ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بالىسى ئالمىشىپ قالغان ئانا ھەقىقى ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-07 كۆرۈلىشى : قېتىم
   خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 40ياشلىق فىرانسىيەلىك ئانا سوفىيە 21يىل ئىلگىرى تۇنجى بالىسىنى تۇغقان بولۇپ، 10يىلدىن كىيىنكى تاساددىبى بىر قېتىملىق گېن تەكشۈرۈشتە، ھازىرقى قىزىنىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى ئەمەسلىكىنى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى تۇغۇتقا مەسئۇل سېستىرانىڭ مەست بولۇپ قېلىپ بالىنى ئالماشتۇرۇپ قويغانلىقىنى بىلگەن. بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ قىزى بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كىيىن، ئۆز قىزىنى تۇنۇپ ياندۇرۇپ ئەكىۋىلىشنى ئەمەس، بەلكى بېقىپ چوڭ قىلغان ھازىرقى قىزى بىلەن بەخىتلىك كۈنلىرىنى داۋاملىق ھالدا ئۆتكۈزۈشنى تاللىغان.
    21يىل ئىلگىرى، سوفىيە تىببى خادىملارنىڭ قولىدىن بالىسىنى ئالغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ تىرىسىنىڭ ئازراق قارا ئىكەنلىكىنى، چاچلىرىنىڭ ئۇزۇنراق ئىكەنلىكىنى بايقاپ، بۇ قىز بوۋاقنىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى ئەمەسلىكىدىن گۇمان قىلغان. تىببى خادىملار ئەينى ۋاقىتتا بۇنى، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرى سەۋەبىدىن شۇنداق بولغان دەپ چۈشەندۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن سوفىيە بۇ قىز بوۋاقنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتقان بولۇپ، قىز بوۋاقمۇ شۇندىن تارتىپ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغان.
    ئەسلىدە، ئەينى ۋاقىتتا دوختۇرخانىدىكى سېستىرا ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قالغان بولۇپ، ئىككى قىز بوۋاقنى بىر كارۋاتقا ياتقۇزۇپ قويۇپ، بۇ ئىككى بوۋاقنىڭ كىشىلىك ھاياتىنىڭ شۇندىن باشلاپ زور دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىر مەزگىللىك ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، سوفىيا ئۆزىنىڭ قىزى ياشاۋاتقان ئائىلىنى ئىزدەپ تاپقان ھەمدە ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەن. بىراق كۆرۈشۈپ بولغاندىن كىيىن، ھەر ئىككى ئائىلە قەتئىيلىك بىلەن قايتا ئۆز-ئارا ئالاقە قىلماي ھەمدە ئۆز بالىمىزنى تۇنۇپ ئېلىپ كىتىمىز دىمەي، ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ ئۆتۈشنى قارار قىلغان.
    سوفىيە بېقىپ چوڭ قىلغان قىزى ماننون موخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ 9ياش ۋاقتىدا سوفىيەنىڭ ئۆز ئانىسى ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىنى ھەمدە ئەينى ۋاقىتتا كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولۇپ، بۇ ئەمىلىيەتنى قوبۇل قىلالمىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇندىن باشقا ئۇ يەنە، ئۆز ئانىسى تەرپىدىن ئېلىپ كىتىلىپ، ھازىرقى بېقىپ چوڭ قىلغان ئانىسى سوفىيەدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بەكمۇ قورقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
   سوفىيەنىڭ دىيىشىچە، ماننوننىڭ ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى ھېچكىم باسالمايدىكەن. بۇ قېتىملىق ئىش سوفىيەگە نىسبەتەن ئۇچۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەك بىلىنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ماننون بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشتۈرگەن.  سوفىيەنىڭ دىيىشىچە، ئەگەر ئىككى ئائىلە داۋاملىق كۆرىشىۋەرسە، كۆپچىلىكنىڭ نورمال تۇرمۇش ھالىتىگە قايتالىشى تەسكە توختايدىكەن؛ ئۇنى ئۈستىگە، ماننونمۇ بېقىپ چوڭ قىلغان ئانىسىدىن ئايرىلىپ ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا كىتىشنى خالىمىغان.
   ماننوننىڭ دىيىشىچە، بۇ ئىشتىن كىيىن، ئۇنىڭ بېقىپ چوڭ قىلغان ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ قالماي، ئەكسىچە تېىىمۇ چوڭقۇرلاشقان. سوفىيە كىيىنچە يەنە ئىككى بالا تۇغقان بولۇپ، ماننون چوڭ بولغانسىرى، ئۇنىڭ سىرقى قىياپىتى بارغانسىرى سوفىيەگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ قالغان بولغاچقا، سوفىيەنىڭ ئىرى بىلەن قالغان ئىككى بالىسى، بىر مەزگىل سوفىيەنى ئىلگىرى توي تۇرمۇشى ئىچىدە تالاغا قارىغان ھەمدە ماننوننى سوفىيە "باشقا ئەردىن تاپقان بالا" دەپ گۇمانلانغان.
    ھەقىقى ئەھۋال ئاشكارىلانغاندىن كىيىن، سوفىيە بىلەن ماننوننىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ كۆڭلى ئارامىغا چۈشكەن. ئەينى يىلى بالىنى ئالماشتۇرۇپ قويغان دوختۇرخانىمۇ، ھازىر ئىككى ئائىلىگە قارىتا تۆلەم تۆلەپ بەرگەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号