ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇ ئۈچ خىل ئەر-خوتۇنلار ئۆمرىدە بەخىتلىك بولالمايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
   تۇرمۇش بەلكىم مۇشۇنداق رەھىمسىز بولۇشى مۇمكىن؛ سىزگە قاراپ ئولتۇرسام، پۇل تېپىپ سىزنى بېقىشقا ئامالسىز قالىمەن. ئادەم مۇھەببەتلىشىشكە تىگىشلىك ياش مەزگىلىدە، ئىگىلىك ئۈچۈن تىرىشىشنى تاللايدۇ. ئەمما ئىگىلىكى بەلگىلىك نەتىجىگە ئىرىشكەندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ ئەسلىدە بەزىبىر قىممەتلىك نەرسىلەرنى يىتتۈرۈپ قويغانلىقىنى بايقايدۇ. ھېچقانداق بىر ئادەم، يەنە بىر ئادەمگە ئىزچىل تۈردە ساقلاپ ئۆتمەيدۇ. بۇ سەۋەپلىك، توي قىلىش يېشىغا يەتكەندىن كىيىن، ئەتراپىدا ئەسلىدە ماس كىلىدىغان بىرەر يات جىنىسلىقنىڭ قالمىغانلىقىنى بايقايدۇ ھەمدە ئامالسىز لايىق تۇنۇشتۇرۇشنى ۋە ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتۈپ كىتىش يولىنى تاللايدۇ.
   تويلىشىش، بەلگىلىك مۇھەببەت ئاساسى بولۇشقا مۇھتاج؛ مۇھەببەت، جىنسىيەت، پاراڭ بولمىغان مۇھەببەت، ناھايىتى بىر خىل ھەمكارلىشىپ كۈن ئۆتكۈزۈش بولۇپ، بىر ئۆينى تەڭ ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغانلارغا ئوخشايدۇ. بەخىتلىك تۇرمۇشتا، ئارىدا مۇھەببەت يىتىلدۈرۈش زۈرۈر بولۇپ، ئىككەيلەننىڭ قىزغىنلىق بىلەن بىرگە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
    تۆۋەندىكى ئۈچ خىلدىكى ئەر-خوتۇنلار، بىر ئۆمۈر بەخىتلىك بولالمايدۇ؛ سىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسى بولۇپ قالماسلىقىڭىزغا تىلەكداشمەن.
ئۈچ خىل قارىشى ماس كەلمەيدىغان
   بىز ئادەتتە، تويلىشىشتا بىر-بىرىگە ماس كىلىشىنى ئېيتىمىز؛ بۇنىڭدىكى سەۋەپ، شۇنداق بولغاندا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا سۆزلىشىدىغان پاراڭ تېمىسى  ۋە ئۆز-ئارا ماسلىشالايدىغان قىممەت قارىشى بار بولىدۇ. ئۇنداقتا ئۈچ خىل قارىشى ماسلىشالمىسا قانداق بولىدۇ؟ سىز قاقلانغان كالا گۆشى يىيىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇ زىخ كاۋىپى يىيىشنى ياخشى كۆرسە، بۇنى ئۈچ خىل قارىشى ماسلاشمىدى دەپ ئېيتقىلى بولمايدۇ؛ بىراق، ئەگەر ئۇ "قاقلانغان كالا گۆشىنىڭ يىگۈدەك نىمىسى بار، ھەشەم قوزغاپ ئىسىلزادىلەرنى دورىۋالغانلىققۇ شۇ" دەپ سىزنى مەسخىرە قىلسا، بۇ ئاندىن ئۈچ خىل قارىشى ماسلاشمىغانلىق بولىدۇ.
