بىزنىڭ خوشاللىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان زادى نىمە
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
بىزنىڭ خوشاللىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان زادى نىمە؟
(رىچاد ھوسمان خىزمەت خاتىرىسى)
مەن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، ئەنگىلىيەدە، نەچچە ئونمىڭ كىشىگە چېتىلىدىغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات ئۇيۇشتۇردۇم، تەتقىقات تېمىسى بولسا "خوشاللىقننڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش". پىسخىلوگىيە ئالىملىرى كىشىلەرنىڭ خوشاللىق كۆرسەتكۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان، ئۆز ئارا ئوخشاش بولمىغان نۇرغۇن ئۇسۇللارنى تەتقىق قىلىپ چىققان بۇلۇپ، مەن بۇ ئۇسۇللارنىڭ ئىچىدە قايسىسسىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىگىنى بىلىپ باقماقچى؛ ئەلۋەتتە بۇ تەتقىقاتنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يە نە بىر سەۋەبى بار: ئىلگىرى باشقا تەتقىقاتچىلار بەخىت تۇيغۇسىنىڭ كىشىلەر توپى ئارسىدا يۇقۇملۇق كىسەلگە ئوخشاش يۇقۇپ تارىلىدىغانلىغىنى ئىسپاتلاپ چىققان؛ مەن نەچچە ئون مىڭ كىشى كاتالىزاتورغا ئوخشاش، پۈتۈ مەملىكەتنى خوشاللىققا ۋە ئاكتىپ ئىنىرگىيەگە توشقۇزالامدۇ يوق بىلىپ باقماقچى .

بۇ قېتىملىق تەجىربە باشلىنىشتىن ئىلگىرى، مەن بىر دۆلەت دەرىجىلىك تەكشۈرۈش ئورگىنىغا، پۈتكۈل دۆلەتنىڭ كەيپىيات ھالىتىنى تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلدىم؛ بۇنىڭدا ھەر بىر تەكشۈرۈش ئوبىكتى بىردىن يەتتىگىچە بولغان دەرىجە بويىچە ئۆزىنىڭ خوشاللىق تۇيغۇسىغا نۇمۇر قويىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى دەرىجە " ئازراقمۇ خوشال ئەمەس " كە ۋەكىللىك قىلىدۇ، يەتتىنچى دەرىجە " مەن ئىنتايىن خوشال " غا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %45تەكشۈرۈش ئوبىكتى ئۆزىگە بەشىنچى دەرىجىدىن يۇقىرى نۇمۇر قويغان.
تەكشۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كىيىن، بىز دۆلەت دەرىجىلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىدە بۇ قېتىملىق تەجىربىنى ئىلان قىلدۇق. ھەر قانداق بىر بۇ تەجىربىگە قىزىقىدىغان ئادەم، مۇناسىۋەتلىك تور بىكىتىگە كىرىپ، ئۆزىنىڭ خوشاللىق كۆرسەتكۈچىنى تولدۇرسا بۇلىدۇ؛ بۇ جەرياندا جەمئى 26مىڭدىن كۆپرەك ئادەم ئىنكاس قايتۇرغان. ھەرقايسى تەكشۈرۈش ئوبىكىتلىرى خالىغانچە، ئوخشاش بولمىغان گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ئۇلارنى تېخىمۇ خوشال قىلىش ئۈچۈن لاھىيەلەنگەن ئوخشاش بولمىغان مەشىقلەرنى ئورۇنلايدۇ. بەزى گۇرۇپپىلارنىڭ قوللانغىنى، بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەن " نۆۋەتتىكى خوشاللىقنى قوزغاش " مەشىق ئۇسۇلى بۇلۇپ، " مىننەتدار بۇلۇش"، " خوشال ۋاقىتلارنى قايتا ئەسلەش " قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يەنە بەزى گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرى بولسا، جېمىسنىڭ تەلىۋى بويىچە كۈندە نەچچە مىنۇت كۈلۈمسىرەش تەلەپ قىلىنىدۇ.

