ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بالىسىنى باقالمىغان زەھەرخەندە ئايال ئۇنى كۆۋرۈكتىن تاشلىۋەتتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-16 كۆرۈلىشى : قېتىم

   ئۈستىدىكى سۈرەتتىكى بۇ بالىنىڭ ئىسمى پافرىك بولۇپ، بەخىتسىز ئەمما تەلەيلىك بولغان ئوكرائىنالىق ئوغۇل بالا. بەخىتسىز بولغىنى، ئۇنىڭ ئۆز ئانىسى، ئۇنى بېقىشقا قۇربى يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى 25مىتىر ئىگىزلىكتىكى كۆۋرۈكتىن سۇغا تاشلىۋەتكەن. تەلەيلىك كەلگىنى بولسا، ئۇ ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قۇتۇلدۇرىشىغا ئىرىشكەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ قەيسەر ھاياتلىق كۈچىگە تايىنىپ ئۆلۈم ئېغىزىدىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقى ئىدى.
    ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، 42ياشلىق ئانا يىلىيەننا بىر قولىدا  ئەمدى 9ئايلىق بولغان پافرىكنى، يەنە بىر قولىدا بولسا ھاراق بولكىسىنى كۆتۈرۈپ غەرق مەس ھالىتىدە ئىدى. ئۇ نىگلايىف شىتاتىدىكى 25مىتىر ئېگىزلىكتىكى ئىنخۇل كۆۋرىكىگە كەلگەن ۋاقىتتا، قولىدىكى بوۋاقنى كۆۋرۈكتىن پەسكە قارىتىپ تاشلىدى.
     كىچىك پافرىك گەرچە قىشلىك چاپان كىيىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما سۇغۇقى سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان سۈيى ئۇنىڭغا ئەجەللىك خەۋپ ئېلىپ كەلگەن ئىدى، سۇدا تۇنجۇقۇش ئىھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى ئىدى. كەينىدىنلا ئانىسى يىلىيەننانىڭ ئازراق ئىچى ئاغرىغان چېغى، دەرھال "قۇتقۇزۇڭلار" دەپ ياردەمگە ئادەم چاقىرغان. بەخىتكە يارىشا يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان كىشىلەر بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كىيىن، بەزىلەر تېلفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان، يەنە بەزىلەر بالىنى قۇتقۇزۇشقا ئامال ئىزدەشكە كىرىشكەن.
    ئاندىرى.بىلوس بولسا يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان بىر ساقچى بولۇپ، ئۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كىيىن، بىرىنچى بولۇپ دەريا بويىغا قاراپ يۈگۈرگەن. قول چىراقنىڭ يۇرۇقىدا، ئۇ ناھايىتى تىزلا پافرىكنىڭ ئورنىنى بايقىغان. ئەينى ۋاقىتتا پافرىك قىرغاقتىن 30مىتىر يېراقلىقتا بولۇپ، يۈزى پەسكە قارىغان ھالەتتە ئىدى. بۇ ھالەتنى كۆرگەن ئاندىرى يەنە كەينىگە سوزسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، دەرھال چاپىنىنى سېلىپ تاشلاپ، دەرياغا چۈشۈپ ئادەم قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان. بۇ ۋاقىتتا، دەريادا يەنە بىر ماتورلۇق قېيىق پەيدا بولۇپ، بىر نەچچە ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر، بالىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەملەشكىلى كەلگەن.
    ئاندىرىنىڭ قول چىرىقىنىڭ نۇر چۈشۈرۈپ كۆرسىتىپ بىرىش ئاستىدا، موتورلۇق قېيىقتىكى كىشىلەر ناھايىتى تىزلا پافرىكنى ئىزدەپ تاپقان ھەمدە ئۇنى قۇتقۇزۇپ قېيىققا ئېلىپ چىققان. بۇ ۋاقىتتا بىچارە بالا ھوشىدىن كىتىپ شوك ھالىتىگە كىرىپ قالغان بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. دوختۇرخانىغا يىتىپ بارغاندىن كىيىن، قۇتقۇزۇش خادىملىرى بىر ئاماللارنى قىلىپ، پافرىكنىڭ يۈرەك ئۆپكە ئىقتىدارىنى ئەسلىگە ئەكەلتۈرگەن؛ شۇنداق قىلىپ، بەخىتسىز بۇ بالا مۆجىز يارىتىپ ھايات قالغان.
    بىر ھەپتىلىك داۋالاش ئارقىلىق، پافرىك ئاساسەن خەتەردىن قۇتۇلغان. ئۈستىدىكى رەسىمدىكى بۇ ئايال، پافرىكنىڭ ئانىسى يىلىيەننا؛ ئۇ شۇندىن كىيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئۆزىنىڭ زەھەرخەندە قىلمىشىنى تۇلۇق تاپشۇرغان. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئىرى تۈرمىگە كىرىپ قالغان بولغاچقا، ئۇ ئۆزى يالغۇز بالىسىنى بېقىپ بولالماي، بالىسىنى دەرياغا تاشلىۋىتىش خىيالىغا كەلگەن؛ ئەمما بالىسىنى دەرياغا تاشلىغان پەيتتە ئۆز قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغان.
    تەكشۈرۈشلەردە بايقىلىشىچە، يىلىيەننا ھەمىشە بالىسىنىڭ پاراۋانلىق پۇلىغا ھاراق ئىچىپ، تۇرمۇش بېسىمىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن؛ شۇڭا، ئۇنى ئوغلىنى باقتى دىگەندىن كۆرە، ئوغلىنىڭ پاراۋانلىق پۇلى ئۇنى باققان دىيىش تېخىمۇ توغرا بولىدىكەن. ئاخىرىدا، بۇ ۋەقە يۈز بىرىپ بىر يىل ئۆتكەندىن كىيىن، سوت مەھكىمىسى يىلىيەنناغا 10يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان ۋە بالىسىنىڭ ھامىيلىق ھوقۇقىنى ئۆمۈرلۈك ئېلىپ تاشلىغان. پافرىكنى بولسا، دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا ئۇنىڭ ھالىدىن ئىنچىكىلىك بىلەن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئالغان ھاممىسىنىڭ بېقىۋىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号