چىرايلىق ئايالى بار تۇرۇپمۇ، ئەرلەر يەنە نىمىشقا تالاغا قارايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
بىزنىڭ قارىشىمىزچە، چىرايى گۈزەل، ھەر تەرەپلەردىكى شارائىتى ئىنتايىن ياخشى بولغان ئاياللار، ئەسلىدە ئەرلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا بەكرەك ئىرىشىپ، بەخىتلىك بولغان توي تۇرمۇشىغا ئىرىشىشى كىرەك بولۇپ، ئەگەر بۇ خىل ئاياللارمۇ ئىرىنىڭ ئاسىيلىق قىلىشىغا ئۇچرىسا، ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان بىر ئىش بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
ئەمىلىيەتتە، تويدىن كىيىنكى تۇرمۇش زادى قانداق بولىدۇ، پەقەت ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئۆزلىرى بىلىشىدۇ، باشقىلارنىڭ كۆرۈپ يەتكىنى، پەقەت سىرتقى كۆرىنىشىلا خالاس. بەلكىم بىزنىڭ قارىشىمىزدىكى بەخىتلىك ئەر-خوتۇنلار، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدە ئۇنداق ھىسابلانمايدىغان، نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن.
چىرايلىق ئايالى بار تۇرۇپ، ئەرلەر يەنە نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراشنى تاللايدۇ؟ تۆۋەندە ئاشۇ ئەرلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر نەچچىسىنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى ئاڭلاپ بېقىڭ!

ئاياللارنىڭ چىرايى ھەرقانچە چىرايلىق بولسىمۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ھېچقانداق تۇيغۇ شەكىللەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ياڭ لىن بولسا بىر تىجارەتچى بولۇپ، ئۇ ئايالى بىلەن بىر قېتىملىق كەچلىك يېغىلىشتا تۇنۇشقان. ئايالىنىڭ گۈزەل ھۆسنى، ياڭ لىننى تىزلا ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ، ياڭ لىن پۈتۈن بىر ئاخشام دىققىتىنى ئۇنىڭدىن ئۈزەلمىگەن. كىيىنچە دوستىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقان ھەمدە ئۇنى قوغلىشىشقا باشلىغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىككەيلەن بىرگە بولۇپ توي قىلىشتى.
ياڭ لىن بۇنداق چىرايلىق ئايالى بارلىقىدىن پەخىرلىك ھىس قىلىپ، قەيەرگە بارسا ئايالىنى بىللە ئېلىپ باراتتى. ياڭ لىننىڭ تىجارىتى يامان ئەمەس بولغاچقا، كىيىنچە ئايالى خاتىرجەم ھالدا ئۆيدە "پۈتۈن ۋەزىپىلىك خوتۇن" بولۇپ، بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ئولتۇردى.
بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئايالىنىڭ گۈزەل چىرايى ياڭ لىنغا ئاللىبۇرۇنلا چىرايلىق بىلىنمەيدىغان بولۇپ قالغان بولۇپ، ئايالىنىڭ چىرايىنى ئۆزىنى جەلىپ قىلالمايدىغاندەك ھىس قىلغان، ئەكسىچە شىركىتىدىكى كاتىپى ئۇنىڭغا نىسبەتەن تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بىلىنگەن. ئۇ كاتىپنىڭ چىرايى گەرچە ئايالىغا يىتىشمىسىمۇ، ئەمما ئۆزگىچە بىر خىل لاتاپىتى ۋە نازاكىتى بولغاچقا، ئىككەيلەن تەبىئىلا تاپتىن چىققان ئىش قىلىپ قويدى.

توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە ئالدىنىپ قاپتىكەنمەن، توي قىلغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇنىڭ مىجەزىنىڭ ئوسال ئىكەنلىكىنى بىلدىم؛ ئۇنىڭ بىلەن چىقىشىپ ئۆتمەك ناھايىتى قىيىن.
لى ۋىن ئايالى بىلەن باشقىلارنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى ئارقىلىق تۇنۇشقان؛ گەرچە باشقىلار تۇنۇشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئىككەيلەن بىر كۆرۈشۈپلا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قالغان بولۇپ، بىر-بىرىدىن ئىنتايىن رازى بولۇشقا ئىدى. ئىككەيلەن ناھايىتى تىزلا مۇھەببەتلەشتى ھەمدە ياخشى ئۆتۈشتى. لى ۋىننىڭ قارىشىچە، ئايالى ئۇ ۋاقىتتا ناھايىتى مۇلايىم ھەم ئاق كۆڭۈل، گۈزەل ھەم ئۇچۇق-يۇرۇق، كىشىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان بىر ئايال بولۇپ، ئۇلار ناھايىتى تىزلا توي قىلىشتى.
توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، لىۋىن ناھايىتى تىزلا ئۆزىنىڭ ئەپتى بەشرىنى ئاشكارىلاشقا باشلىدى. سىرتتىكىلەرنىڭ نەزىرىدە، لى ۋىننىڭ بۇنداق چىرايلىق ئايالغا ئۆيلىنىشى ئۇنىڭ بەختى ھىسابلىناتتى؛ بىراق، ئايالىنىڭ سىرتتىكىلەرنىڭ نەزىرىدىكىدەك ئۇنداق مۇلايىم ھەم كۈيۈمچان ئەمەسلىكىنى، پەقەت لى ۋىن ئۆزىلا بىلەتتى.

لى ۋىننىڭ ئالدىدا، ئايالىنىڭ مىجەزى ناھايىتى ئوسال بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن ھۇرۇن ئىدى، لى ۋىنغىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، سىرتتىكى ۋاقىتتا تۇرغان ئورنى ۋە قىلىۋاتقانلىرىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى. بۇنداق ئەھۋالدا، لى ۋىن بارغانسىرى بېسىم ھىس قىلىپ، بۇنداق تۇرمۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئويلايدىغان، ھەمىشە پۇرسەت تېپىپ سىمىنا قوشۇپ ئىشلەپ، ئۆيىگە قايتمايدىغان بولىۋالدى.
لى ۋىن ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى دەرتلىرىنى شىركەتتىكى ئايال خىزمەتدېشىغا سۆزلەپ بەردى؛ خىزمەتدېشى ئۇنىڭغا ھىسداشلىق قىلىپ، ھەمىشە ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى. ئىككەيلەن ھەر دائىم بىر-بىرىگە دەرت تۆكۈشكەنلىكتىن، تەدرىجى ھالدا مۇھەببەت ئوتلىرى ئۇچقۇنداپ، چەكتىن ئاشقان مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قويۇشتى.

مىنىڭ شارائىتىم تازا ياخشى ئەمەس، ئەمما ئايالىم ناھايىتى چىرايلىق؛ مەن ھەمىشە ئۇنى ماڭ ياتلىق بولۇپ ئۇۋالچىلىققا قالغاندەك ھىس قىلىمەن.
ۋاڭ چىنىڭ ئايالى بويى ئېگىز، ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ، ئۇ ئىككىسى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقداشلاردىن؛ ۋاڭ چىنىڭ شارائىتى تازا ياخشى ئەمەس بولۇپ، ئىلگىرى ئايالىنى قوغلاشقان ۋاقىتتا رەت قىلىنغان ئىدى. كىيىنچە ۋاڭ چى ئۆزى ئىگىلىك تىكلەپ، ئازراق نەتىجە قازانغاندىن كىيىن، ئايالى بىلەن قايتا ئۇچرىشىپ قالدى. بۇ قېتىم ۋاڭ چىنىڭ قوغلىشىشى ئاستىدا، ئايالى ئۇنىڭ توي تەكلىپىگە ماقۇل بولغان.
توي قىلغاندىن كىيىن، ئەتراپتىكىلەر ۋاڭ چىغا ئىنتايىن ھەۋەس قىلىشىپ كىتەتتى، بۇنداق چىرايلىق خوتۇن ئېلىۋالغانلىقى ئۇنىڭ بەخىت تەلىيى دەپ قارايتتى. ۋاڭ چى ئايالىنىڭ سىرتتا ئىشلەيمەن دەپ جاپا تارتىشىنى خالىماي، ئۇنى خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگۈزۈپ، ئۆيدە دەم ئېلىپ ئولتۇرۇشقا قويدى. ئايالىمۇ بۇنىڭدىن خوشال بولۇپ، ھەركۈنى دىگۈدەك بازار ئايلىنىش، دوستلىرى بىلەن يېغىلىش، ھۆسىن تۈزەش قىلغۇزۇش دىگەنلەر بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئۆتتى.

