ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قىرىققا يەتكەندە ئەرلەر نىمىشقا ئايالىدىن بىزار بولۇشقا باشلايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھەممە ئادەم ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ دىيىشىدۇ، ئەمىلىيەتتە، ۋاقىت ئۆزگەرمەيدۇ، ئۆزگىرەيدىغىنى ئادەمنىڭ قەلبىدۇر.
    نۇرغۇن ئەر-خوتۇنلار، كۆپىنچە مۇنداق بىر ئەھۋالغا دۇچ كىلىدۇ؛ 40ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن، ئىرى ئايالىدىن بارغانسىرى بىزارلىق ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ! بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟
    بىز تۆۋەندە، ھەقىقەتەن شۇنداق تۇيغۇدا بولۇپ باققان ئۈچ ئەرنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى.
جىياڭ ئەپەندىم: ئايالىمنىڭ يېشى چوڭىيىپ، ھەم قېرىپ ھەم سەتلىشىپ قالدى
    ئەرلەر 40ياشتىن ئاشقان ئىكەن، بۇ ئايال كىشىنىڭمۇ يېشىنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنى، ياش ۋاقتىدىكى چىرايىدىن قېلىشقا باشلىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. چۈنكى، ھەرقانچە چىرايلىق ئايال كىشى بولسىمۇ، بۇ ياشقا يەتكەندە، ئىلگىرىكى ھۆسىن جامالىنى ساقلاپ بولالمايدۇ.
    ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەر كىشى دىگەن يىڭىنى كۆرسە كونىنى تاشلايدىغان بىر خىل جانلىق؛ شۇڭا ئۇلار كۈنسايىن قېرىپ چىرايىدىن قېلىۋاتقان ئايالىغا ھەر دائىم قاراپ ئولتۇرسا، ئەلۋەتتە بىزارلىق ھىس قىلىشقا باشلايدۇ.
    گەرچە، ئەرلەرنىڭ قىلغىنى خاتا بولسىمۇ، ئۆزى بىلەن شۇنچە يىل جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولۇپ ئۆي تۇتۇپ كەلگەن ئايالىدىن بىزارلىق ھىس قىلماسلىقى ھەم ئۇنى قەدىرلىشى كىرەك بولسىمۇ، ئەمما ئايال كىشىمۇ، ئۆزىنى ئاز-تولا ياساپ يۈرۈشنى بىلىشى، كىيىنىشلىرىگە دىققەت قىلىپ، ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ لاتاپىتىنى نامايەن قىلىپ چىقىرىشنى بىلىشى كىرەك. بۇنداق قىلغاندا، ئەر كىشى ئۇلارنى تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان بولىدۇ.
    ئاياللار مەيلى قايسى ياش مەزگىلىدە بولمىسۇن، ئۆزىنى تاشلىۋەتمەسلىكى، رەتلىك ياسىنىشنى ۋە لاتاپەتلىك چوڭ سۈپەت بولۇشنى تاشلىماسلىقى، سۇسراق بولسىمۇ گىرىم قىلىپ يۈرىشى كىرەك. بۇنىڭدا، ئەر كىشى سىزنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان بولۇپلا قالماي، ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىمۇ خۇشاللىققا تولىدۇ، بەخىتمۇ تەبىئىلا سىزنى ئىزدەپ  كىلىدۇ.
سۇ ئەپەندىم: ئاياللار تولا كوتۇلدايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئادەم چىداپ بولغىلى بولمايدۇ
    ئاياللار ياشقا چوڭايغانسىرى، تولا كوتۇلدايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەرلەر ئۇلارنىڭ كوتۇلداشلىرىنى شۇنچە يىل ئاڭلاپمۇ، ئۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قېلىش ئەمەس، ئەكسىچە بارغانسىرى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتتىكى ئايالىنى، يەنى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئەركىلىگەن ۋاقىتلىرىدىكى ئوماق ھالىتىنى ئەسلەيدۇ.
     ھازىرغا كەلگەندە، ئايالىدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئەركىلەشلەردىن ئەسەرمۇ قالمىغان بولۇپ، ئېشىپ قالغىنى، توختىماستىن كوتۇلداش ۋە ئاغرىنىپ قاقشاش بولىدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەرلەر بىلىپ-بىلمەي ئايالىدىن بىزار بولۇشقا باشلايدۇ؛ ئايالىنىڭ ئازراق كوتولدىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئايال كىشى بولسا، كوتۇلداشنى ئەر كىشىگە كۆڭۈل بۆلگىنىم دەپ قارايدۇ، ئەمما ئەلەر ئۇلانىڭ كوتۇلداشلىرىدىن زىرىكىشلا ھىس قىلىدۇ.
شۇڭلاشقا، ئاياللار ئەھمىيەتسىز بولغان كوتۇلداشلارنى توختىتىشى لازىم. ئەگەر سىز ئىرىم مىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرسىكەن دىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇ ياقتۇرىدىغان كۆڭۈل بۆلۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىشىڭىز لازىم. بۇنىڭدا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
زېڭ ئەپەندىم: ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىمىز سۇسلىشىپ كەتكەن
   ئەر كىشىنىڭ ئايالىدىن بىزار بولۇشى، مەلۇم نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىنىڭ سۇسلىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. يىڭى توي قىلغان مەزگىللەردە، ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت چوڭقۇر ھەم شىرىن بولىدۇ؛ بۇنداق ۋاقىتتا ئەرلەر ئايالىغا ئامراقلىق قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرۈپ بولالمايدۇ، شۇڭا ئايالىدىن بىزار بولىدىغانغا ۋاقىتمۇ چىقمايدۇ.
     بىراق ئەرلەر 40ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن نەچچە ئون يىل بىرگە ياشاپ، ئوتتۇرلۇقتىكى مۇھەببەتتە سۇسلىشىش كۆرىلىدۇ؛ مۇھەببەت سۇسلاشقان ئىكەن، بىر-بىرىنىڭ كۆزلىرىگە ئەلۋەتتە سىغمايدۇ.
    ئايالىم 42ياشقا كىرىپ قالدى؛ بىز ئىلگىرى شۇنداق ئىجىل ئىناق ئۆتەتتۇق. بىراق ھازىر، ئوتتۇرلۇقتىكى مۇھەببەت سۇسلىشىپ، ئازراقلا كىلىشەلمەي قالساق، جىدەللىشىپ ئۆينى بېشىمىزغا كىيىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ سەۋەپلىك ئەرلەر ئاندىن ئايالىدىن بىزار بولۇشقا باشلايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئىلگىرىكىدەك مۇلايىم ئەمەس بولۇپ قالىدۇ.
    ۋاقىت، ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتنى خورىتىۋىتىدۇ؛ بىر-بىرىنى ھەرقانچە ياخشى كۆرىشىدىغان ئەر-خوتۇنلارمۇ، ئەگەر تويدىن كىيىنكى مۇناسىۋىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ساقلاشقا تىرىشىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆپرەك بايقاپ، بەزىبىر رومانتىكلىق ۋە قىزغىنلىقلارنى پەيدا قىلىپ تۇرمىسا، ئوتتۇرلۇقتىكى مۇھەببەتنىڭ سۇسلىشىپ قېلىشى تەبىئى ئەھۋال بولۇپ قالىدۇ.
ئاخىرقى سۆز
    يۇقارقى ئۈچ ئادەمنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىدىن شۇنى بىلىۋىلىشقا بولىدۇكى، ئەرلەرنىڭ قىرىق ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن ئايالىدىن بارغانسىرى بىزار بولۇپ قېلىشىنىڭمۇ بەلگىلىك سەۋەبى بار بولىدۇ.
   بۇنداق ۋاقىتتا، مەسىلىگە قارىتا ئىككى تەرەپ ئورتاق يۈزلىنىپ ھەل قىلىشقا تىرىشىشى كىرەك؛ بۇنىڭدا، سىلەر بىر-بىرىڭلاردىكى ئارتۇقچىلىقلارنى بايقاپ، قارشى تەرەپتىن زوقلىنالايسىلەر ھەمدە ئۇلارنى قوبۇل قىلالايسىلەر؛ بۇ خىلدىكى ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىمۇ، ئەلۋەتتە بەخىتلىك بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号