ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
سامساق راستىنلا راك كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالالامدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
    سامساق تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان، تەم تەڭشەشتە ئىشلىتىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، بۇندىن باشقا يەنە تارىخى ئۇزۇن دور ئۆسۈملۈكى ھىسابلىنىدۇ. ھازىرقى زامان دورا تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، سامساقنىڭ باكتىرىيە يوقىتىش، مىكروپلارغا قارشى تۇرۇش، پارازىنت قۇرتلارنى يوقىتىش، قاننىڭ ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىش، قاننىڭ شىكەر مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، قان پىلازمىلىرىنىڭ يېغىۋىلىشىنى توسۇش، ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇش، كىسەللىك ۋىروسلىرىغا قارشى تۇرۇش، يۈرەكنى كۈچەيتىپ مىڭىنى قوغداش، جىگەرنى قوغداش قاتارلىق دورىلىق ئۈنۈملىرى بار. تەكشۈرۈشلەردە بايقىلىشىچە، ئوتتۇرا ھىسابتا ھەركۈنى ھەربىر ئادەم 20گىرام سامساق ئىستىمال قىلىدىغان رايونلاردا، يۈرەك مىڭە قان تۇمۇرلىرى كىسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتى، سامساق ئىستىمال قىلمايدىغان رايونلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك تۆۋەن ئىكەن.
   سامساقنى تۇلۇق ئىزىلىپ، ئوكسىگىن بىلەن تۇلۇق بىرىككەن ۋاقىتتا ئاندىن سامساق ماددىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، ئىشلەپچىقارغان سامساق ماددىسى ئىنتايىن تۇراقسىز بولىدۇ، ئىسسىققا ياكى تۇزغا ئۇچراشسا ناھايىتى تىزلا رولىنى يوقىتىدۇ؛ شۇڭلاشقا، سامساقنى خام يىيىشكە ماس كىلىدۇ. سامساق ماددىسى بولسا، كۆپ خىل ئاللىل ئورگانىك گۈڭگۈرت بىرىكمىلىرىنىڭ قايتا بىرىكمىسى بولۇپ، سامساق تەركىبىدىكى ئاساسلىق بولغان ئۈنۈملۈك بىئولوگىيلىلىك ئاكتىپ تەركىبتۇر. ھازىرقى زامان دورا تەتقىقاتلىرىدا ئىسپاتلىنىشىچە، سامساق ماددىسى تەركىبىگە خاس بولغان ئورگانىك ئاللىل گۈڭگۈرت بىرىكمىلىرىنىڭ باكتىرىيە ۋە ۋىرۇسلارغا قارىتا ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان يوقىتىش ئۈنۈمى بار بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى كۆپ خىل راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىىيىشىنى تىزگىنلەش ۋە يوقىلىشقا يۈزلەندۈرۈش رولى بار.
    ھازىرچە، بىر نەچچە خىل كىلىنكىلىق سىناق(ئادەم بەدىنى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات)، سامساقنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىنى سىناپ باققان بولۇپ، نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، سامساقنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى بار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن؛ بىراق، بۇ سىناقلار ئوبىكىتلىرىنىڭ سانى كۆپ ئەمەس. ئامىرىكا ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى سەھىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ قارمىقىدىكى راك تەتقىقات ئورنى سامساقنى راك كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يىمەكلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە تەكلىپ بەرمىگەن؛ بىراق راك كىسەللىكىنى ئاز ساندىكى راكقا قارشى تۇرۇش يۇشۇرۇن ئىقتىدارى بار كۆكتات دەپ قارىغان. ئادەتتە، سامساقنى پىشۇرۇپ تەييارلاش ئۇسۇللىرى ھەرخىل بولغاچقا، بىزنىڭ راك كىسەللىكى خەتىرىنى ئازايتىدىغان سامساق مىقدارىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىكىتىشكە ئامالسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سامساق تەركىبىدىكى ئاكتىپ ماددىلار، بەلكىم ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى ۋە بىتەرپ قىلىش ئۇسۇلى سەۋەبىدىن ئۈنۈمىنى يوقىتىشى مۇمكىن.
    ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، سامساقنى خام يىگەندە، ھەقىقەتەن كۆپ خىل راك ھۈجەيرىلىرىگە قارىتا توسۇش رولىنى ئوينىشى مۇمكىن بولۇپ، دائىم خام سامساق يەپ بەرگەندە، راك كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئازايتىش مۇمكىن. بىراق، راك كىسەللىكىنى داۋالاشتا سامساققىلا تايىنىۋالغان بىلەن بولمايدۇ. بۇندىن باشقا، سامساق دائىم ئىشلىتىلىدىغان كۆكتات ۋە تەم تەڭشەش ماتىريالى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كىلىدۇ؛ ئەمما كۆز كىسەللىكلىرى، جىگەر كىسەللىكى، ئىچى سۈرۈپ قالغان بىمارلار، ئەڭ ياخشىسى خام سامساق يىمەسلىكى كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号