ئارلىقتا بىر مەزگىل، ۋاڭ چىنىڭ شىركىتى قىيىنچىلىققا دۇچ كىلىپ، كۈنلىرى تەسلىكتە قالدى. بۇ ۋاقىتتا ئايالى ئۇنىڭدىن قاقشاپ، ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇپ زىيان تارتقانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە گەپ-سۆزلىرىدە بىزارلىقنى ئىپادىلەشكە باشلىدى. ۋاڭ چى ئايالىنىڭ قاقشاشلىرىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن بىئارام بولدى؛ ئۇنىڭ قىيىنچىلىق مەزگىللىرىدە، ئايالى ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈش، ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىش دىگەنلەردىن باش تارتىپ، ئەكسىچە ئۇنىڭدىن ئاغىرىنىپ قاقشاشنى تاللىغان ئىدى.
كىيىنچە، ۋاڭ چى سىرتتا چىرايى ئادەتتىكىچە بىر ئايالنى تېپىۋالدى. ھازىر ئۇنىڭ شىركىتى گەرچە قىيىنچىلىق مەزگىلىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئايالىنىڭ ئىلگىرىكى پوزۇتسىيىتى بۇرۇنلا ئۇنىڭ كۆڭلىنى سۇۋۇتىۋەتكەن بولغاچقا، ئۇ ھازىر ئايالى بىلەن ئاجراشمىغان تەقدىردىمۇ، ئاشنىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ھەرگىز ئۈزىۋەتمەيتتى.

ئايالىم گەرچە چىرايلىق بولسىمۇ، ئەمما ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ
جاڭ لىننىڭ دىيىشىچە، ئۇنىڭ ئايالى ناھايىتى چىرايلىق ئىكەن، ئۇمۇ ئايالىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن ھەمدە ئۇنىڭغا بەخىت بىرىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئۇ ئىككىسى توي قىلغاندىن كىيىن، تۇرمۇشىمۇ ناھايىتى بەخىتلىك ئۆتۈشكە باشلىدى؛ ئايالى مۇلايىم، كۈيۈمچان بولۇپ، تاماققىمۇ ناھايىتى ئۇستا ئىدى.
بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇ ئايالىنىڭ ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشى جەھەتتە ئازراق قارشىلىق قىلىش پىسىخىكىسى بارلىقىنى بايقىدى. جاڭ لىن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويسا، ئايالى ھەر خىل باھانە-سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ رەت قىلاتتى، بۇ ئەھۋال جاڭ لىننى بىئارام قىلىپ قويغان ئىدى.

جاڭ لىننىڭ قارىشىچە، ئۇ ئۆزى نورمال بىر ئەر كىشى، قانۇنىيەتلىك ۋە تەرتىپلىك بولغان ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشى ئۆتكۈزۈشنى ئويلىشى نورمال بىر ئەھۋال. ئايالى گەرچە ناھايىتى چىرايلىق بولسىمۇ، ئەمما جاڭ لىننىڭ ئىھتىياجىنى قامدىيالمىغاچقا، جاڭ لىن سىرتتىن ئاشنا تېپىۋالدى. ئۇ گەرچە بۇنداق قىلمىشنىڭ ئەخلاققا مۇخالىپ ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ئەمما ئۇمۇ ئامالسىز قالغان ئىدى.
ئىككى ئادەم بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈشتە، پەقەت سىرتقى قىياپىتىگىلا تايىنىشقا بولمايدۇ، بولمىغاندا ئاسانلا بەزىبىرى سۈركىلىشلەر پەيدا بولىدۇ. ئاياللار ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل ئەر كىشىنىڭ مۇھەببىتىگە ۋە قەدىرلىشىگە ئىرىشىمەن دىسە، سىرتقى قىياپىتىگىلا ئېسلىۋالماي، ئۆزىنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنىمۇ ئىپادىلەپ چىقىرىشقا ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك.