ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
توڭلاتقۇنى توغرا ئىشلىتىشنى ۋە پاكىزە تۇتۇشنى بىلەمسىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
    توڭلاتقۇ، بىز ھەركۈنى توختىماي ئىشلىتىدىغان ئائىلە ئىلىكتىر سايمىنى؛ ئەمما توڭلاتقۇدا ھەمىشە غەلىتە پۇراقلار پەيدا بولۇپ، قىروۋ باغلاپ توك سەرپىياتىنى يۇقىرلىتىۋىتىدۇ.
   ھەر قېتىم توڭلاتقۇنى تازىلىماقچى بولغىنىڭىزدا، بېشىڭىز ئاغرىپ كىتەمدۇ؟ ئىچىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى ئېلىۋىتىپ، قىروۋلارنى تازىلىمىسىڭىز ۋە ئايرىش تاختىلىرىنى بىر-بىردىن يۇيۇپ پاكىزلىمىسىڭىز بولمايدۇ. ئەمىلىيەتتە، توڭلاتقۇنى پاكىز قىلىۋىتىدىغان ناھايىتى ئاددى بىر ئۇسۇل بار، ھەتتا سۇ ئىشلىتىشمۇ كەتمەيدۇ.
    بىرىنچى قەدەمدە، ئالدى بىلەن توڭلاتقۇنىڭ ئىچىدىكى ئارتۇق يىمەكلىكلەرنى ئېلىۋىتىمىز.

    ئايرىش تاختىسى ئۈستىگە ئازراق ئاچچىقسۇ تۆكۈپ، پاكىزە لاتا بىلەن بىر قېتىم سۈرتىمىز. ئاق ئاچچىقسۇنىڭ باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بار بولۇپ، ئايرىش تاختىسىنى دەرھاللار پاك-پاكىزە قىلىۋىتىدۇ.
    ئەڭ مۇھىم بىر قەدەم، ئەگەر بۇندىن كىيىن ئايرىش تاختىسىنى يەنە تازىلايدىغان ئىش بولمىسۇن دىسەك، يىڭى ساقلاش پىلاستىرى ئارقىلىق ئايرىش تاختىسىنى ئوراپ، ئۇنى ئاندىن ئورنىغا سېلىپ  قويساق بولىدۇ.
 
    بۇنىڭدا، ئەگەر مەينەپ بولۇپ قالسا، بىراقلا يىڭى ساقلاش پىلاستىرىنى يىرتىپ ئېلىۋىتىپ، يىڭى بىر قەۋەت پىلاستىر ئوراپ قويساقلا بولىدۇ.
   يۇقارقىلاردىن باشقا، توڭلاتقۇدا ئۇزۇن ئىشلەتكەندە پەيدا بولۇپ قالىدىغان غەلىتە پۇراقلارمۇ ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ. بۇنىڭدا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىڭ!
تازىلىق قەغىزى سېلىپ قويۇش
     بىر ئورام تازىلىق قەغىزىنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويساق، توڭلاتقۇدىكى غەلىتە پۇراقلارنى ناھايىتى تىزلا ئۆزىگە سۈمۈرۋالىدۇ.
ئاپلىسىن پوستى سېلىپ قويۇش
    تازىلىق قەغىزى بىلەن ئاپلىسىن پوستىنىڭ سۇ تەركىبىنى سۈمۈرۈپ قۇرۇتقاندىن كىيىن، ئۇنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويساق، نەچچە كۈن ئۆتمەيلا، توڭلاتقۇ خۇشپۇراق پۇرايدىغان بولۇپ كىتىدۇ.
چاي خالتىسى سېلىپ قويۇش
   چاي خالىتىسىنىڭ غەلىتە پۇراقلارنى يوقىتىش ئۈنىمىمۇ ياخشى. ئەگەر تېخى ئىچمىگەن يىڭى چاينى سېلىپ قويسام ئىسراپچىلىق بولىدۇ دەپ قارىسىڭىز، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن چاي ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. چاي خالتىسىنى، ئۆزىڭىز داكىدىن ياسىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئازراق شىكەر سېلىپ قويۇش
    ئاق شىكەر، غەلىتە پۇراقنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە تېخى يىمەكلىكلەرنى يىڭى ساقلاشقا پايدىلىق بولىدۇ.
    توڭلاتقۇنى ئادەتتە ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندىن كىيىن، ئىشىكنى ئېچىپ يېپىش قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ھىملىق دەرىجىسى تۆۋەنلەپ كىتىپ، توڭلاتقۇ ئىچىدىكى سۇغۇق ھاۋانىڭ سىرتقا قېچىپ چىقىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ھىملىق دەرىجىسىنى سىناش
   بىر ۋاراق قەغەز ئېلىپ، توڭلاتقۇنىڭ ئىشىكىگە قىستۇرۇپ، توڭلاتقۇنىڭ ئىشىكىنى ياپىمىز؛ بۇ ۋاقىتتا، ئەگەر قەغەزنى ئاسانلىقچە تارتىپ چىقىرۋالغىلى بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ، توڭلاتقۇنىڭ ھىملىق دەرىجىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر قەغەزنى تارتىپ بولغۇچە چىقىپ كەتسە، ئۇنداقتا ھىملاشتۇرۇش رېزىنكە چەمبىرىكىنى ئالماشتۇرسىڭىز بولمايدۇ. بولمىسا، توك سەرپىياتى يۇقىرىلاپ كىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号