ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
كۆڭلىدىكى ئادىمىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلالمايدىغان يۇلتۇز تۈركۈمى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ مۇھەببەتكە قارىتا گۈزەل ئارمانلىرى بار بولۇپ، يۈرىكىدىن ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىنى ئۇچرىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بىراق، كۆڭلىدىكى ئاشىقىغا ئۇچراشقان ۋاقىتتا، ھەممىلا ئادەم دادىللىق بىلەن كۆڭۈل ئىزھار قىلالايدىغان ئەمەس، بەزىلەر ھەتتا كۆڭلىدىكى ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ كىتىپ قېلىشىغا قاراپ تۇرۇپلا قالىدۇ، ئەمما يەنىلا كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى قىلالمايدۇ. تۆۋەندىكى بىر نەچچە يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەر، كۆڭلىدىكى ئاشىقىغا مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلالمايدىغانلاردىندۇر.
   جەدى(摩羯) يۇلتۇز تۈركۈمى: خارەكتىرى ئەسلىدىنلا جىمغۇر بولغان جەدى يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەر، ھەقىقى مۇھەببەتكە باشقىلارغا قارىغاندا بەكرەك ئىنتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار پەقەت ئىچ مىجەز ھەمدە ئازراق ئۆزىنى كەمسىتىشى ئىدىيىسى بار بولغاچقا، ئۇلار ھەمىشە ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلار ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىنى ئۇچراتقان ۋاقتىدا، قارشى تەرەپنىڭ كىتىپ قېلىشىغا قاراپ تۇرسا تۇرىدىكى، كۆڭۈل ئىزھارىنى بىلدۈرۈشنى ئويلاشمايدۇ. ئەمىلىيەتتە، جەدى يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەرنىڭ مۇھەببىتى يىتەرلىك ئەمەس بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا، قارشى تەرەپنىڭ رەت قىلىۋىتىشىدىن قورققانلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ؛ شۇڭا ئۇلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادمنى ئۆتكۈزۈۋىتىپ قالىدۇ.
    سەۋر(金牛) يۇلتۇز تۈركۈمى:  ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىنى ئۇچراتقان ۋاقتىدا، سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەر ئاللىبۇرۇن قارشى تەرەپ بىلەن بىرگە بولغاندىكى گۈزەل تۇرمۇشلارنىڭ خىيالىغا چۈشكەن بولىدۇ؛ ئەمما، پەقەت خىيال سۈرۈش بىلەنلا چەكلىنىدىغان بولۇپ، سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. شۇنداق، سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن توخۇ يۈرەك بولۇپ، ئۇلار ناھايىتى تارتىنچاق، ئالدىغا بېرىشقا جۈرئىتىمۇ يوق بولۇپ قالىدۇ. كۆڭلىدە قارشى تەرەپ بىلەن بىرگە ئۆتۈشنى ھەرقانچە ئارزۇ قىلسىمۇ، ئەمىلىيەتتە بۇ كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؛ بەزىدە، ھەتتا قارشى تەرەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنلاشسىمۇ، ئۇلار تېخى ئۇزۇن ۋاقىت ئويلىشىدۇ.
    قىز(处女) يۇلتۇز تۈركۈمى:  قىز يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەر چوڭ سۈپەت كىلىدىغان بولۇپ، ناتۇنۇش كىشىلەر بىلەنمۇ بىمالال پاراڭلىشالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە؛ ئەمما ئۇلار ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى كۆرگەندە، ئۇلار ئىنتايىن تارتىنچاق بولۇپ، ھەتتا قارشى تەرەپ بىلەن بىمالال پاراڭلىشىشنىمۇ ساقلاپ بولالمايدۇ. ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىگە ئۇچراشقان ۋاقتىدا، قىز يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەر ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كىتىدىغان بولۇپ، دەل بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇلار قارشى تەرەپكە تەمكىن يۈزلىنەلمەيدۇ؛ كۆڭلىدە قارشى تەرەپ بىلەن بىرگە بولۇشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، ئەمما تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号