ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قېرىغانلىقنىڭ بەش چوڭ ئالامىتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئادەمدە نىمە ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان قېرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؟ بۇ ئاساسلىقى ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقىدىن، ئۆزىنى كۈتۈش ۋە ئاسراش قىلىش ئۇسۇلىنىڭمۇ ئوخشاش بولمىغانلىقىدىن بولىدۇ. ئەڭ مۇھىم بولغىنى، بەزى كىشىلەر ئۆزىنىڭ قېرىشقا باشلىغانلىقىدىكى بەزى ئالامەتلەرنى بىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلار ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ھالىتىگە قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، قېرىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ. بۈگۈن بىز كۆپچىلىك بىلەن بىرگە، ئادەم قېرىشقا باشلىغاندا كۆرىلىدىغان ئالامەتلەر توغرىسىدا تۇنۇشۇپ ئۆتەيلى.
قورۇقچىلار كۆپىيىشكە باشلاش
   ئادەم قېرىشقا باشلىغانلىقنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالامەتلىرىدىن بىرسى بولسا، قورۇقچىلار كۆپىيىشكە باشلاشتۇر. بۇ ئەمىلىيەتتە، ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشقا باشلىغانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ھۈجەيرىلەردە سۇ كەمچىل بولۇپ، تىرىدىكى كوللاگىنلىق ئاقسىللار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزلۈكسىز تۈردە ئېقىپ كىتىپ بارىدۇ، بۇ سەۋەپلىك ئادەمنىڭ تىرىسى بوشىشىپ كىتىدۇ.
قان بېسىمى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا يۇقىرلاپ كىتىدۇ
   بەلگىلىك ياشقا يەتكەندىن كىيىن، ئادەم بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ ئىقتىدارى ئۆزلۈكسىز تۆۋەنلەشكە باشلايدىغان بولۇپ، مىتابولىزىممۇ ئاستىلاپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قان بېسىمىدا يۇقىرىلاش كۆرۈلىدۇ؛ بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، ئادەمنىڭ ئارتىرىيە قان تۇمۇرلىرىنىڭ تارلىشىپ كەتكەنلىك بولۇپ، بەزى ئارتىرىيە قان تۇمۇرلىرىدا قېتىشىش كۈرۈلۈشكە باشلىغان، ئىلاستىكىلىقى كەمچىل بولۇپ قالىدۇ؛ بۇ دەل قان بېسىمى يۇقىرلاپ كىتىشنىڭ سەۋەبىدۇر.
ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى چىكىنىپ كىتىدۇ
    بىر ئادەمنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ياخشى ياكى ناچار بولۇشى، تەپەككۇرىنىڭ ئۆتكۈر بولۇشى ياكى بولماسلىقى، ئادەمنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ ساغلاملىق دەرىجىسىنى بىۋاستە ئىپادىلەپ بىرىدۇ؛ ياشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئادەم قېرىشقا باشلىغاندىن كىيىن، ئادەمنىڭ چوڭ مىڭىسىدىكى ھۈجەيرە نىرىپلىرى ئازلاشقا باشلايدىغان بولغاچقا، بىر نەرسىنى ئىسىدە تۇتالمايدىغان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بەدەننىڭ ئەسلىگە كىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ
    ئادەم ياش ۋاقىتلىرىدا، ئەگەر بىرەر يىرى زەخمىلەنسە، ئەسلىگە كىلىشى نىسبەتەن تىز بولىدۇ؛ ئەمما ياشنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، بەدەنمۇ قېرىيدىغان بولغاچقا، ئەسلىگە كىلىش سۈرئىتى خېلىلا ئاستىلاپ كىتىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ كۈرنەرلىك ئىپادىسى بولسا، ئەگەر بەدەندە بىرەر جاراھەت كۆرۈلسە، جاراھەتنىڭ ئېغىز ئېلىپ ساقىيىش ۋاقتى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپ ئۇزۇن بولىدۇ.
مىجەزى ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ
   نۇرغۇن كىشىلەر ئوتتۇرا ياشقا يەتكەندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ جىسمانىيىتىدىمۇ كۆپ ئۆزگىرىش كۆرۈلىدىغان بولۇپ، مىجەزى بارغانسىرى ئوسال بولۇپ، ئاسان بىر ئىشلاردىن گۇمانلىنىدىغان، سەزگۈر، ھەمىشە نىرۋىسى جىددىلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى قېرىشتىن كىلىپ چىقىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك بولغان مىساللىرىنىڭ بىرى، كىلىماكتىرىيە دەۋرى ئونۋىرسال كىسەللىكىدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号