ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇ گىرىمچىكنىڭ گىرىم قىلىش ماھارىتى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىلگىرى، گىرىم قىلىش ئارقىلىق مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا چىرايىنى ئەدشىرانغا ئوخشاش قىلغان ھەمدە بۇ سەۋەپلىك YouTubeتورىدا داڭ قازىنىپ تور چولپىنىغا ئايلانغان لوس-ئانژىلىسلىق گىرىمچىك پىرۇمىسىي.تاماڭ، يېقىندا يەنە يىڭى بىر ئىجادىيەتنى تاماملىغان بولۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى گىرىم قىلىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، چىرايىنى كالپۇكلىرى قېلىن كۆزلىرى ياقۇتتەك كەلگەن بېس قونچىقىنىڭ چىرايىغا ئوپئوخشاش قىلىپ ياساپ چىققان.
   پىرومىسىي گىرىم بۇيۇملىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنى ھەقىقى بىر بېس قونچۇقى قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ، مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن كۆزلىرى ۋە جەلپكار قېلىن كالپۇكلىرى ئۆز-ئەينى ئوخشىتىپ چىقىرىلغان. پىرومىسينىڭ YouTubeتورىدىكى يېغىلغان مەستانىلىرى جەمئى 4مىليۇن 800مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى ئۇنىڭ ئىجادىي دەرسلىكلىرى توردا تەلۋىلەرچە ئالقىشقا ئىرىشكەنلىك سەۋەبىدىن بولغان. ئۇ ئىلگىرى، يەنە گىرىم قىلىش ئارقىلىق، چىرايىنى نۇرغۇنلىغان ھەقىقى تۇرمۇشتىكى چولپانلارغا ۋە كارتۇن فىلىملىرىدىكى شەخىسلەرگە ئوخشىتىپ ياساپ چىققان.
    بۇ يىڭى ياسىنىشىغا، پىرۇمىسىينىڭ قارىشىچە، بۇ ئۇنىڭ مەستانىلىرى ئۈچۈن چۆچەك ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يەنە بىر گىرىمچىكتىن ئىلھام ئالغان بولۇپ، ئۇ گىرىمچىك ئىلگىرى، مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن چوڭ كۆز ۋە قېلىن كالپۇك سىزىپ چىقىش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن ئىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号