ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئالتە ھەپتىلىك بوۋاقنىڭ تىلى چىقىپ مۆجىز ياراتتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
    راستىنلا بىر مۆجىزە! ئەنگىلىيەدىكى 6ھەپتىلىك بولغان قىز بوۋاق، ئاتا-ئانىسىغا، بىر قەدەر ئىنىق تەلەپپۇزدا "ياخشىمۇسىز" دەپ، ئۇلارنى ھەيران قالدۇردى.
   بۇ قىز بوۋاقنىڭ ئىسمى شارلوت بولۇپ، ھازىر 8ھەپتىلىك بولدى؛ بۇ بوۋاق، ئەنگىلىيەلىك دەيف بىلەن سامانسانىڭ ئۈچىنچى بالىسى. ئۇ تىلى چىقىپ بىرىنچى ئېغىز سۆزنى قىلغاندىن كىيىن، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ كەلگۈسىگە چوڭ ئۈمىد باغلىدى ھەمدە ئۇنى چوڭ بولغاندا چوقۇم تىل مۇتەخەسسىسى بولىدۇ دەپ قارىدى.
    سامانسا، قىزىنىڭ بۇنداق تىز گەپ قىلىشىنى ئويلاپ باقمىغان بولۇپ، دەيف قىزىنىڭ گەپ قىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، دەرھال فوتو ئاپراتنى ئېلىپ، بۇ گۈزەل مىنۇتلارنى خاتىرلىۋالماقچى بولغان.كىينچە ئۇلار ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ قىزىنى يەنە گەپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن؛ ھازىر بۇ بوۋاقنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى يەنىلا "ياخشىمۇسىز"دىيىشتۇر.
    سامانسا قىزىنىڭ تىز گەپ قىلغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ، فىلىمنى تورغا چىقارغان. ئادەتتە، ئاۋاز بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن، بوۋاق ئاز دىگەندىمۇ 6ئايلىق بولغان ۋاقىتتا ئاندىن بەزىبىر ئادەتتىكى سۆزلەرنى قىلىشقا باشلايدۇ؛ بەزىلىرىنىڭ تىلى تېخىمۇ كىيىن چىقىدۇ، ھەتتا 8ئايلىقتىن ئاشقاندىن كىيىن، ئاندىن قىسقا جۈملىلەرنى سۆزلىيەلەيدىغان بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号