ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تۇغۇلمىغان بوۋاقنى ئوپراتسىيە قىلغاننى ئاڭلاپ باققانمۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
    كانادادىكى بىر ھامىلدار ئايال، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى دائىملىق تەكشۈرۈشتە، قورسىقىدىكى بالىنىڭ ئۇمۇرتقا سۆڭىكىنىڭ يېرىلغان ھالەتتە شەكىللىنىپ قالغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ئايال بەخىتكە يارىشا، بالىياتقۇ ئىچىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىنى ئوپراتسىيە قىلالايدىغان بىر دوختۇرخانىنى ئىزدەپ تاپقان بولۇپ، قوسىقىدىكى بالىسىغا 6ئايلىق بولغان ۋاقىتتا ئوپراتسىيە قىلدۇرغان؛ ھازىر بۇ بالا، سالامەت ھالدا تۇغۇلغان.
    تورىنتو شەھرىدە ئولتۇرۇشلۇق رومىلاسوننىڭ تۆت ئوغلى بار بولۇپ، چوڭى 16ياش، كىچىكى 4ياش ئىدى. ئۇ ئاخىرى ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك بىر قىز بوۋاققا ھامىلدار بولغان ۋاقتىدا، بەخىتكە قارشى قورسىقىدىكى ھامىيلىنىڭ ئۇمۇرتقا سۆڭىكى يېرىلىپ كەتكەن ھالدا شەكىللىنىپ قالغانلىقىنى بىلگەن. بۇنىڭغا قارىتا ئىنتايىن ئېغىر بىر زەربە بولغان.
    ئۇمۇرتقا سۆڭىكى يېرىلىق ھالەتتە شەكىللىنىپ قېلىش، بالىلارنىڭ تۇغۇلغاندىن كىيىن بىلىنىڭ ئاستى پالەچ بولۇپ قېلىشىنى، مىڭىسىگە سۇ چۈشۈشىنى ۋە سۈيدۈك تۇتالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق تۇغۇلما كىسەللىككە گىرىپتار بولغان بەزى بالىلار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمەيدىغان بولۇپ، ھاياتىنى ساقلاپ قالالىغانلىرىمۇ، نورمال ئادەملەرگە ئوخشاش مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدۇ. رومېلاسون بالىسىدىن بۇنداقلا ۋاز كىچىشنى خالىماي، نەچچە ھەتتا ماتىريال ئىزدەش ئارقىلىق، بالىياتقۇ ئىچىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بوۋاقنى ئوپراتسىيە قىلىپ، ئۇمۇرتقىسىدىكى كەمتۈكلۈكنى ئەسلىگە ئەكىلىلەيدىغان دوختۇرخانىنى ئىزدەپ تاپقان.
    بۇ ۋاقىتتا، كانادادا بۇ خىل ئۇپراتسىيەنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملىغان مىسال بولمىسىمۇ، ئەمما رومىلاسون خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ، دوختۇرلارنىڭ ئوپراتسىيە قىلىشىغا قوشۇلۇشنى قارار قىلغان. بەخىتكە يارىشا ئۇنىڭ شارائىتلىرى ئوپراتسىيە قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ھامىلدار بولغىلى 25ھەپتە بولغان ۋاقىتتا، كانادا تەۋەلىكىدە تۇنجى بولۇپ بالىياتقۇ ئىچىدىكى بالىسىنى ئوپراتسىيە قىلدۇرغان. ئوپراتسىيە ئاخىرىقى نەتىجىدە ئىنتايىن مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان بولۇپ، ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كىيىن، رومىلاسۇن ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ئارقىلىق، قىزى ئىكونى تۇغقان. ھازىر بۇ بوۋاق ساغلام ئۆسمەكتە.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号