ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
يىگىرمە ياشلىق بوۋاي ۋە ئون ئىككى ياشلىق موماي
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بىلگىيەلىك بىر جۈپ ئاكا-سىڭىل مىچىل بىلەن ئامبىر ئىككىسى، بىر خىل ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئىرسىيەت كىسەللىكى—بالدۇر قېرىپ كىتىش كىسەللىكىگە (بالىلار بالدۇر قېرىپ كىتىش كىسىلى) گىرىپتار بولۇپ قالغان.
   بۇ خىلدىكى كىسەللىككە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ بەدىنىنىڭ قېرىش جەريانى، نورمال ئادەملەرنىڭكىگە قارىغاندا 10-5 ھەسسە تىز بولىدۇ. بۇ خىلدىكى بىمارلارنىڭ سىرتقى قىياپىتى ياشانغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ، جۇغى كىچىك، فىزىلوگىيلىك ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىمۇ ناھايىتى تىز چىكىنىپ كىتىدۇ.  ئادەتتە، بۇخىل كىسەللىككە گىرىپتار بولغان بالىلار، 20-7ياش ئەتراپىغىچە ئۆمۈر كۈرىدىغان بولۇپ، كۆپ قىسىمى ياشانغانلار كىسەللىكى، يەنى يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۆلۈپ كىتىدۇ.

    ئاكىسى مىچىل تۇغۇلغاندىن كىيىن، دوختۇرنىڭ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئېيتىشىچە، گەرچە بالدۇر قېرىپ كىتىش كىسەللىكى بىر خىل ئىرىسىيەت خارەكتىرلىك كىسەللىك بولسىمۇ، ئەمما ئىككىنچى بالىنىڭمۇ بۇ خىل كىسەللىككە گىرىپتار بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى ئاساسى جەھەتتىن يوق بولىدىكەن. بىراق، ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتكەندىن كىيىن، سىڭىلىسى ئامبىر تۇغۇلغان ۋاقىتتا، ھەممەيلەن ھەيران قېلىشتى: چۈنكى، ئويلىمىغان يەردىن، ئامبىرمۇ ئاكىسىغا ئوخشاش بالدۇر قېرىپ كىتىش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئىدى. بىلىشىمىز كىرەككى، ھازىر پۈتۈن يەرشارىدا، بۇ خىل كىسەللىككە گىرىپتار بولغان بىماردىن پەقەت 155 كىشلار بار؛ بۇ ئىككى ئاكا-سىڭىل بولسا، مۇشۇ 155 ئادەمنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى.

    گەرچە ئەھۋال شۇنداق ئېغىر بولسىمۇ، 20ياشلىق ئاكىسى مىچىل بىلەن 12ياشلىق سىڭلىسى ئامبىر، يەنىلا ئۈمىدۋار كەيپىياتنى ساقلاپ ياشاپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلانغان. مىچىل كادىن ماشىنى ھەيدەشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بەزىدە تېخى دوستلىرى بىلەن بىرگە قار تېيىلىشقا بارىدىكەن. ئامبىر بولسا ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، گەرچە ئۇسسۇل دەرىسىگە قاتنىشالمىسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۆزى ئوينىغان ئۇسسۇلىنى سۈرەتكە ئېلىپ، ئىجتىمائى ئالاقە تورىغا چىقىرىدۇ. تەقدىر گەرچە بۇ بىر جۈپ ئاكا-سىڭىلغا رەھىمسىزلىك قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىنىشكە تىرىشقان؛ يەنى ئۆزلىرىگە مۇھەببەت بېغىشلىغان، ئۆزلىرىنى قوللىغان ئادەملەرگە نىسبەتەن مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدا بولغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号