ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
توي ئىچىدە ئاسىيلىققا ئۇچرىغاندا بۇ ئىككى ئىشنى ئاۋال ئويلىشىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
   توي تۇرمۇشى ئىچىدە ئاسىيلىققا ئۇچراش، مۇھەببەتكە نىسبەتەن ئەلۋەتتە بىر ئازاپلىق ئىش، شۇڭلاشقا ئازاپنى يىڭىپ ئاغرىقنى توختىتىشنى بىلىش كىرەك. تويلاشقان جۈپتىڭىز تالاغا قارىسا، توي تۇرمۇشى ئەلۋەتتە گۇمران بولۇشقا يۈزلىنىدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا، قايتۇرۇپ كىلىپ تۇتۇپ قېلىش ياكى ئاجرىشىشتىن ئىككىنىڭ بىرنى تاللىماي بولمايدۇ.
    بىراق، بۇلار قىسقا مۇددەت ئىچىدە بىتەرپ قىلغىلى ياكى ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدىغان مەسىلە ئەمەس؛ بۇ ۋاقىتتا، سىز ئالدىن بىتەرەپ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار بار.
ئىسپاتنى ساقلاپ قېلىش
    ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ تالاغا قارىغانلىق ھەققىدىكى ئىسپاتلار بار بولسا، بۇنى چوقۇم ياخشى ساقلاش كىرەك؛ مەسىلەن، قارشى تەرەپ بىلەن ئۈچىنچى شەخىسنىڭ پاراڭلىشىش خاتىرىسى، قارشى تەرەپنىڭ ياتاق ئېچىش خاتىرىسى قاتارلىقلار. ھەتتا قارشى تەرەپنىڭ تالاغا قارىغانلىقىنى ئىتراپ قىلغانلىقى ھەققىدىكى يېزىقچە خاتىرىسى قاتارلىق ئىسپاتلارنىمۇ ياخشى ساقلاپ قېلىش كىرەك.
    ئەگەر ئىسپات بولمىسىچۇ؟ ئۇنداقتا، ئەلۋەتتە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىسپات توپلاش كىرەك.
   نۇرغۇن كىشىلەر جۈپتى تالاغا قارايدىغان ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، ئۇلاردا بۇ جەھەتتىكى تۇنۇشى بولمايدۇ؛ بەزىلەر ھەتتا، ئەگەر مەن ئىسپاتلارنى ساقلاپ قالسام، قارشى تەرەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمگە تېخىمۇ تەسىر يەتمەمدۇ؟ ئۇ ئەسلدىنلا تالاغا قارىغان تۇرسا، مەن يەنە ئىسپاتنى قولۇمدا ئېلىپ قالسام، مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ بەك بۇزغانلىق بولمامدۇ دەپ ئويلايدۇ.
    ئالدىن بىلەن، قارشى تەرەپ تالاغا قارىغان ئىكەن، ئوتتۇرلۇقتىكى مۇناسىۋەت ئاللىبۇرۇن بۇزۇلۇپ بولغان بولىدۇ؛ شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ئىشىڭىز، ئۆزىڭىزنى قوغداشنى ئۆگىنىۋىلىشتۇر. نىمىشقا ئىمكان قەدەر ئىسپات توپلايمىز ھەم ئۇنى ساقلاپ قالىمىز دىگەندە، چۈنكى ئادەمنىڭ ئىچىگە كىرىپ چىققىلى بولمىغاچقا، قارشى تەرەپنىڭ تېنىۋالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
    ئىسپاتنى ساقلاپ قېلىش، بىر تەرەپتىن قارشى تەرەپكە قارىتا پىسخىكىلىق جەھەتتىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇش بولۇپ، پەقەت ئىسپات قولىڭىزدا بار بولسىلا، قارشى تەرەپ ئاز دىگەندىمۇ يالغان سۆزلەپ تېنىۋالالمايدۇ، سىزمۇ قارشى تەرەپنى تەن ئالغۇزۇش ئۈچۈن كۈچەپ يۈرمەيسىز. نۇرغۇنلىغان تالاغا قارىغانلارنىڭ پىخىكىسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، سىزدە ئەگەر ئىسپات بولمىسا، ئۇلار پۈتۈنلەي ئۆزى ھېچنىمە قىلمىغان قاتارغا كىرىۋلالايدۇ.
    يەنە بىر تەرەپتىن، قارشى تەرەپ تالاغا قارىغاندىن كىيىن، ئەمىلىيەتتە ئاجرىشىپ كىتىش ئىھتىماللىقى يۇقىرىراق بولىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايمەن دىسىڭىز، ئۇنداقتا قارشى تەرەپنىڭ تالاغا قارىغانلىقىدىكى ئىسپاتلار، ئەڭ ياخشى قورال بولالايدۇ. سىز توپلاپ ساقلاپ قالغان ئىسپاتلارنىڭ سوتتا رەسمى ئىسپات بولالىشى ناتايىن، ئەمما بۇ ئىسپاتلار قولىڭىزدا بولسا، قارشى تەرەپتە ھېچ بولمىغاندا تەشۋىشلىنىش تۇغۇلۇپ، خالىغانچە ئىش كۆرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ.
