ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئېچىنىشلىق تىراگىدىيە يەنە قايتا كۆرۈلدى!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئادەمنى بەك ئېچىندۇرىدۇ! تۈنۈگۈن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دۇڭگۇەن شەھىرىدە، يەنە بىر قېتىملىق تىراگىدىيە يۈز بىرىپ، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغىرىقى چالدى!
   بۇ قېتىملىق ھادىسە، دۇڭگۇەن شەھىرى چاڭپىڭ جېڭلى مەيدانىدا يۈز بەرگەن؛ چۈش ۋاقتى سائەت بىرلەر ئەتراپىدا، بىر ئايال بوۋاق بالىسىنى بىر قولىدا كۆتۈرۈپ ئاپتوماتىك لىفىتقا چىققان ۋاقتىدا، ئۆزىنى تەڭپۇڭ تۇتالمىغانلىق سەۋەبىدىن، بەدىنى تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىپ مۈدۈرۈپ بەرگەن ھەمدە بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇچىقىدىكى بوۋاق بالا قولىدىن چىقىپ كىتىپ، ئۈچىنچى قەۋەتتىن چۈشۈپ كەتكەن... ...

    بوۋاقنىڭ چۈشۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، ئانىسى بىلەن ئاكىسى يۈگۈرگىنىچە بىرىنچى قەۋەتكە يىتىپ كەلگەن، ئەمما ئۇلار بوۋاقنىڭ ھاياتلىق ئالامەتلىرىنىڭ بارغانسىرى توۋەنلەپ يوقاپ كىتىپ بارغان ھالىتىنى كۆرگەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن، قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ۋە تىببى خادىملار ئەڭ تىز سۈرئەتتە نەخ مەيدانغا يىتىپ كىلىپ، بوۋاققار قارىتا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما بوۋاقنىڭ يارىسى ئېغىر بولغاچقا، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، بوۋاق نەخ مەيداندا قازا قىلغان.
    بوۋاق قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغاندىن كىيىن، بوۋاقنىڭ ئانىسى بىلەن ئاكىسى ئازابلانغانلىقتىن نەخ مەيداندا يىغلاپ ھۇشىدىن كەتكەن.
   بالىسىنى قۇچىقىدا كۆتۈرۈپ ئاپتوماتىك لىفىتقا چىقىش، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار قىلىدىغان ئادەتتىكى بىر ئىش؛ بىراق بۇ جەرياندىكى يۇشۇرۇن خەۋپنى سىز قانچىلىك بىلىسىز؟ ئاپتۇماتىك لىفىتتا يۈز بەرگەن نۇرغۇنلىغان ھادىسىلەر، ئاتا-ئانىلار بالىسىنى قۇچىقىدا كۆتۈرۋالغانلىقتىن، ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىق مەركىزىنى ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرالماي، قۇچاقتىكى بالا ئاپتۇماتىك لىفىتتىن پەسكە چۈشۈپ كىتىپ ئۆلۈپ كەتكەن ھادىسىلەردۇر.

   ئاپتۇماتىك لىفىتنىڭ يان تەرىپىدىكى قوغداش رىشاتكىسىنىڭ ئېگىزلىكى، بالىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا بىخەتەر ھىسابلىنىدۇ؛ قولىدا لىفىت قوغداش رىشاتكىسىدىكى تۇتقۇچنى تۇتىۋىلىش بولسا، ئاپتۇماتىك لىفىتقا ئولتۇرغاندىكى ئەڭ ئاساسلىق بىخەتەرلىك قائىدىسىدۇر.
    بىراق، يېنىدا كىچىك بالىلار بار ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ئاپتۇماتىك لىفىتتا مۇقىم تۇرالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ياخشى نىيەتتە ئۇلارنى قۇچىقىغا ئېلىپ كۆتۈرۋالىدۇ. ئەمما ئۇلار قۇچاققا ئېلىپ كۆتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى، لىفىت قوغداش رىشاتكىسىنىڭ ئىگىزلىكىدىن ئېشىپ كىتىپ، بالىلار ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغان قوغداش چارىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.
    بۇنداق ئەھۋالدا، توغرا بولغان ئوسۇل مۇنداق بولۇشى كىرەك:
    ئەگەر بالا ئۆزى ماڭالايدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئاتا-ئانىلار ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋىلىش، بالا بولسا، ئۆزى لىفىتتا ئۆرە تۇرۇش؛ بۇنىڭدا، لىفىت قوغداش رىشاتكىسى بالىلارنى ئۈنۈملۈك ھالدا قوغداپ قالالايدۇ.
    ئەگەر بالا، ئاپتۇماتىك لىفىتقا ئۆز چىقىپ چۈشەلمەيدىغان بولسا، ئۇنداقتا، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنى قولتۇقىدىن كۆتۈرۈپ، لىفىتقا چىقىرىپ تۇرغۇزۇپ قويسا ھەم لىفىتتىن چۈشۈرۈپ قويسا بولىدۇ.
   ئەگەر بالا بەك كىچىك، ئۆز ئۆرە تۇرالمايدىغان بولسا، ئۇنداقتا شارائىت يار بەرسە، بالىنى قۇچىقىڭىزدا تاسما دىگەندەك ياردەمچى نەرسىلەر بىلەن باغلىۋالغىلى بولسا باغلىۋىلىڭ؛ بولمىسا، ئەڭ ياخشىسى بىۋاستە ئۆرلەيدىغان ئادەتتىكى لىفىتقا ئولتۇرۇڭ ياكى بولمىسا پەشتاقتىن مېڭىڭ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号