ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تىراگىدىيە | تەلەيسىز ئەر-خوتۇنلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئەنگىلىيە ۋارىس باررىيدىكى بىر ئەر راك كىسىلى بىلەن 26يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى كىسەل ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئېغىر بېسىمدىن قۇتۇلۇپ، خۇشال-خۇرام ھالدا يىڭى تۇرمۇشىنى كۈتۈۋالغان. بىراق تەقدىرنىڭ چاقچىقى ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم ئىگىزدىن پەسكە تاشلىغان: ئىرىنىڭ كىسىلى پۈتۈنلەي ساقىيىپ بىر يىلدىن كىيىن، ئايالىنىڭمۇ راك كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلغان.
    بۇ يىل 30ياشقا كىرگەن سىكوت.ئادامىس، ئىككى ياش ۋاقتىدا ئاق قان كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ئۆز بەدىنىدىكى قۇرۇق ھۈجەيرىنى كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، راك كىسەللىكى بىلەن قارشىلاشقان. ئۇ 19ياش ۋاقتىدا، ئەينى ۋاقىتتا ئەمدىلا 17ياشقا كىرگەن ئايالى مارتىنى.ئادامىس بىلەن تۇنۇشۇپ توي قىلغان. ئۇ ۋاقىتتا گەرچە دوختۇر ئادامىس كىچىكىدىن باشلاپلا خېمىيىلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىش سەۋەپلىك كۆپىيىش ئىقتىدارىدىن قالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار تويدىن كىيىن يەنىلا ئىككى بالىلىق بولغان. ئادامىس، راك كىسەللىكى بىلەن ساق 26يىل كۈرەش قىلىپ، ئاخىرى 2017-يىلىغا كەلگەندە، ئۆزىدىكى راك كىسىلى ئۈستىدىن غەلبە قىلغان. بۇندىن كىيىن، ئادامىس پەقەت قەرەللىك تۈردە تەكشۈرۈش قىلدۇرۇپ، راكنىڭ قايتا قوزغالغان ياكى قوزغالمىغانلىقىنى تەكشۈرۈتۈپ تۇرسىلا بولاتتى. ئايالىنىڭ دىيىشىچە، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى ئېغىر بىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك يىنىكلەپ خوشال بولۇشقان.
    بىراق، 2018-يىلى يازغا كەلگەندە، ئايالى مارتىنىدا تۇيۇقسىز دۈمچە قىسمى ئاغرىپ كىتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ، بىر نەچچە ئايلىق ھەر خىل تەكشۈرۈش ۋە قان تەكشۈرۈش ئارقىلىقمۇ ئىنىق سەۋەبىنى تېپىپ چىقالمىغان. كەينىدىن، مارتىنىدا باش قىسىمى قاتتىق ئاغرىپ كىتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈشكە باشلىغان ھەمدە ئۇنىڭ ئۇمۇرتقا سۆڭىكىنى تىشىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ يىلىكىنىڭ سۈزۈك رەڭدە ئەمەس بەلكى سېرىق رەڭلىك بولۇپ قالغىنىنى بايقىغان. نەتىجىدە، مارتىنىغا ماگنىت كۈچى رىزونانىس تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئۇمۇرتقۇسى ۋە مىڭىسىدە كۆپلىگەن ئۆسمىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. ئەسلىدە ئۈمىدۋار ھەم خۇشخۇي كەلگەن مارتىنى، بۇ ۋاقىتتا كۆڭلى بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولغان.
    ئۇ ئىرى ۋە ئىككى بالىسى بىلەن بىرگە، خۇشاللىققا تولغان رىژدىستوۋا بايرىمى ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، 1-ئاينىڭ 2-كۈنىگە كەلگەندە، دوختۇرنىڭ شۇم خەۋرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان: مارتىنى  تارقىلىشچان تىپتىكى يۇمشاق مىڭە پەردىسى نىرۋا ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان. مارتىنىنىڭ ئېيتىشىچە، دوختۇرنىڭ بۇ خىلدىكى ئاز ئۇچرايدىغان مەركىزى نىرۋا سېستىمىسى ئۆسمە كىسەللىكىگە بولغان چۈشەنچىسى چەكلىك بولۇپ، ھازىرچە مارتىنىنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىغا ئىنىق بىر نەرسە دىيەلمەيدىكەن ھەمدە مارتىنى بەدىنىدىكى راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىغا تاراپ، ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كىلىش ئىھتىماللىقى بار ئىكەن.
    ئادامىسنىڭ دىيىشىچە، ھازىر ئۇلارنىڭ قىلالايدىغىنى پەقەت قەيسەرلىك بىلەن يۈزلىنىش بولۇپ، ئۇلار بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كىتەلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن ھەمدە بالىلىرىنىڭ ئانىسى يوق بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. يۇقىرى سوممىلىق داۋالاش خىراجىتىگە قارىتا، مارتىنى ئۆزىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتناشمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلارنىڭ دوستلىرى، ھازىر توردا ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، باررى رايونى ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردىكى كىشىلەر ئۇلار ئۈچۈن ياردەم قولىنى سۇنۇپ، نۆۋەتتە 15مىڭ فوندسىتىرلىڭدىن ئارتۇق ئىئانە پۇلى يېغقان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号