ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
17 ياشلىق يىگىت 51ياشلىق موماي بىلەن توي قىلىپ بەختىنى تاپتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
   "مۇھەببەت ياش ئايرىمايدۇ" دىگەن گەپ بىكار ئېيتىلمىغان...
    بۇندىن 19يىل ئىلگىرى، ئەنگىلىيەلىك 17ياشلىق بىر يىگىت، ئىرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن 51ياشلىق بىر موماي بىلەن توي قىلغان بولۇپ، ئىككەيلەن ھەمىشە باشقىلار تەرپىدىن ئانا-بالا دەپ قارىلىپ قالاتتى.
    ھازىر ئارىدىن 19يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما ئىككەيلەن يەنىلا ناھايىتى ئىجىل ئىناق ئۆتمەكتە.
    جېيى.بالىم ئەنگىلىيە ئاسىكىس ئايمىقىدىن بولۇپ، 2000-يىلى ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن جېيى، 51ياشلىق لىنداغا ئۇچراشقان؛ ئەينى ۋاقىتتا لىندا ئىرىدىن ئاجرىشىپ كەتكىلى ئۇزۇن يىل بولغان بولۇپ، جېيى بولسا بۇندىن ئىلگىرى ئۈچ قېتىم مۇھەببەتلىشىپ باققان.
    ئىككەيلەننىڭ ياش پەرقى گەرچە ئىنتايىن چوڭ بولسىمۇ، بىراق ئىككەيلەن ناھايىتى تىزلا مۇھەببەت دېڭىزىغا غەرق بولغان.
    لىندانىڭ جېيى بىلەن تەڭ كىلىدىغان سىمون ئىسىملىق بىر ئوغلى ۋە 13ياشقا كىرگەن ھالۇن ئىسىملىك كىچىك ئوغلى بار ئىدى. ئەمما ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن، ئۆگەي دادىسىنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭ ياشلىق بولۇشىنى بەك ئارتۇق ئويلاپ كەتمەيدىغانلىقىنى، پەقەت ئانىسى خۇشال بولسىلا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
     تويدىن كىيىن، بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇنلار بولكا دوكىنىدىن بىرنى ئاچقان؛ ھازىر ئۇلار يەنە ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا قەھۋەخانىدىن بىرنى ئاچتى.
    جېيىنىڭ ئانىسى 2014-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ كىلىنى لىندادىن 12ياش كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى ئىدى.
    ئىككەيلەن توي قىلغان ۋاقىتتا، لىندا يەنە تۇغالايدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىككەيلەن بالىلىق بولۇشنى ئويلاشمىغان. لىندانىڭ ھازىر 4ياشتىن 18ياشقىچە بولغان نەۋرىسىدىن يەتتىسى بار.
    بۇيىل 36ياشقا كىرگەن جېيى بىلەن 69ياشقا كىرگەن لىندا، 7-ئايدا ئۇلارنىڭ توي قىلغانلىقىنىڭ 19يىللىق خاتىرە كۈنىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، ئۇلار ھازىر ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا بىر-بىرىگە تېخىمۇ ئامراق ئىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号