ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
    روسىيەلىك ئىۋىگنىي بۇ يىل 23ياشقا كىرگەن بولۇپ، 38 ياشلىق تاتيانا بىلەن توي قىلغاندىن كىيىن، بىراقلا 11بالىنىڭ دادىسى بولۇپ قالغان. ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋىنگىي تاتيانانى تۇنجى كۆرۈپلا ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالغان؛ بىراق تاتيانانىڭ 11 بالىسى بارلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، ھەيرانلىقتىن بىرپەس گاڭگىراپ قېلىپ، رېتىمنى ئاستىلىتىپ، ئاستا-ئاستا مۇناسىۋەت باغلاش قارارىغا كەلگەن. ئۇ تاتيانانى بىللە كىنو كۆرۈپ كىلىشكە تەكلىپ قىلىپ، كىنو كۆرۈپ بولۇپ بىللە سەيلە قىلغان ۋاقتىدا، ئىككەيلەن ئۆزىنى تۇتىۋالالماي، قۇچاقلىشىپ ئېغىز بۇرۇن يالىشىپ قالغان. شۇندىن كىيىن، ئىۋگنىي تاتيانادىن بارغانسىرى ئايرىلىپ كىتەلمەيدىغان بولۇپ قالغان.
    تاتيانا ئىرىدىن ئاجرىشىپ كەتكىلى بىريىل بولغان بولۇپ، ئىۋىگنىي بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقىشقا باشلىغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى، ئىۋىگنىينى بالىلىرىغا قانداق تۇنۇشتۇرۇش بولغان. بىراق بۇ مەسىلە ئويلىغاندىن كۆپ ئاسان ھەل بولغان؛ چۈنكى، بالىلار ئىۋىگنىينىڭ بارسىلونا كوماندىسىنىڭ توپ مەستانىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى تىزلا يېقىنلىشىپ ئۆزلىشىپ كەتكەن.
    تاتيانانىڭ دىيىشىچە، ئۇ ناھايىتى خۇشال ئىكەن؛ چۈنكى، ئىرى ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپلا قالماي، بالىلىرى بىلەنمۇ ناھايىتى ئىجىل ئىناق ئىكەن. ئۇنىڭ بالىلىرىمۇ، ئىۋىنگىيغا ناھايىتى ئامراق بولۇپ، تاتيانانىڭ بىلدۈرىشىچە، بىر ئايال كىشىگە نسبەتەن بۇ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەن. بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇن، ۋاقتىنچە قايتا بالىلىق بولىمىز دىمەي، ھازىر بار بولغان 11بالىنى ياخشى بېقىشنى قارار قىلىشقان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号