بىر ھەپتىدىن كىيىن، تەجىربە ئوبىكىتلىرى قايتىدىن تور بىكىتىگە كىرىپ ،ئۆزىنىڭ خوشاللىق تۇيغۇسى ئۈچۈن قايتىدىن نۇمۇر قويىدۇ؛ نەتىجىدە ئۆزىنىڭ چىراي ئىپادىسىنى ئۆزگەرتىپ مەشىقلەنگەن گۇرپپىدىكى ئەزالارنىڭ خوشاللىق كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئەڭ چوڭ بولغان . بۇ قېتىملىق تەجىربىدىن كىين، مەن پۈتۈن مەملىكەت خارەكتىرلىك باشقا بىر " خوشاللىق تۇيغۇسى " ھەققىدىكى تەكشۈرۈشنى ئۇيۇشتۇردۇم ؛ بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە، تەكشۈرۈش ئوبىكىتلىرى ئىلگىركىگە ئوخشاش بىردىن يەتتىگىچە بولغان دەرىجە بويىچە، ئۆزىنىڭ خوشاللىق تۇيغۇسىغا نۇمۇر قويىدۇ. بۇ قېتىم %52 ئادەم بەشىنچى دەرىجىدىن يۇقىرى نۇمۇر قويغان. ئەگەر بىر دۆلەتتە 60مىليۇن نۇپۇس بار دەپ پەرەزقىلساق، %7 ئېشىش نىسبىتى ( %45دىن %52 گىچە ) بۇ سانلىق قىممەت، تۆت مىليۇندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بۇ قېتىملىق تەجىربىدىن كىيىن تېخىمۇ خوشاللىق ھىس قىلغانلىغىنى ئىپادىلەيدۇ.
فىلورىدا شىتاتى ئاتلانتىك ئوكيان ئونۋىرستىتىنىڭ پىسخىلوگى سارا. سىنودگىراس يول يۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ئادەمنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىشكە بۇلۇش ياكى بولماسلىغى ئۈستىدە ئىزدەنگەن.
ئۇ يالغاندىن ئادەم بەدەن ھەركىتىنىڭ يۈرەك رېتىمىغا تەسىر كۆرسىتىش توغۇرسىدىكى مەسىلىنى تەتقىق قىلغان بۇلۇۋىلىپ، تەكشۈرۈش ئوبىكىتلىرىنى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ئۈچ مىنۇت مېڭىشقا بۇيرىغان. تەكشۈرۈش ئوبىكىتلىرىنىڭ يېرىمى چوڭ قەدەم تاشلاپ، بىلەكلىرىنى ھەركەتلەندۈرۈپ، كۆكرەكنى كېرىپ مېڭىشى تەلەپ قىلىنغان ؛ قالغان يېرىمى بولسا كىچىك قەدەم ئېلىپ، پۇتلىرىنى سۆرەپ، يەردىن كۆزىنى ئۈزمەي مېڭىشى تەلەپ قىلىنغان. تەجىربە ئاخىرلاشقاندا، ھەممە قاتناشچىلار ئۆزىنىڭ خوشاللىق تۇيغۇسىغا نۇمۇر قويغان. بۇ قېتىملىق تەجىربە نەتىجىسى " ئىپادە " پىرىنسىپىنىڭ كۈچىنى كۆرسەتتى : چوڭ قەدەم تاشلاپ ماڭغان كىشىلەرنىڭ خوشاللىق تۇيغۇسى دەرىجىسى، پۇتلىرىنى سۆرەپ ماڭغانلارغا قارىغاندا كۈرنەرلىك يۇقىرى بولغان. بۇنىڭدىن كۈرۋىلىشقا بۇلىدۇكى، خوشاللىق بولسا پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھالەت، بەدىنىمىزدىكى كىچىككىنە بىر ئۆزگىرىشلەرمۇ ئادەمنى ئاكتىپ ئىنىرگىيەگە تولغان قىلالايدۇ.

" ئىپادە " نەزىريىسىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىگى شۇكى، ئۇ كىشىلەرگە ياردەم قىلىپ، باشقىلار بىلەن يىڭى تۇنۇشقان ۋاقىتتىكى بىرىنچى تەسىراتنىڭ ياخشى بۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ، ئۇلارنى تېخىمۇ يېقىن قىلىدۇ. خەيدېباۋ ئونۋىرستىتىدىكى سەبىنا. كېخ، بەدەن ھەركىتىنىڭ چوڭ مىڭىگە بولغان تەسىرى بۇ بىر تەتقىقات تېمىسىغا قىزىقىپ قالغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئۇسۇلغا بولغان پىسخىلوگىيىلىك تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە، كىشىلەر ئادەتتە ئەركىن ئازادە ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقىتتا تېخىمۇ خوشاللىق ھىس قىلىدىكەن، مۇقىم بولغان تۈز سىزىق بويىچە ھەرىكەت قىلغاندا بولسا كەيپىياتى تۆۋەنلەپ كىتىدىكەن.