە كىرىدىغانلىقىنى ۋە كومپىيوتىرنى نورمال ئىشلىتىش ئۈچۈن يۇمشاق دىتال لازىم بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ۋەزىيەتكە ئەگىشىپ مېڭىشنى قارار قىلىپ، كومپىيوتىر يۇمشاق دىتالى لايىھەلەش ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، مىكروسوفت ئىمپىريىسىنى قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىگە قەدەم تاشلىغان. ئەگەر بىل.گايتىس ئۇ ۋاقىتتا، كىچىك تىپتىكى كومپىيوتىرنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ بايقىيالمىغان بولسا، ھەمدە كەسكىنلىك بىلەن يۇمشاق دىتال لايىھەلەش ساھەسىگە ئاتلانمىغان بولسا، ئۇ بەلكىم ئادەتتىكىچە بىر مۇۋەپپىقىيەت قازانغان كىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.
   ۋەزىيەت ياكى ئېقىم، كۆپىنچە ھاللاردا پۇرسەت ۋە بايلىقتىن دىرەك بىرىدۇ؛ ئاساسى جەھەتتىن ھەممە مىلياردنىرلار، ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىدۇ. بۇنىڭدا، ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش تۇتۇپ زور مىقداردىكى بايلىققا ئىرىشىش، ئۇلارغا نىسبەتەن ناھايىتى تەبىئىلا بىر ئىش ھىسابلىنىدۇ.
سىتىف.جوبىسنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى: يىڭىلىق يارىتىش
    ئالما شىركىتى نۆۋەتتە يەرشارىدىكى بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى شىركەت بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جوبىس كىشىلەر تەرپىدىن "ئىلاھقا ئوخشاش ئەركىشى" دەپ تەرىپلەنگەن؛ ئۇ پۈتكۈل يانفون ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ ئەسلى ئەندىزىسىنى چۇۋۇپ تاشلاپ، يانفون ئىنتىرنىت تور دەۋرىنى ئاچتى ھەمدە ئىلگىرى جاھانغا پاتماي قالغان ئەنئەنىۋى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر قاتاردىن ئەدەپلەپ چىقتى. ئۇ ھەتتا، يانفون ئىشلەپچىقىرىشتىكى باش ئاتامان ماگنات بولغان نوكىيا شىركىتىنى تۇيۇق يولغا قىستاپ ئەكىرىپ قويغان بولۇپ، بۇ شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا ئۇنىڭ ئىشلەتكەن مەخپى قۇرالى، دەل يىڭىلىق يارىتىش بولغان.
   ھېچقانداق مەبلىغى، ئىجتىمائى بايلىقى يوق ئادەمنىڭ قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىشىدە، يىڭىلىق يارىتىش بولسا، قىيىنچىلىقنى ئوڭۇشلۇققا بۇراپ پۇلدار ئادەمگە ئايلىنىشتىكى ئۆتكۈر قۇرال. ئىجادچانلىق ھەر جايدا ۋە ھەر ۋاقىتتا يوق بولۇپ قالمايدۇ، ئۆزىڭىزنىڭ يىڭىلىق يارىتىش روھىڭىزنى يىتىلدۈرۈپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، يىڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرىڭىزنى قوزغىتىڭ؛ بۇنىڭدا، پۇلدار ئادەمگە ئايلانمىقىڭىز، ناھايىتى ئاسان بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ.
ۋاررىن.بۇففىتنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى: قىممەت يارىتىش
   ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، مىلياردنىر بۇففىت، ئىلكىدىكى ساناقسىز بايلىقى بىلەن داڭلىق؛ ئەمما نۇرغۇنلىغان مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە، بۇففىتنىڭ ئەڭ داڭلىق ھىسابلىنىدىغان ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ قىممەت مەبلەغ سېلىش ئىدىيىسى بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل قىممەت مەبلەغ سېلىش ئىدىيىسىنىڭ كىشىلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر قىلغان بولۇپ، ھەتتا نۇرغۇنلىغان ئادەتتىكى پايچېكلارمۇ، بۇ ھەقتە نۇرغۇن ساۋاتلارنى سۆزلەپ بىرەلەيدۇ.
   قىممەت يارىتىش، بايلىق يارىتىپ پۇلدار ئادەمگە ئايلىنىشنىڭ جەۋھەر قىسمى. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، سىز سەرپ قىلغان پۇل ۋە ۋاقىت، باشقىلار ياراتقان قىممىتى بار نەرسىلەر ئۈچۈن تۆلىنىدۇ. ئەكسىچە، ئەگەر سىز باشقىلارنى سىز ياراتقان قىممىتى بار نەرسىلەر ئۈچۈن پۇل خەجلەشنى خالايدىغان قىلالىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز تەبىئىلا پۇلدار كىشىگە ئايلىنىسىز.
