ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەرلەرگە بۇ خىلدا سۇغۇق مۇئامىلە قىلسىڭىز، مۇھەببەت چوڭقۇرلىشىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-20 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاياللار، ئەرلەر بىلەن بولغان ئالاقە جەريانىدا، ئەگەر ئىككەيلەن ئوتتۇرلۇقتىكى ئارىلىقنى ياخشى كونتىرول قىلالىسا، بۇ بىر خىل ئەقىللىقلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. ھەرقانداق بىر ئىش لايىقىدا بولغان ياخشى؛ مۇھەببەتتە، ئەگەر ئاياللار ئەرلەرگە قارىتا زىيادە قىزغىن بولۇپ، ھەممە ئىشتا ئەركىشىنىڭ رايىغا بېقىپ ئۆتسە، ئەركىشىنى يامان ئۆگىتىپ قويىدىغان بولۇپ، بۇ ئىككەيلەن ئوتتۇرلۇقىدىكى مۇھەببەتكە نىسبەتەن "بۇزغۇنچىلىق قىلىش" رولىنى ئوينايدۇ. بىراق ئوخشاشلا، ئەگەر ئايال كىشى ئەر كىشىگە زىيادە سۇغۇق مۇئامىلە قىلىپ، ھەمىشە ئۇنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويسا، ئەر كىشىنىڭ كۆڭلى بۇ سەۋەپلىك ئازار يەپ قېلىشى مۇمكىن؛ بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىىپ، ئەر كىشىنىڭ كۆڭلى ھېرىپ قالىدۇ دە، يەنىلا ئىككەيلەن ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    يات جىنىسلىقلار ئالاقىسى جەريانىدا، ئاياللار ئەگەر ئەرلەرنىڭ كۆڭۈك قېتىدىن مەھكەم ئورۇن ئالىمەن دىسە، ئۇنداقتا ئۇ ئەر كىشى بىلەن بولغان ئارلىقىنى دەل جايىدا كونتىرول قىلىشنى بىلىشى، يېقىنچىلىق قىلىپ ياخشىچاق بولۇشقا تىگىشلىك بولغاندا يېقىنچىلىق قىلىپ ياخشىچاق بولۇشى، بەلگىلىك ئارلىق ساقلاش تىگىشلىك بولغاندا، زىيادە قىزغىن بولۇپ كەتمەسلىك كىرەك. بەزى ۋاقىتلاردا، ئاياللار بەلگىلىك دەرىجىدە "سۇغۇق مۇئامىلە" قىلىشنى بىلسە، ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئاياللار تۆۋەندىكى نەچچە خىل "سۇغۇق مۇئامىلە" قىلىشنى بىلسە، ئەرلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان مۇھەببىتى بارغانسىرى چوڭقۇرلايدۇ.
    1. ئەرلەر خاتالىق ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا، ئەر كىشى بىلەن جىدەللەشمەي، ھەم ئۇنى ئاسانلىقچىمۇ ئەپۇ قىلىۋەتمەي، ئۇنىڭغا نەچچە كۈن سۇغۇق مۇئامىلە قىلىش كىرەك. ئەر كىشى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندا، ئەگەر بەك چوڭ خاتالىق بولمىسا، ئۇنىڭ بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرماسلىق كىرەك؛ ئەمما ئەر كىشى كەچۈرۈشكە بولمايدىغان خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا، ئۇنىڭ بىلەن جىدەللىشىپ گەپ تالىشىپ يۈرگەندىن كۆرە، ئۇنى نەچچە كۈن "سەگىتىپ قويغان" ياخشى. ئەر كىشى ئەگەر سىزنىڭ ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغىنىڭىزنى كۆرسە، ئۇ تەبىئىلا ئۆتكۈزگەن خاتالىقى ھەققىدە ياخشى ئويلىنىدۇ ھەمدە خاتالىقىنى تۇنىغاندىن كىيىن، ئادەتتە سىزگە خۇشامەت قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرلۇقتىكى سۇغۇق مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئۇرىنىدۇ.
