ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاشقازاننى ياخشىلاي دىسىڭىز، بۇ ئىككى خىل شورپىنى ئىچىپ بىرىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئادەم 40ياشتىن ئۆتكەندىن كىيىن، بەدەننىڭ ئىقتىدارلىرى تۆۋەنلەشكە باشلايدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا يىمەك-ئىچمەك ئادىتىنىڭ تەسىرى ۋە ئاشقازاننى ئاسراشقا دىققەت قىلماسلىق قوشۇلۇپ، ئاشقازان ئىسىلىپ ئاغرىش كۆرۈلۈش نىسبىتىنى يۇقىرلىتىۋىتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، دوختۇلار ئادەتتە، مەيلى ئايال ياكى ئەركىشى بولسۇن، 40ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن بۇ ئىككى خىل شورپىنى كۆپرەك ئىچىپ بىرىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
پىچەكگۈل شورپىسى
    لۇڭيەن(桂圆)نىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، ئاشقازاننى ئىللىتىش رولى بار؛ قىزىل چىلان تەركىبىدىكى ئاقسىل، ئورگانىك كىسلاتا قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلار، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى نىتراللاشتۇرىدۇ؛ پىچەكگۈل تەركىبىدىكى كىراخمال ئىنىزىمى بولسا ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ. مەيلى ئەر ياكى ئايال كىشى بولسۇن، 40ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن، لۇڭيەن چىلان پىچەكگۈل شورپىسى ئىچپ بەرسە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاجرىلىپ چىقىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئاشقازان كۆپۈپ ئاغرىشنى ياخشىلايدۇ.
    كونكىرتنى تەييارلاش ئۇسۇلى: لۇڭيەن، پىچەكگۈل، چىلان، ناۋات قاتارلىق يىمەكلىك ماتىرياللىرىنى تەييارلىغاندىن كىيىن، ئالدى بىلەن چىلاننىڭ ئۇرۇغۇنى ئېلىۋىتىپ، لۇڭيەننى پاكىزە يۇيۇپ تازىلايمىز ھەمدە پىچەكگۈلنى توغراپ تەييارلايمىز. كەينىدىن قازان ئېسىپ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيغاندىن كىيىن، چىلان، لۇڭيەن، پىچەكگۈللەرنى سېلىپ كىچىك ئوتتا تۇۋاقنى يېىپىپ 30مىنۇت قاينىتىمىز. ئاخىرىدا، شورپا قويالغان ۋاقىتتا، ئۆزىمىزنىڭ ياقتۇرۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئازراق ناۋات قوشۇۋەتسەك بولىدۇ.
كۇلى بىھىسى قوشۇلغان ئوتخور بىلىق شورپىسى
    كۇلى بىھىسى تەركىبىدە ئاقسىل ئىنىزىمى بار بولۇپ، ئاشقازاننىڭ يىمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشىغا ياردىمى بار ھەمدە بەلگىلىك دەرىجىدە ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان باكتىرىيەلەرنى توسۇش رولى بار. ئوتخور بىلىقنىڭ بولسا، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، تەركىبىدە ئاقسىل ۋە ياغلار مول؛ بۇ ماددىلار ئادەم بەدىنى تەرپىدىن ئاسانلا سۈمۈرۈلۈپ، ئاشقازانغا ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلايدۇ ۋە ئاشقازان كۆپۈپ ئاغرىشنى ياخشىلايدۇ.
   كونكىرتنى تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن كۇلى بىھىسى، ئوتخور بىلىق، زەنجىۋىل، تۇز، تېتىتقۇ، ماي قاتارلىق ماتىرياللارنى تەييارلىۋالىمىز. ئالدى بىلەن ئوتخور بېلىقنى پاكىزلاپ تەييارلايمىز، كۇلى بىھىسىنىڭ ئۇرۇغىنى ئېلىۋىتىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز. زەنجىۋىلنى توغراپ، قازاندا قىزىتقان مايغا تاشلاپ تەم چىقىرىمىز، كەينىدىن ئوتخور بېلىقنى سېلىپ، مايدا ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا داغلايمىز؛ ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، كۇلى بىھىسىنى سالغاندىن كىيىن، بىر سائەت ئەتراپىدا قاينىتىمىز. ئاخىرىدا ئۆزىمىزنىڭ ياقتۇرۇش ئەھۋالىغا قاراپ، خۇرۇچ ماتىرياللىرى قوشۇپ تەييارلىساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号