جون.روكفىللىرنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى: خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش
    روكفىللىر، ئامىرىكا تارىخىدىكى تۇنجى مىلياردنىر بولۇپ، ئۇنىڭ بارلىق مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئامىللىرى ئىچىدە، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش يادرولۇق ئورۇندا تۇرىدۇ. خۇددى ئۇ ئۆزى ئېيتقانغا ئوخشاش، خەتىرى قانچە يۇقىرى بولغانسىرى، پايدىسى شۇنچە چوڭ بولىدۇ...يىڭىپ چىقىمەن دىسەك، چوقۇم خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنىڭ قممىتىنى تۇنۇپ يىتىشىمىز كىرەك.
   خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغاندا، چوقۇم پۇلدار كىشى بولغىلى بولۇشى ناتايىن؛ ئەمما خەتەرگە تەۋەككۈل قىلمىساق، چوقۇم پۇلدار كىشىلەردىن بولالمايمىز. ئەلۋەتتە، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشمۇ قارىغۇلارچە بولسا بولمايدۇ، چوقۇم خەتەرنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئىنىق ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشىمىز ھەمدە ئۆزىمىز بەرداشلىق بىرەلەيدىغان دائىرىدىكى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشىمىز كىرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، بۇ خەتەر تەۋەككۈل قىلىشقا ئەرزىيدىغان بولۇشى كىرەك.
جېك.ۋىلىچنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى: بىرىنچى بولۇش
 GM   شىركىتىنىڭ سابىق باش ئىجرائىيە رەئىسى، "دۇنيادىكى بىرىنچى CEO" دىگەن نامنى ئالغان جېك.ۋىلىچ مۇنداق دىگەن: "ھەرقانداق بىر ساھەدە، نىشاننى كەسىپتىكى بىرىنچى ئورۇنغا چىقىشقا بىكىتىش، ھەرقاچان بىرىنچى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىش كىرەك". ئەگەر بىر بىرلا سۆز ئارقىلىق ۋىلىچنىڭ پاراسىتىنى يېغىنچاقلاشقا توغرا كەلسە، ئۇنداقتا "يەڭگۈچى" دىگەن سۆز ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.
   شۇنداق، مەيلى قايسى كەسپى ساھەدە بولماڭ، نىمە خىزمەت بىلەن شۇغۇللانماڭ، پەقەت سىز بىرىنچىگە ئايلىنالىسىڭىزلا، سىز يەنە پۇلدار ئادەم بولالماي قالارسىزمۇ؟ ئەكسىچە، ئەگەر سىز بىرىنچى بولمىسىڭىز، ھامان بىر كۈنى، بىرىنچى بولغانلار تەرپىدىن يۇقىتىۋىتىلىش خەۋپىگە دۇچار بولىسىز.
لى جىياچىڭنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى: ئۆگىنىش
    ئۇزۇن يىلدىن بىرى جۇڭگۇلۇقلار ئىچىدىكى بىرىنچى باي، ئاسىيادىكى بىرىنچى باي ئورنىنى ئىگىلەپ كەلگەن دەرىجىدىن تاشقىرى مىلياردنىرغا نىسبەتەن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلغىنى، بالىلىق دەۋرىدىكى لى جىياچىك بالدۇرلا مەكتەپتىن قالغان بولۇپ، ئۇ پەقەت باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە. مەدىنىيەت سەۋيىسى شۇنداق تۆۋەن تۇرۇپمۇ، يەنىلا نەچچە مىليارد بايلىققا ئىگە بولغان لى جىياچىڭ، زادى نىمىگە تايىنىپ  مۇۋەپپىقىيەت قازانغان؟ ئۇنىڭ تايانغىنى ئۆگىنىشتۇر. ئەگەر لى جىياچىڭنىڭ بىلىم سەۋيىسى ئىزچىل تۈردە باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋيىسىدە تۇرسا، ئۇ بۇنداق غايەت زور بايلىق ئىمپىريىسىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالامدۇ؟ ئىنىقكى، بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمىلىيەتتە، لى جىياچىڭ مەكتەپتە ئاز ئوقۇغان، ئوقۇش تارىخى تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىزچىل تۈردە توختىماي ئۆگىنىپ كەلگەن، ھەتتا 91ياشقا كىرىپ قالغاندىمۇ، ئۇ ئۆگىنىشنى توختاتمىغان.
   لى جىياچىڭنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، پۇلدار ئادەمگە ئايلانماقچى بولسىڭىز، ئۆزلۈكسىز تۈردە ئۆگىنىش، يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号