    2. ئەر كىشى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغاندا، ئەر كىشى ئەگەر ئىنچىكە ھىساب قىلىپ كۆزىڭىزگە كىرىشىۋالسا، سىز ئۇنىڭ بىلەن تىغمۇ-تىغ تۇرىمەن دىمەي، ئۇنىڭغا نەچچە كۈن سۇغۇق مۇئامىلىدە بولسىڭىز بولىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا، ئوتتۇرلۇقتا زىددىيەت پەيدا بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنى تۇتالماي گەپ تالىشىپ قالىمىز؛ بۇنداق ۋاقىتتا، ئەر كىشى بىلەن ھىسابلىشىپ، يىڭىش-يىڭىلىشنى ئايرىيمەن دىگەندىن كۆرە، ئاۋال كەسكىنلىك بىلەن "ئېغىزىڭىزنى يۇمۇپ"، ئۇنى نەچچە كۈن تاشلاپ قويغىنىڭىز ئەۋزەل. بۇنىڭدا، ئۇنىڭ ئاچچىقى يانغاندىن كىيىن، ئۇ تەبىئىلا سىزنى بەزلەپ خۇشال قىلىشقا ئالدىرايدۇ.
    3. ئەر كىشى سىزگە خۇشامەت قىلىپ، سىزنى قوغلاشقان ۋاقىتتا، سىز سۇغۇق مىجەز ھالىتىڭىزنى ساقلاپ، ئۆزىڭىزنى ئاسانلىقچە تۇتقۇزۇپ قويماسلىقىڭىز كىرەك. ئاسان قولغا كەلتۈرگەن ئايال كىشىگە قارىتا، ئەرلەر كۆپىنچە قەدىرلەشنى بىلمەيدۇ؛ بىراق ئىندەككە كەلتۈرۈشى تەسكە توختىغان ئايال كىشىگە قارىتا، ئەكسىچە گۆھەردەك ئەتىۋارلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىزگە خۇشامەت قىلىپ، سىزنى قوغلاشقان ئەر كىشىگە نىسبەتەن، سىز "تارتىنچاقراق" ياكى "ئازراق سۇغۇق مىجەز" بولۇپ، تۇمۇرىڭىزنى ئاسانلىقچە تۇتقۇزۇپ قويمىسىڭىز، ئەر كىشى ئەكسىچە سىزنى تېخىمۇ قەدىرلەيدۇ.
    4. ئەگەر ئەر كىشى سىزنى قەدىرلەشنى بىلمەي، ئوتتۇرلۇقتىكى ھىسياتقا دەخلى يەتكۈزىدىغان  بەزىبىر ئىشلارنى قىلسا، ئۇنىڭدىن ھىساپ ئېلىش كىرەك بولغاندا ياخشى ھىساپ ئېلىپ، ئۇنى نەچچە كۈن "سەگىتىپ" قويۇش كىرەك. بەزى ئەرلەر بەخىت ئىچىدە تۇرۇپمۇ بەخىتنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان بولۇپ، ھەمىشە ئوتتۇرلۇقتىكى ھىسياتقا زىيان يەتكۈزۈدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ ياكى بەزىبىر يامان ئادەتلەرگە ئۆگىنىۋىلىپ ئۆزىنى تارتىۋالالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئايال كىشى ئۇلارغا بىر مەزگىل سۇغۇق مۇئامىلىدە بولۇپ، ئۇنى "سەگىتىپ" قويسا بولىدۇ. ئەر كىشى، ئايال كىشىنىڭ ئۆزىگە شۇنچە ۋاقىت تۈزۈك گەپمۇ قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلى بىئارام بولۇشقا باشلايدۇ ھەمدە تەبىئىلا ئۇ ئايال كىشىگە باشقىچە ئىتىبار بىلەن قارايدىغان بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号