ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
سىزنى ياخشى كۆرمىگەن ۋاقىتتا، مەن ئانىڭىزدىن قېلىشمايمەن
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئەگەر بىر قىز بالا سىزنىڭ ئالدىڭىزدا گۆدەكلەرچە تەرىپىنى نامايەن قىلسا، بۇ ئۇنىڭ سىزگە ئىنتايىن ئىتىبار بىلەن قارايدىغىنىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەپسۇس، ئوغۇللار بۇنى چۈشەنمەيدىغان بولۇپ، ھەمىشە ئۇنىڭ يانفونىنى ئاختۇرمايدىغان، يولسىزلىق ۋە تەتۈرلۈك قىلمايدىغان قىزلار بىلەن مۇھەببەتلىشىشنى ئويلايدۇ.
   مەن ئىلگىرى مۇنداق بىر ئېغىز سۆزنى ئاڭلىغان: ئەگەر سىز قىز دوستىڭىزنىڭ تېلفونىڭىزنى ئاختۇرۇشىغا چىدىيالمىسڭىز، ئۇنداقتا سىز پۇل قاپچۇقىڭىزنى ئاختۇرىدىغان قىز دوستقا ئۇچرىشىسىز. ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلاپ باقساق، بۇ گەپنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بار.
    مەن بۇ يەردە قىزلار يولسىزلىق قىلىپ تەتۈرلۈك قىلىشى كىرەك دىمەكچى ئەمەس؛ مەن پەقەت شۇنى ئىپادىلىمەكچى، بۇ جەمئىيەتنىڭ قىزلارغا قويغان تەلىۋى بەك يۇقىرى. بىراق، ئەگەر بىر قىز بالا سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ھەممىنى قىلالايدىغان ئىقتىدارنى نامايەن قىلىپ سىزگە ئىھتىياجلىق بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇ چوقۇم سىزنى ئۇنچە بەك ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدۇ. ھەممەيلەن ماددى مەنپەئەت قوغلاشمايدىغان قىزلار ئەڭ قورقۇنچلۇق، چۈنكى ئۇلارغا پۇل لازىم ئەمەس، ئۇلارغا لازىم بولغىنى سەمىمى كۆڭۈل، لىكىن سەمىمى كۆڭۈل باھاسىز كىلىدۇ دەپ ئېيتىشىدۇ.
    تۈنۈگۈن بىر ئوقۇرمەننىڭ دىيىشىچە، ئۇ ئوغۇل دوستى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن، ئوغۇل دوستى دەرھاللار بىر ئىگىلىك جەھەتتىكى خارەكتىرى كۈچلۈك بىر ئايال بىلەن تېپىشىۋالغان؛ بۇ ئوقۇرمەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھېلىقى ئايالنىڭ ھەقىقەتەن مۇنەۋۋەر ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىدىكەن، بىراق ئۇ ئۆزىمۇ يامان ئەمەس بولۇپ، گەرچە ھېلىق ئايالنىڭكىدەك ياخشى ئىگىلىكى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇمۇ ئىزچىل تۈردە تىرىشىپ كىلىۋاتقان ئىكەن. لىكىن ئۇنىڭ ئويلاپ يەتمىگىنى، ئوغۇل دوستى ئۇنى داۋاملىق ساقلاۋىرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يەنە ئون يىل تىرىشسىمۇ ھېلىقى ئايالغا يىتىشەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، سىز بۇنداق كىچىك بالىلاردەك قىلىپ يۈرسىڭىز، قانداقمۇ بىر ئىشلارنى باشقا ئېلىپ چىقالايسىز دىگەن.
   بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى! ئادەم بىلەن ئادەمنى ئەسلىدىنلا سېلىشتۇرۇپ بولغىلى بولمايدۇ؛ مىنىڭ بۇ ئوقۇرمەننىڭ ئوغۇل دوستىنىڭ ئۈچ خىل قارىشىغا باھا بەرگۈم يوق، مىنىڭ پەقەت دىيەلەيدىغىنىم، سىز چوقۇم ئۇنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلالىسىڭىز، ئاندىن ياخشى مۇھەببەت ھىسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاددىيلىقىنى، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنى، ئۇنىڭ قەيسەرلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنى ھەممىنى قوبۇل قىلالسىڭىز ئاندىن بولىدۇ. ھېچقانداق بىر ئايال كىشىنىڭ، راستىنلا خارەكتىرى كۈچلۈك ئايال كىشىگە ئايلىنىپ قالغۇسى يوق. سىز كۆرگەن ئىش ئۇقۇدىغان بولۇشى، پەقەت ئۇنىڭ سىزنىڭ ئالدىڭىزدىكى قويغان ئويۇنى خالاس.
    ئەتراپىمدا نۇرغۇنلىغان مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئايال دوستلىرىم بار؛ ئەگەر ئۇلاردىن قانداقراق مۇھەببەتنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى سورىسام، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى، مىنى كۆڭلۈمنى ھەقىقى چۈشىنىدىغان ئادەمنى دەپ جاۋاپ بىرىدۇ. ھېچقانداق بىر ئايال كىشى، ئۆزىنى ئەركىلەپ تەتۈرلۈك قىلمايدىغان قىلىپ نىقاپلىۋىلىشنى ياقتۇرمايدۇ؛ ئەگەر ئۇ ئۇچرىغان ئۇۋالچىلىقلىرى ۋە كۆڭۈلسىزلىكلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئۆزى يالغۇز بەرداشلىق بىرىپ ئۆتۈپ كىتەلىسە، ئۇ يەنە ئوغۇل دوست ئىزدەپ نىمە ئىش قىلىدۇ؟ ئىككى ئادەمنىڭ بىرگە بولۇشى، ئۆز-ئارا توغرا چۈشىنىشىپ ئۆتۈش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟
    بىزنىڭ ھەممىمىزنىڭ ئېغىزدىن چىقىرىشنى خالىمايدىغان كۆڭۈلسىزلىكلىرىمىز بار؛ بىراق، ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە نىسبەتەن، بىز ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ ھەقىقى ھالىتىنى كۆرسىتىشنى خالايمىز. كەيپىياتىمىزنى كونتىرول قىلىش كىرەكلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز، بىراق ئۆزىمىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگىمۇ، كۆڭلىمىزدىكى دەرتلىرىمىزنى تۆكەلمىسەك، ئەجىبا بۇلارنى ناتۇنۇش كىشىلەرگە دەيمىزمۇ؟ بۇنداق مۇھەببەتنى، مىنىڭچە ھەرقانداق بىر ئايال كىشى خالىمايدۇ.
    مەن بۇ يەردە ئوغۇللارغا شۇنى ئېيتماقچىكى، ئەگەر بىر قىزبالا سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئۆزىنىڭ ئەڭ سەبى ۋە گۆدەكلەرچە كەلگەن تەرىپىنى نامايەن قىلىشنى خالىسا، ئۇنداقتا ئۇنى ياخشى قەدىرلەڭ. چۈنكى، ئۇ ھەممىلا ئادەمگە بۇنداق قىلمايدۇ. سىز ئەگەر ئۇنىڭ سەبىيلىكىنى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالىسىڭىز، ئۇ سىز ئويلاپ يىتەلمەيدىغان ئۇسۇلدا سىزنى ياخشى كۆرىدۇ. بىر قىزبالا ئەگەر سىزنىڭ يانفونىڭىزنى ئاختۇرمىسا، سىزگە ئەركىلەپ تەتۈرلۈك قىلمىسا، سىزبۇنى ھەرگىز مۇھەببەت چاغلاپ قالماڭ؛ چۈنكى، بۇنداق قىزلار سىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ھەم سىزنىڭ قىز دوستىڭىز بولۇشنىمۇ ئويلاپ باقمىغان. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، ھەرقانداق بىر قىز بالا، سىزنى ياخشى كۆرگەن ۋاقىتتا ئاندىن ئەڭ سەبى كىلىدۇ؛ سىزنى ياخشى كۆرمىگەندە بولسا، سىزنىڭ ئانىڭىزدىنمۇ قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە پىشىپ-يىتىلگەن بولۇپ كىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号