ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ياشانغان ئەر-خوتۇنلار يۈزىنچى نەۋرىسىنى كۈتىۋالدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-30 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئامىرىكا يىلىنو شىتاتىدىن بولغان ئەر-خوتۇن لىئو بىلەن روسسىي توي قىلغىلى 59يىل بولغان بولۇپ، يېقىندا ئۇلارنىڭ يۈزىنچى نەۋرىسى دۇنياغا كۆز ئاچتى.

    بۇ بىر جۈپ ياشانغان ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ 12بالىسى، 53 نەۋرىسى، 46ئەۋرىسى ۋە بىر چەۋرىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ جەمەتىدىكى ئادەمنىڭ  كۆپلۈكىدىن، بىر بازار تەشكىللەشكە بولىدىكەن.
   ئۇلارنىڭ 12بالىسىنىڭ ئىچىدە، ئەڭ چوڭ بالىسى لىندا بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن؛ ئەڭ كىچىك بالىسى جوي بولسا، بۇ يىل 31ياشقا كىرگەن. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ئۇلار ئائىلە يېغىلىشى ئۆتكۈزمەكچى بولسا، چوڭ زالدىن بىرنى ئىجارىگە ئېلىپ، ئانىلار بايرىمى، رىژدىستوۋا بايرىمى قاتارلىق بىر نەچچە بايرام كۈنلىرىدە بىر يەرگە يېغىلىدىكەن. يېغىلىشتا كىتىدىغان تاماقمۇ ئادەتتە كۆپىنچە ھەربىر تۈرى نەچچە ئون كىلوگىرام بويىچە ھىسابلىنىدىكەن.
    ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى ناھايىتى ئىجىل-ئىناق ئۆتىدىغان بولۇپ، ھەمىشە يېغىلىشىپ تۇرىدىكەن. ئۇلار ھەمىشە ئۆز-ئارا ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بولۇپ، گەرچە ئائىلە ئەزالىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما دائىم بىرگە يىغىلىپ كۈرۈشۈپ تۇرالىشىدىن پەخىرلىك ھىس قىلىدىكەن.
   يۈزىنچى نەۋرە، بۇ ئائىلىگە ئاز بولمىغان خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ بوۋاقنىڭ ئانىسى ئاشىلىيمۇ، ئۆزىنىڭ يۈزىنچى نەۋرىنى تۇغقانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇنچە كۆپ ئائىلە ئەزارلىرىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانى، چوقۇم خۇشاللىققا تولىدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号