ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
يوتىسى بىلەن يىڭىچە جىننىس دۇنيا رىكوتى ياراتقان ئايال
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
    جىننىس دۇنيا رىكوتى خاتىرىسىدە، ھەر يىلى ھەرتۈرلۈك غەلىتە ئىشلار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. مانا بۇ، ئوكرائىنالىق ئايال ئولگا.لىئاسچۇك يېقىندا، ئۆزىنىڭ ئىككى يوتىسى ئارقىلىق يىڭىچە بىر دۇنيا رىكوتى ياراتقان: ئۇ ئىككى يوتىسىنىڭ ئارىسىغا بىر تاۋۇزنى قىسىپ تۇرۇپ، يوتىسىنىڭ قىسىش كۈچىگە تايىنىپ تاۋۇزنى يېرىلدۇرۋەتكەن؛ ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ بۇ ئۇسۇلدا بىر مىنۇتتا 12تال تاۋۇزنى قىسىپ يېرىۋىتەلەيدىكەن.
    ئولگا بولسا ئوكرائىنادىكى بىر بەدەن چېنىقتۇرۇش تىرىنىرى بولۇپ، ئىنتايىن تەرەققى قىلغان كۈچلۈك مۇسكۇللىرى بار ئىكەن؛ يوتىسى بىلەن تاۋۇزنى قىسىپ يېرىۋىتىش، ئۇنىڭ ئادەتتە جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق يىتىلدۈرگەن بىر خىل ماھارىتى ئىكەن.
   ئولگا داڭ چىقارغاندىن كىيىن، شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇنى تىلىۋىزىيە پىروگىراممىسىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان؛ تىلىۋىزىيە پىروگىراممىسى نەخ مەيدانىدا، ئۇ يوتىلىرى ئارىسىغا تاۋۇز قىسىپ يېرىۋىتىش ماھارىتىنى كۆرسىتىپ، نەخ مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن.
    بەدىنى ئەرلەرنىڭكىدەك قاۋۇل كەلگەن ئولگا، بەش سىكونتقا بارمىغان قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە، چوڭ تاۋۇزدىن بىرنى يوتىسى بىلەن قىسىپ يېرىۋەتكەن.
   ئولگا ئوتتۇرا ھىسابتا تەخمىنەن 5-4سىكونت ئىچىدە بىر تاۋۇزنى قىسىپ يېرىۋىتەلەيدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ ماھارىتىگە تايىنىپ، يىڭى بىر جىننىس دۇنيا رىكوتى ياراتقان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号