ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دۇنيادىكى غەلىتە كەلگەن كىسەل داۋالاش ئۇسۇللىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
    دۇنيادا، بىزنىڭ قارىشىمىزچە ئىنتايىن غەلىتە ھىسابلىنىدىغان بەزى ئىشلار بار؛ مەسىلەن، بەزى دۆلەتلەر مەدىنىيەت، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كىسەل داۋالىتىش ئۇسۇللىرى ئىنتايىن ئۆزگىچە ۋە غەلىتە كىلىدۇ. تۆۋەندىكى  رەسىمدە، پىرۇلۇق بىر ھامىلدار ئايال دېلفىنلىق داۋالاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلماقتا؛ چۈنكى ئۇلار، دېلفىننىڭ ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى، قوسىقىدىكى ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشى ۋە مىڭىسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا پايدىلىق دەپ قارايدۇ.
    بۇ رەسىمدىكىسى گىرمانىيەلىك بىر ئەر. بۇ ئەر بىلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ خىل بېلىقنىڭ يىمەكلىكى، ھەر خىل پارازنىت قۇرت ۋە باكتىرىيەلەردۇر.
   بۇ رەسىمدىكى جاي، ھىندىستان. ھىندىستانلىقلارنىڭ قارىشىچە، پويىز رىلىسىنىڭ يېنىدا ياتسا، كىسەل داۋالاشقا بولىدىكەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە، رېلىستا شەكىللەنگەن توك ئېقىمى، نۇرغۇن كىسەللەرنى داۋالىيالايدۇ. بۇ ئەمىلىيەتتە، ئىنتايىن ئەخمىقانىلىق بىر قاراش.
    بۇ رەسىمدىكىسى، ھىندىنوزىيەلىك بىر كىچىك بالا. ئۇلار "ئىلاھى تاش" دەپ ئاتىۋالغان تاشنى بوتولكىدىكى سۇنىڭ ئىچىگە سالغاندىن كىيىن، بۇ تاش چىلانغان سۇنى ئىچسە ھەرخىل كىسەللىكلەرنى داۋالاشقا بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
    پىرۇ. بەدىنى سېمىز كەلگەن بىر ئەر كۆلدە ئولتۇرۇپ، "لايدا داۋالاش" ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى، رىماتىزىم، بۇۋاسىر قاتارلىق كىسەللىكلەرنى داۋالىيالايدۇ دەپ قارايدۇ.
   بۇ رەسىم، مىسىر. بىر ئەركىشى قۇمغا كۆمۈلۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق رىماتىزىمنى داۋالاۋاتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号