ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تىرىسىنى ئاقارتماقچى بولغان نىگىر قىز پۇشايماندا قالدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-15 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئافرىقا قىتئەسى دۇنيادىكى ئەڭ ئىسسىق رايوق بولۇپ، يىل بويى قۇياش نۇرى ئىنتايىن كۈچلۈك چۈشىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، ئافرىقا قىتئەسىدىكى كىشىلەرنىڭ تىرىسىنىڭ قارا بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قارا رەڭ، ئاللىبۇرۇنلا ئۇلارنىڭ گېنىغا سىڭىپ كىرىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ تىرە رەڭگىنىڭ قارا ھالەتتە بولۇشىنى ۋە ئۆزگەرتىشكە بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەمما دۇنيا ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ئېشىشى ۋە مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بەزىبىر تارىخى مەسىلىلەر تۈپەيلى، نىگىرلار تىرە رەڭگى سەۋەپلىك، ئۆزىنى باشقىلاردىن تۆۋەن كۆرىدىغان ئەھۋاللار شەكىللىنىپ قالغان.
    شۇنىڭ بىلەن، نۇرغۇن نىگىر ئاھالىلىرىدە ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمىگەن بىر خىيال، يەنى ئۆزىنىڭ تىرە رەڭگىنى ئاقارتىش خىيالى كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك، ئافرىقىدا نۇرغۇنلىغان "تىرە ئاقارتىش" كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرى پەيدا بولغان. ئەلۋەتتە، ئىقتىساد ۋە تېخنىكا سەۋيىسىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇ ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرى مەيلى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ياكى گىرىم بۇيۇملىرى، ۋەياكى تازىلىق جەھەتتىن بولمىسۇن، ھەممىسىدە ئۆلچەمگە يىتىپ بولالمىغان.
    ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار ئىشلەتكەن ئاتالمىش گۈزەللەشتۈرۈش مەلھىمى، كۆپىنچىسى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى تەڭشەپ ياسىۋالغان مەھسۇلاتلار بولۇپ، ئۈنۈمى ئاساسەن يوق دىيەرلىك، تازىلىق شارائىتى تېخىمۇ ناچار. سۈرەتتىكى يىشىل رەڭلىك مەلھەم ۋە مەلھەمنى قاچىلىغان باكقا قارىساقلا، بۇ ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرىنىڭ شارائىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.
    بۇ نىگىر قىزىنىڭ چىرايىغا قاراڭ؛ گەرچە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئاقراق بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ چىرايىنى دانىخورەك بېسىپ كەتكەن. قارىغاندا، ئۇ مەلھەملەردە چوقۇم مەسىلە بار ئىكەن، شۇڭلاشقا بۇنچە چوڭ ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    يەنە ئۇنىڭ قوللىرىغا قاراپ بېقىڭ، نىمە بولۇپ كەتكەن قوللار بۇ؟ ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى زادى ئەرزىمدىغاندۇ؟
   مەن ئويلايمەنكى، تىرە رەڭگى تۇغۇلما كىلىدۇ، بۇنى ئۆزگەرتىمەن دىيىشنىڭ ھاجىتى يوق؛ ئەمما تىرىشىش، مەدىنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆز ئىقتىدارىنى ئۆزلۈكسىز تۈردە ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. بۇنىڭدا، تىرە رەڭگى قانداق بولۇشتىن قەتئىنەزەر، يەنىلا باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشىشكە بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号