ئەرلەرنىڭ تالاغا قاراش ئوبىكتى قايسى خىلدىكى ئاياللار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
بىر بۆلەك توي تۇرمۇشىنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولۇش بولماسلىق، ئەمىلىيەتتە بىر-بىرىنى چۈشەنمەسلىك ئەمەس، بەلكى مۇرەسسەلىشىشنى ۋە كەڭ قوساق بولۇشنى بىلىش بىلمەسلىكتە.
نۇرغۇن ئەر-خوتۇنلار يىڭى توي قىلغاندىكى ئۆز-ئارا ماسلىشىش مەزگىلىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكىنى بىلەن، ئەمما "يەتتە يىللىق غىدىقلاش"تىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلمەيدۇ. كۈنسايىن سۇسلىشىپ مېڭىۋاتقان يىڭىلىق تۇيغۇسى ۋە چۈشىنىش چوڭقۇرلاشقاندىن كىيىنكى زىددىيەتنىڭ كۆپىيىشى، بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆز ھەمرىيىنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ھەقىقى ياكى ئەمەسلىكىدىن گۇمانلىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، توي تۇرمۇشى سىرتىدىكى مۇھەببەتمۇ كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.

توي تۇرمۇشى سىرتىدىكى مۇھەببەت، ئەمىلىيەتتە ئادىمىيلىك ئەخلاق چېكى تۆۋەن بولغان كىشىلەرنىڭ، توي تۇرمۇشى ئىچىدىكى مۇھەببەتنىڭ يىتەرسىز تەرەپلىرىگە ئىزدىگەن بىر خىل تۇلۇقلىمىسىدۇر. ئۇنداقتا، ئەرلەر توي تۇرمۇشى سىرتىدىكى مۇھەببەتتە، قانداق ئاياللارنى ئىزدەشنى ياخشى كۆرىدۇ؟
شاللاق ئاياللار
نۇرغۇن ئەرلەر تالاغا قاراشتا، كۆپىنچە جىنسىيەتنى دەپ شۇنداق قىلغان بولىدۇ. بەزى ئەرلەرنىڭ قىممەت قارىشىدا، جىنسىي ھەمراھى كۆپ بولۇش، بىر خىل كۆز-كۆز قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئىش ھىسابلىنىدۇ. ئۇلار توي قىلىپ بولغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا بۇ خىل بويسۇندۇرۇش ئىستىكى بار بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، زىيادە ئۇچۇق بولۇپ كەتكەن، خۇسۇسىي تۇرمۇشى قالايمىقان كەلگەن ئاياللار، ئۇلارنىڭ ئالدىن تاللاش ئوبىكتىغا ئايلىنىدۇ.
بۇنداق ئاياللارغا نىسبەتەن، ئازراق پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزسە ياكى بىرەر ئىككى تال سوۋغات ئېلىپ بەرسە، ئەرلەرنىڭ يامان غەرىزى راستىنلا ئەمەلگە ئېشىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما ئۆزىنىڭ ئايالىغا نىسبەتەن بولسا، ئالداپ-سىيلاپ ئاران دىگەندە بىرەر قېتىم جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزەلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئەھۋال راستىنلا بۇنداق بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا ئەرلەر، باش ئىگىپ خۇشامەت قىلىش كەتمەيدىغان، ئازراق پۇل خەجلەپلا كۈلكىگە ئىرىشكىلى بولىدىغان، ئەڭ مۇھىمى يەنە تېخى يىڭىلىق تۇيغۇسى بار بولغان، توي تۇرمۇشى سىرتىدىكى مۇھەببەتنى تاللايدۇ.

كۆڭۈل چۈشىنىدىغان ئاياللار
ئەگەر ئەر كىشى توي تۇرمۇشى ئىچىدە سىرتقا قارىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ، ئۇ ئايال كىشىنىڭ ئۇنىڭغا ئارامبەخىشلىك ۋە خاتىرجەملىك بېغىشلىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ ئاشنىسىنىڭ يېنىدا، ئەركىشى توغرا چۈشىنىشكە ۋە تەسەللىگە ئىرىشكەن بولىدۇ.
نۇرغۇن ئەرلەر، ئۆزى شۇنداق جاپالىق ئىشلەۋاتسىمۇ، ئايالى يەنە ئۇنى توغرا چۈشەنمەي، تەتۈرلۈك قىلىپ، قەستەن چاتاق تېپىۋاتقاندەك ھىس قىلىدۇ، ھەمدە ئايالىدىن بارغانسىرى زىرىكىشكە باشلايدۇ.
بۇ ۋاقىتتا، ئەگەردە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان بىر ئايال كىشى پەيدا بولسا، ئۇلار ئۆزىنى ھەقىقى مۇھەببەتنى ئۇچراتقاندەك ھىس قىلىشىدۇ. بىراق، بۇ خىل ئاتالمىش "كۆڭۈلنى چۈشىنىش"، توي تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان بولغاچقا، ئەمىلىيەتتە پەقەت بىر خىل ئارىلىق تۇيغۇسى ئېلىپ كەلگەن خاتا قاراشتۇر خالاس.
ئەگەر ئىشقىدا كۆيگەن بۇ ئاشىقى راستىنلا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە توي تۇرمۇشىغا قەدەم قويسا، ئۇمۇ بۇ خىل توغرا چۈشەنمەسلىكتىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ. ئەرلەرنىڭ "ئايال بۇرادىرى"، توي تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولۇپ، ئەگەر ئەر كىشى ئۇنى چوقۇم ھەقىقى مۇھەببەت دەپ ئويلاپلا قالسا، ئۇلارنىڭ ئايالىدىن ۋاز كىچىك ئېھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.

چىرايلىق ئاياللار
ھەر نىمىلەرنى دىمەيلى، ئەرلەر يەنىلا كۆرۈش سىزىمىگە تايىنىدىغان جانلىق. مەيلى قانچە ياشلارغا كىرىپ قالمىغان بولمىسۇن، ئەرلەر يەنىلا گۈزەل ئاياللارنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئايال كىشى ئۆزىنى ھەرقانچە ئاسرىسىمۇ، يىللار يەنىلا ئۇلاردا ئۆز ئىزنالىرىنى قالدۇرۇپ ئۆتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەرلەر كۈندە ئۆيىدىكى بارغانسىرى قېرىپ كىتىۋاتقان ئايالىغا قارىتا، ئايالىنى ئۇلارغا باشقىچە كۆرۈنۈپ قالمايدۇ دەپ ئېيتقىلى بولمايدۇ.
بۇ ۋاقىتتا، ئەگەر ئەركىشىنىڭ ياش ھەم چىرايلىق كەلگەن ئاشنا تېپىۋىلىش پۇرسىتى بار بولسا، كۆپ قىسىم ئەرلەر بۇنى رەت قىلمايدۇ.

گەپ ئاڭلايدىغان ئاياللار
توي تۇرمۇشى ئىچىدە تالاغا قارىغان ئىكەن، ئەرلەرنىڭ كۆڭلىدە ئىزچىل تۈردە بىر خىل كىرزىس تۇيغۇسى بار بولىدۇ. ئۇلار سەتچىلىكىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن، ئاشنىسىنىڭ ئىشنى يوغىنىتىپ چاتاق تېرىشىدىن قورقىدۇ. تالاغا قارىغان ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى، پەقەت كۆڭلىنى قانائەت تاپقۇزۇش ۋە يىڭىلىق ھەم ھاياجانلىق تۇيغۇسى ئىزدەش ئۈچۈن تالاغا قارايدىغان بولۇپ، راستىنلا ئائىلىسىدىن ۋاز كەچمەكچى بولغانلىرى ئىنتايىن ئاز ساندا بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەرلەر گەپ ئاڭلايدىغان، ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرغان ئاساستا، يەنە ئۇلارنى خاتىرجەم قىلالايدىغان ئاياللارنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە گەپ ئاڭلايدىغان ئاياللار قاچان ئىزدىسە شۇ ۋاقىتتا تاپقىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ فىزىلوگىيەلىك ئىھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. ئاشنىسىنىڭ رايىغا بېقىشى، ئەرلەرنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىنى زور دەرىجىدە قانائەت تاپقۇزىدىغان بولۇپ، ئۇلاردا ئۆزىنىڭ جەلپكارلىقىنى يوقىتىپ قويمىغاندەك بىر خىل تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ.

ئاشنا، ئۇلار پەقەت باشقىلارنىڭ ئاشنىسى بولغان ۋاقىتتىلا ئاندىن مەپتۇن قىلارلىققا ئىگە بولىدۇ. نۇرغۇن ئەرلەر شۇنى چۈشىنەلمەيدۇكى، ئەگەر ئۇلار ئاشنىسىغا سەرپ قىلغان ۋاقتى، زىھنى ۋە پۇل-دۇنيالىرىنى ئايالىغا سەرپ قىلسا، ئايالىمۇ ئوخشاشلا مەپتۇن قىلارلىق بولۇپ كەتمەمدۇ؟
مىننەتدار بولۇشنى ۋە قانائەت قىلىشنى بىلمەيدىغان ئادەملەر، ئاسانلا تاۋۇز تىرىيمەن دەپ شاپتۇلدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئاخىرىغا كەلگەندە ھەممىدىن قۇرۇق قالىدۇ.