ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاتا-ئانىسىغا ئەڭ ۋاپادار كەلگەن ئۈچ يۇلتۇز تۈركۈمى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاتا-ئانىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئادىمىي ئەخلاق بولۇپ، ئەخلاق-پەزىلەتلىك كىشىلەر ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئىسىدە چىڭ ساقلىنىپ قالىدۇ. ئون ئىككى يۇلتۇز تۈركۈمى ئىچىدە، ئۈچ چوڭ يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە كىشىلەر ئاتا-ئانىسىغا كۈيۈنۈشنى بىلىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن ۋاپادار كىلىدۇ.
سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى(4.20-5.20 ئارىلىقىدا تۇغۇلغانلار)
    سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە كىشىلەرنىڭ مىجەزى خۇددى سەۋرچان ھەم پۇختا كەلگەن قېرى كالىغا ئوخشاش، ئۇلار ھەمىشە ئەتراپىدىكى مۇھىت ئېلىپ كەلگەن بېسىملارغا ئۆز سۈكۈت ئىچىدە بەرداشلىق بىرىپ، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمەيدۇ؛ ئۇلار ھىسياتقا قارىتا ئەستايىدىل ھەم ئىنچىكە بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئاسرايدۇ. تۇرمۇشتا، ئۇلارنىڭ قاقشاپ ئاغرىنغانلىقى ئىنتايىن ئاز ئاڭلىنىدۇ؛ چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى پىشىپ يىتىلگەن بولۇپ، ئۆزى تۆلىگەن بەدەل بىلەن ئىرىشكەن جاۋاپ مۇناسىپ كەلمىسىمۇ، ئۇلار ئىزچىل تۈردە بوشىشىپ قالمايدۇ ھەمدە ھامان بىر كۈنى ئەھۋالنىڭ ياخشىلىنىپ كىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كىلىپ چىقىشى مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلار ئۆيىدىكىلەرگە تايىنىۋالمايدۇ، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ نەتىجە قازىنىدۇ.
    سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە كىشىلەر ئادالەتنى ياقىلىغۇچىلاردىن بولۇپ، ئاتا-ئانىسىغا، مۇئەللىمىگە ھۆرمەت قىلىدۇ؛ ئۇلار يەنە، ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىشتىكى ئۈلگە ھىسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇلارنى بېقىش ئۈچۈن تارتقان جەۋرى جاپالىرىنى ئۇلار ئىسىدىن چىقىرىپ قويمىغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار چوڭ بولغاندىن كىيىن، ئائىلىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، بىرەر ياخشى نەرسە بولۇپ قالسا، ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىسى بىلەن تەڭ بەھىرلىنىشنى ئويلايدۇ.
سەرەتان يۇلتۇز تۈركۈمى(7.22-6.22 ئارىلىقىدا تۇغۇلغانلار)
    سەرەتان يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە كىشىلەر، ۋاپادارلىقنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ئۇلار كىچىكىدىن باشلاپلا مۇھەببەت ئىچىدە چوڭ بولغاچاق، ھەرۋاقىت ئائىلىسىنى مەركەز قىلىدۇ. ئۇلار كىچىكىدىن باشلاپلا، مۇئەللىمى ۋە ئەتراپىدىكى باشقا كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئىش ئۇقىدىغان يۇۋاش بالا، ساۋاقداشلىرىنىڭ ياخشى ئۈلگىسى ھىسابلىنىدۇ. ئۇلار كىچىكىدىن باشلاپلا ئاتا-ئانىسىغا كۈيۈنىدىغان بولۇپ، ئۆي ئىشلىرىنى تالىشىپ قىلىدۇ، ئىزچىل تۈردە ئاتا-ئانىسىنىڭ پەخرى بولۇشغا تىرىشىدۇ.
    چوڭ بولغاندىن كىيىن، ئۇلار كۆڭۈلسىز ئىشلارغا ياكى خىزمەتتىكى بېسىم قاتارلىقلارغا دۇچ كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئاتا-ئانىسىنى ئەڭ چوڭ بىلىپ، ۋاپادارلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلار ئەگەر سىرتلاردا بىرەر ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىسا، ئۇلار مۇھەببىتى ياكى دوستلىرىغا ھال ئېيتىشنى ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىسىغا دەرت تۆكۈشنى تاللايدۇ.
قىز يۇلتۇز تۈركۈمى(922- 8.23 ئارىلىقىدا تۇغۇلغانلار)
    نۇرغۇن كىشىلەر، قىز يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەرنى تىلى زەھەر كىلىدۇ دەيدۇ. بۇ خىل قاراش ئۇلارنىڭ قۇسۇر تېپىشنى ياخشى كۆرىدىغان خارەكتىرى سەۋەبىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ھەرقانداق بىر ئىشنى ئەڭ مۇكەممەل ھالەتتە قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ. ئۇلار گەرچە مىجەزى تۈز، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا باشقىلارغا يۈز قىلمايدىغان كەلسىمۇ، ئەمما ئەتراپىدىكى دوستلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى، قىز يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە كىشىلەرنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىشى ئاستىدا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇنەۋۋەر بولۇپ ئۆزگىرەلەيدۇ، گۈزەللىك قارىشىمۇ بارغانسىرى ياخشى بولۇپ كىتىدۇ.
    قىز يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەرنىڭ باشقىلارغا بولغان تەلىۋى گەرچە يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئاتا-ئانىسىغا ئىنتايىن بەك كۆيىنىدۇ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى تۇغۇپ بۇ دۇنياغا ئېلىپ كىلىشنىڭ ئۆزىلا ئەڭ چوڭ ئىش دەپ قارايدۇ؛ شۇڭا ئۇلار قانداق بىر ياخشى ئىش بولسا، ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىسىنى ئويلايدۇ. چۈنكى، ئاتا-ئانىسىنىڭ بېقىپ چوڭ قىلغان ئەجرىنى ئۇلار ھەرۋاقىت ئىسىدە چىڭ ساقلايدۇ. بۇ ۋاپاغا چوقۇم ۋاپا قايتۇرىدىغان، باشقىلارغا قەرزدار بولۇپ قېلىشنى خالىمايدىغان خارەكتىرىگە ماس كىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号