    باشقىلارنىڭ قىممەت قارىشىنى توغرا چۈشىنىش ۋە ھۆرمەت قىلىشنى رەت قىلىش، ئۆزىنىڭ خىيالىنى جاھىللىق بىلەن توغرا دەپ قاراپ ئۆزگەرتىشنى خالىماسلىق، ئۈچ خىل قارىشى ماسلاشمىغانلىق بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر بىلەن بىرگە ئۆتمەك، ئادەمنى بەك چارچىتىۋىتىدىغان بولۇپ، ئۇ سىزنى توغرا چۈشەنمەيدۇ ھەم ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ ئىتراپ قىلىشنىمۇ خالىمايدۇ، سىزگە ھەتتا ئەڭ ئاساسى بولغان ھۆرمەت بىرىشنىمۇ خالىمايدۇ.
ئۆز-ئارا گۇمانلىنىش
    ئەگەر ئىككى ئادەم ئوتتۇرسىدا ئىشەنچ بولمىسا، ئۇنداقتا مۇھەببەتمۇ بولمايدۇ. ئادەتتىكى بىر تۇرمۇشنى خۇددى جاسوس تۇتىدىغان فىلىملەردەك قىلىۋىلىپ، ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە ئىشەنمەي، ھەمىشە ئازراق بىر بىنورماللىقلارنى بايقىۋىلىپ، قارشى تەرەپنى ئۆز جايىدا بىتەرەپ قىلىۋىتىشنى ئويلايدۇ. ھەرقانداق بىر توي مۇناسىۋىتى، بۇ خىل گۇمانلىنىشقا بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان بولۇپ، ئىككەيلەننىڭ مۇھەببىتى بۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن بولسا، ئەڭ ياخشىسى بالدۇرراق ئاجرىشىپ كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلغان ئەۋزەلرەك بولىدۇ. توي تۇرمۇشىدا ئەڭ مۇھىم بولغىنى، بىر-بىرىگە ئىشىنىش ھەم بىر-بىرىگە سەمىمى مۇئامىلە قىلىشتۇر.
بالا ئۈچۈن ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتۈپ كىتىش
    دەسلەپ مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتتا قانچىلىك داغدۇغا قوزغىغان بولسا، قىزغىنلىق تۇيغۇسى يوقىغاندىن كىيىن، شۇنچىلىك سۈكۈتكە چۆمىدۇ. مۇھەببەتنى، باشتىن ئاياغ قىزغىنلىق ۋە يىڭىلىق تۇيغۇسىغا تايىنىپ ساقلاپ قىلىمەن دىيىش ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ؛ بولمىسا، مۇھەببەت ئۆتۈپ ئىدراكلىق تۇيغۇسى ئەسلىگە كەلگەن ۋاقىتتا، ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر توي تۇرمۇشىدا بەخىتلىك ئۆتەلمەيدۇ، بىراق بالىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن ئەسلىدىنلا ئالاقىسى يوقلىقىنى ئويلاپ، بالىنى مۇكەممەل بىر ئائىلدە چوڭ قىلىش ئۈچۈن، ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتۈپ كىتىشنى تاللايدۇ.
    بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە، ئاجرىشىپ كەتمىسە ئۆزىگە يۈز كىلەلمەيدىكەن؛ ئاجرىشىپ كەتسە بالىسىغا يۈز كىلەلمەيدىكەن. بالا ئۈچۈن ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان توي مۇناسىۋىتىنىڭ تىراگىدىيە بولۇشى بىكىتىۋىتىلگەن بولۇپ، بۇنداقلارنىڭ ئۆمۈر بويى بەخىتلىك بولالىشى مۇمكىن ئەمەس.
   داۋلىنى ھەممىمىز چۈشىنىمىز، ئەمما يەنىلا ئۆمرىمىزنى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە ئامالسىز قالىمىز؛ باشقىلارغا شۇنداق تەسەللىلەرنى بىرىمىزيۇ، ئۆزىمىزگە تەسەللى بىرەلمەيمىز. توي تۇرمۇشىدا مىھرى-مۇھەببەت قالمىغاندا، بەخىتلىك ئۆتۈش مۇمكىن بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، چوقۇم سىز ياخشى كۆرىدىغان ئاشۇ ئادەمنى ساقلاپ ئاندىن توي قىلىڭ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号