مال مۈلۈكنى قوغداپ قېلىش
    مەسلىھەت بىرىش خىزمىتى جەريانىدا، نۇرغۇنلىغان جۈپتىنىڭ ئاسىيلىقىغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ، ئاساسى جەھەتتىن ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىنى باشقۇرمايدىغان، ھەتتا قارشى تەرەپنىڭ قانچىلىك پۇل تاپىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ئۇنداقتا، قارشى تەرەپ ئەگەر تالاغا قارىسا، مۇمكىن بولسا، ھېچبولمىغاندا قارشى تەرەپنىڭ كىرىمىنى بىلىۋىلىش؛ ئەگەر يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ئاساستا مۇمكىنچىلىك بار بولسا، قارشى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىنى كونتىرول قىلىۋىلىش كىرەك.
    بۇندىن باشقا، بەزىبىر قىممەتلىكراق ياكى چوڭراق مۈلۈك جەھەتتە، چوقۇم ئازراق زىھنىنى سەرپ قىلىپ، ئۆزىنى قوغداشنى ئۆگىنىۋىلىش كىرەك؛ چۈنكى، بىر بۆلەك تويلىشىش مۇناسىۋىتىدە، ئەگەر مۇھەببەت قالمىسا، ئۇنداقتا پايدا-مەنپەئەت ئەڭ مۇھىم نەرسىگە ئايلىنىدۇ؛ مۇھەببەتنى بەلكىم قوغداپ بولالماسلىقىڭىز مۇمكىن، ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ مەنپەئىتىنى، بولۇپمۇ قانۇنلۇق مەنپەئەتىڭىزنى قوغداش، بۇ ئۆزىڭىزگە مەسئۇل بولغانلىقتۇر.
    مەسىلەن ئۆي، ئەگەر سىنىڭ نامىڭىزدا بولمىسا، ئۇنداقتا بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ نامىغا يۆتكىۋىلىشىڭىز، ھېچبولمىغاندا ئورتاق ئىگىدارچىلىق قىلىدىغانغا ئەنگە ئالدۇرۋىلىشىڭىز كىرەك؛ مەسىلەن، ئائىلىدىكى نىسبەتەن چوڭراق بولغان مەبلەغ سېلىش—يەنى پايچېكى، فوند قاتارلىقلارنى ئىمكان قەدەر ئۆزىڭىزنىڭ ھىساباتىغا يۆتكىۋىلىشىڭىز، ئەگەر يۆتكەشكە ئامال بولمىسا، ھېچ بولمىغاندا، بۇ خىلدىكى مەبلەغ سوممىسى جەمئى قانچىلىك دىگەنلەر ھەققىدە ئىسپات قالدۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ مال-مۈلۈكنى يۆتكىۋىتىشىدىن ساقلىنىشىڭىز كىرەك.
    نۇرغۇن كىشىلەر، قارشى تەرەپ بىلەن توي مۇناسىۋىتى ئىچىدكى مال-مۈلۈك كىلىشىمنامىسى تۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ؛ كەسكىنرەك قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ خىل كىلىشىمنامە قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئىرىشەلمەيدىغان بولۇپ، ئەگەر قانۇنى كۈچكە ئىگە بولسۇن دىسىڭىز، چوقۇم ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈشىڭىز كىرەك بولۇپ، بۇ سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىزنى قوغدىيالايدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر.
    نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىشلارنى قىلىشتىن ئەنسىرەيدۇ، چۈنكى ئۇلار مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۋىلىشتىن قورقىدۇ؛ بىراق بۇ خىل ئوي-پىكىردە، قانائەتلەندۈرۈشكە تىگىشلىك بىر ئالدىنقى شەرت بار، ئۇ بولسىمۇ سىلەر داۋاملىق بىرگە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ ئۆتۈش، ھەمدە ئۇنىڭ ئۈستىگە ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ ئۆتۈش. سىز چوقۇم ئەس-ھۇشىڭىزنى يېغىۋىلىشىڭىز كىرەك، توي تۇرمۇشىدا ئاسىيلىق يۈز بەرگەندە، داۋاملىق ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ ئۆتۈپ كىتىشنىڭ ئىھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولغادىمۇ يېرىم ئىھتىماللىق بار بولىدۇ؛ قالغان يېرىم ئىھتىماللىق بولسا، مۇناسىۋەتنى ياخشى ساقلاپ ئۆتەلمەسلىك، ھەتتا ئاجرىشىپ كىتىش بولىدۇ. شۇڭلاشقا، مۇناسىۋەتنى قايتا ياخشى ساقلاپ ئۆتكىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغاندا ياكى ئاجراشقىلى تەييارلانغاندا ئاندىن بۇ ئىشلارنى قىلىمەن دىمەڭ.
    بۇندىن باشقا يەنە، ئەگەر قارشى تەرەپ سىز بىلەن ھەممىدە ئىنچىكە ھىساب قىلىپ، سىزگە قارىتا مۇداپىئە ھالىتىدە تۇرسا، ئۇنداقتا سىز تېخىمۇ دىققەت قىلمىسىڭىز بولمايدۇ؛ چۈنكى، بۇنداق كىشىلەر تالاغا قارىغانلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدۇ، ھەقىقى تۈردە خاتالىقىنى تۇنۇپ ئۆيىگە يېنىپ كېلىشىمۇ مۇمكىن بولمايدۇ. شۇڭا بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئوتتۇرلۇقتىكى مۇھەببەتنى ۋە توي مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىپ قايتىدىن ياخشىلاشنىڭ ئالدىنقى شەرتىمۇ يوق بولغان بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号