ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
زىرەكچاققا ئايلىنىش ئۈچۈن ھۆسىن تۈزەتكەن قىز ھېچنىمىگە ئوخشىماي
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-31 كۆرۈلىشى : قېتىم
    رەسىمدىكى بۇ قىزنىڭ ئىسمى گىرىس. گىرىس ئەسلىدە چىرايى گۈزەل ھەم جايىدا كەلگەن بىر قىز ئىدى؛ ئەمما ئۇ ئۆزىنى زىرەكچاققا (精灵) ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، بەدىنىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا قارىتا ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇ ھازىر چىرايىنى ھېچنىمىگە ئوخشاتقىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى.
    26ياشلىق گىرىس بولسا، مەخسۇس ئادەم بەدىنىگە نەقىش چىكىدىغان كەسپى نەققاشچى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بەدىنىنىڭ كۆپ قىسىمىغا نەقىش چىكىپلا قالماي، ئۇ يەنە ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرۇپ، كۆزلىرىنى بىنەپشە رەڭگە ئۆگەرتكەن، ھەتتا قولىقىنى كىسىپ ئۇچلۇق قىلغان ۋە تىلىنى كىسىپ ئىككى پارچە ھالىتىگە ئەكىلىپ قويغان.
    گىرىسنىڭ پۈتۈن بەدىنى، ئوخشىمىغان ئۇسلۇپتىكى نەقىشلەرگە تولغان بولۇپ، ئۇ 21 يېشىدىن باشلاپلا ئۆزىنىڭ بەدىنىگە قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان. ھازىر ئارىدىن 5يىل ۋاقىت ئۆتكەن بولۇپ، گىرىسنىڭ دىيىشىچە، ئۇ ھازىر بىر كۈن ئۆزىنىڭ بەدىنى بىلەن ھەپىلەشمىسە، بىئاراملىق ھىس قىلىپ  قالىدىكەن.
    ھازىر، گرىس تىلىنى كىسىپ ئىككى پارچە قىلىپ قويدى؛ ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ كىندىكىنى كىسىپ ئلىۋەتكەن بولۇپ، بۇندىن باشقا يەنە بۇرنىغا چوڭ تۈشۈكتىن بىرنى ئاچقۇزغان؛ چۈنكى ئۇ، بۇنىڭدا زىرەكچاققا تىخىمۇ بەك ئوخشايمەن دەپ قارايدىكەن.
   بۇ رەسىمدىكىسى گىرىسنىڭ بىنەپشە رەڭلىك كۆزى. بۇ خىل ئوپراتىسيەنىڭ خەتىرى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئەگەر ئوپراتسىيە مەغلۇپ بولسا، ئۇنىڭ كۆزلىرى كۆرمەس بولۇپ قالىدىكەن. بۇ خىل ئوپراتسىيە قىلدۇرغانلار، پۈتكۈل يەرشارى مىقياسىدىمۇ يۈزگىمۇ يەتمەيدىكەن.
    گىرىسنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەپ، ئۇنىڭ غېرىپلىقتا ئۆتكەن بالىلىق دەۋرى سەۋەبىدىن بولۇپ، ئاتا-ئانا مۇھەببىتى كەمچىل بولغاچقا، ئۇنىڭ پىسخىكىسىدا توسالغۇ پەيدا قىلغان؛ گىرىس بولسا، ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئىچكى دۇنيارىمدىكى روھىمنى قويۇپ بىرەلەيمەن دەپ قارىغان.
    گىرىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆز بەدىنىگە يەنە داۋاملىق ھالدا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىدىكەن؛ چۈنكى بۇ، ئۇنىڭ ئۆمرىدىكى بىردىنبىر قىزىقىشى ئىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号