ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەگەر كەلگۈسىدە ئۆي پۇلغا يارىمايدىغان بولۇپ قالسا
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
    مايۈن ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: نەچچە يىلدىن كىيىن، جۇڭگۇننىڭ ئۆي باھاسى "كۆكتات"قا ئوخشاش ئەرزانشىپ كىتىدۇ. ئالى بابانىڭ ئاتامىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مايۈننىڭ ئۆزىگە خاس پەرەزلىرى بار. كەلگۈسى ھەققىدە، مايۈن ئۇچرىشىدىغان ئۇچۇر ۋە ھۆكۈملەر، چوقۇم ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا كۆپ. كەلگۈسىدىكى ئۆي-زىمىن بازىرىغا قارىتا، مايۈنلا ئەمەس، بۇندىن باشقا يەنە ئەينەك پادىشاھى ساۋ دېۋاڭمۇ كۆپ ئۈمىد كۈتمەيدىغان بولۇپ، ئۇ سىڭلىسىغا نامىدىكى ئۆي مۈلۈكلەرنىڭ ھەممىنى سېتىپ چىقىرۋىتىشنى تەلەپ قىلغان. بىرىنچى دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ ئۆي باھاسى زىيادە يۇقىرىلاپ كەتكەنلىكتىن، پۇلدار كىشىلەر ئاللىبۇرۇن ئۆي سېتىۋىلىپ بولغان، پۇلى يوق كىشىلەر بولسا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سېتىۋالالمايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بۇنداق يۇقىرى باھالىق ئۆينى، مۇۋاپىق باھادا ئۆي ئىجارە ئالالايدىغان ھەرقانداق بىر ئادەمگە سېتىپ بەرمەك ئىنتايىن تەس بولىدۇ؛ نەتىجىدە، ئېشىپ قالغان ئۆيدە ئۆزى ئولتۇرماسلىقتىن باشقا ئامال يوق.
    مايۈن، ساۋ دېۋاڭ قاتارلىق ئۆي-زىمىن ساھەسى بىلەن ئالاقىسى بولمىغان كارخانىچىلار ئۆي-زىمىن بازىرىنىڭ كەلگۈسى ياخشى بولالمايدۇ دەپ قارىغاندىن باشقا، ئىلگىرى ئۆي-زىمىن تىجارىتىگە تايىنىپ نۇرغۇن پۇل تاپقان، دۆلىتىمىزدىكى ئىلگىرىكى بىرىنچى باي ۋاڭ جىيەنلىنمۇ ئۆي-زىمىن ساھەسىدىن چىكىنىپ چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، 2017-يىلدىن باشلاپ، قولىدىكى ئۆي-زىمىن مۈلۈكلىرىنى سېتىپ چىقىرىشقا باشلىغان. ۋاڭ جىيەنلىن يەنە تېخى، ۋەندا شىركىتىنىڭ ئۆي-زىمىن تىجارىتى بىلەن ئۈزۈل كىسىل خوشلىشىپ، يىنىك مۈلۈك مۇساپىسىگە قەدەم قويغانلىقىنى جاكارلىغان. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگۇدىكى ئەڭ باي ئىككەيلەننىڭ قارىشى ۋە قوللانغان تەدبىرى ئوخشاش چىقىپ قالغان. گەرەچە ھازىر دۆلىتىمىز ئۆي-زىمىن باھاسى ئىنتايىن يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما ئىجارە ھەققى يۇقىرى ئۆرلىمىگەن، جۈملىدىن نەخ پۇل ئوبروتى دىگەندەك ياخشى ئەمەس؛ شۇڭا ئەگەر، ئاساسى كۈچى كۈچلۈك بولمىسا، ئاسانلا تەمنىلەش ئۈزۈلۈپ قېلىش خەۋپىگە دۇچار بولىدۇ.
    ئەگەر كەلگۈسىدە ئۆي پۇلغا ئەرزىمەس بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا نىمە نەرسە پۇلغا ئەرزىيدۇ؟ چۈنكى، ھەر نىمە دىگەن بىلەن جەمئىيەتتە بايلىق نۇرغۇن، ئەگەر ئۆي-زىمىن باھاسى چۈشۈپ پۇلغا يارىمايدىغان بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا چوقۇم باشقا نەرسىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ، ئۇنىڭ ئورنىنى باسىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ بانكا ئامانىتىگە بىر نۆل قوشىلىدۇ، سېتىۋىلىش كۈچى بولسا ئۆزگەرمەيدۇ. ئامىرىكىنىڭ 150يىللىق تارىخى جەريانىدا، پەقەت 75يىل ئىلگىرىلا، ئاران ئىككى قېتىم ئۆي-زىمىن باھاسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كىتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن؛ شىياڭگاڭنىڭ ئۆي-زىمىن مۈلۈكى كۆپۈكى بولسا تىز سۈرئەتتە ئەسلىگە يېنىۋاتقان بولۇپ، بۇيىلقى ئەڭ يۇقىرى نوقتىدىن ئاللىبۇرۇنلا ھالقىپ كەتكەن. ئەگەر سىز چوڭ دەرىجىدىكى دەۋر مەزگىلىنى كۆزىتىدىغان بولسىڭىز، ئۆي     باھاسى ۋە پاي باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەۋاتقانلىقىنى بايقايسىز؛ ئەمما، قىسقا مەزگىللىك تەۋرىنىش يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، ئۆي-زىمىننىڭ ئاقما خارەكتىرى بىلەن ماسلىشالايدىغان مۈلۈك، بەلكىم ئالتۇن بولۇشى مۇمكىن.
    تىنچلىق دەۋرىدە، ھاياتى كۈچكە تولغان ئىقتىسادى تەرەققىيات، نۇپۇسنىڭ تىز سۈرئەتتە ئېقىپ يۆتكىلىشى، كۈچلۈك بولغان ئولتۇراق ئۆي ئىھتىياجى،  كىرىم ۋە سېتىۋىلىش كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، 2015-يىلى ۋاڭ جىيەنلىن تەدرىجى ھالدا ئۆي-زىمىن ساھەسىدىن چىكىنكەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزلۈكسىز تۈردە يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان ئۆي باھاسى توختاپ قالغىنى يوق. دۆلىتىمىز ئۆي باھاسىنى، بىر ياكى ئىككى ئۆي-زىمىن سودىگىرى بەلىگىلىيەلمەيدۇ. نۇرۇن بالىلار ئاتا-ئانىسى بىلەن ئايرىم تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ نۇرغۇنلىغان بويتاق قالغان ئوغۇل قىزلارنىڭ ئايرىم ئۆيگە ئىھتىياجى چۈشىدۇ. رېن جىچىياڭنىڭ قارىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ شەھەرلىشىش نىسبىتى ئاران %50ئەتراپىدا بولۇپ، ھېچقانداق بىر دۆلەتتە، بۇ خىل شەھەرلىشىش نىسبىتى ئاستىدا، ئۆي باھاسى تۆۋەنلەپ كەتمەيدىكەن.
     سىزنىڭ قارىشىڭىزچە، ئەگەر كەلگۈسىدە ئۆي-زىمىن پۇلغا ئەرزىمەيدىغان بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا قايسى نەرسە پۇلغا يارايدىغان بولۇپ ئۆزگىرىدۇ؟ يۇقىرىدا ئېيتىلغان قاراشلار پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ؟ سىزنىڭ بۇنىڭغا بولغان قارىشىڭىزچۇ؟

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号