ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەرلەرنىڭ ئىلگىرىكى ئايالىنى ئۇنتۇپ قالالمىغاندىكى ئىپادىلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-07 كۆرۈلىشى : قېتىم
    نۇرغۇن كىشىلەر بىر قېتىملىق مۇھەببەت بىلەن بىر ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈشنى ئويلايدۇ؛ لىكىن ئەمىلىيەتتە، نۇرغۇن كىشىلەر نۇرغۇن چۆگىلەپ، ئاندىن ھەقىقى توغرا بولغان ئاشۇ ئادەمنى تاپالايدۇ.
   شۇڭا ئاياللارنىڭ بەزىبىر ئىلگىرىكى كەچمىشلىرى بار بولىدۇ، ئەرلەرنىڭمۇ ئىلگىرىكى ئايالى ياكى قىز دوستلىرى بار بولۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئىلگرىكى ئايالى ياكى قىز دوستىدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن، بەز ئەرلەر ئۇلارنى ئىنتايىن تىزلا ئۇنتۇپ كىتىدۇ؛ ئەمما بەزى ئەرلەر ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىنمۇ، ئىلگىرى ئايالى ياكى قىز دوستىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ.
    ئەگەر بىر ئەر كىشى ئىلگىرىكى ئايالى ياكى قىز دوستىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمىسە، ئۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر كۆرىلىدۇ.
يانفونىدا ئىلگىرىكى ئايالىنىڭ سۈرەتلىرىنى ساقلايدۇ
   گەرچە ئىلگىرىكى ئايالى دەپ ئاتالسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئىلگىرىكى توغرا ھىسابلىنىدىغان ئادەم. شۇڭا ئىلگىرىكى ئايالىنى ئۇنتۇپ كىتەلمەيدىغان ئەرلەرنىڭ، كۆپىنچە ئۇلارنىڭ رەسىمىنى يانفونىدىن ئۆچۈرۋىتىشكە كۆزى قىيمايدۇ؛ ھەر قېتىم ئۇنى سېغىنغاندا، يانفونىدىكى رەسىملەرگە قارايدۇ ھەمدە ئۆتمۈشتىكى ئەسلىمىلىرىنى ئەسلەپ، كۆڭلى يېرىم بولىدۇ.
ئۆيىدە ئىلگىرىكى ئايالىنىڭ نەرسە-كىرەكلىرىنى ساقلايدۇ
    ئۆتمۈش بىلەن پۈتۈنلەي خوشلىشىپ، ئىلگىرىكى ئايالىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەن ئەرلەر، ئۇنىڭ ھېچقانداق نەرسىسىنى ئېلىپ قالمايدۇ، ياكى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرىدۇ ياكى ھەممىنى تاشلىۋىتىدۇ. ئەمما ئىلگىرىكى ئايالىنى ئۇنتۇپ كىتەلمىگەن ئەرلەر بولسا، ئىلگىرىكى ئايالى سوۋغا قىلغان سوۋغاتلارنى ياكى ئۇ ئىشلەتكەن نەرسە كىرەكلەرنى ساقلايدۇ؛ ئۇلار ھەمىشە بۇ نەرسە-كىرەكلەرگە قاراپ، ئىلگىرىكى مۇھەببەتلىك مىنۇتلىرىنى ئەسلەيدۇ.
ھەمىشە ئىلگىرىكى ئايالىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ھەتتا باشقىلاردىن سۈرۈشتە قىلىدۇ
    ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن، ناتۇنۇش كىشىلەرگە ئوخشاش بولۇشى كىرەك ئىدى. ئەمما ئىلگىرىكى ئايالىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمىگەن ئەرلەر، كۆڭلىدىن تۇلۇق چىقىرۋىتەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن، ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇلار كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي ھەتتا باشقىلاردىن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ، ئۇنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ھەر ۋاقىت بىلىپ تۇرۇشنى ئويلايدۇ.
سىزنى ئىلگىرىكى ئايالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، سىزگە بەزىبىر ئالاھىدە تەلەپلەرنى قويىدۇ
    ئىلگىرىكى ئايالىنى ئۇنتۇپ كىتەلمىگەن ئەرلەر، ھەمىشە بىلىپ-بىلمەي سىزنى ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرىدۇ؛ مەسىلەن، سىرتقى قىياپىتىڭلاردا، قىزىقىشلىرىڭلاردا ۋە كىيىم كىيىش ئۇسلۇبلىرىڭلاردا قانداق ئوخشىماسلىقلار بار دىگەنلەرگە ئوخشاش. ئۇلار ھەقىقى تۈردە سىزنىڭ بارلىقىڭىزنى تۇلۇق قوبۇل قىلىپ كىتەلمەيدۇ، ھەتتا بەزىدە سىزگە ئۇزۇن چاچ قويۇڭ، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىڭ دىگەندەك تەلەپلەرنى قويىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئايالىنىڭمۇ شۇنداق ئادىتى بار بولىدۇ.
سىز بىلەن بىرگە تۇرغان ۋاقىتتا، تۇيۇقسىزلا كۆڭلى پەرىشان بولۇپ قالىدۇ
    سىز ئۇنىڭ ھازىرقى ئايالى ياكى قىز دوستى، سىز ئۇنىڭ بىلەن قىلغان نۇرغۇن ئىشلارنى، ئۇ ئىلگىرىكى ئايالى ياكى قىز دوستى بىلەنمۇ قىلىپ باققان. شۇڭا سىلەر بىرگە تۇرغان ۋاقىتتا، مەلۇم بىر ئوخشىشىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، ئىلگىرىكى ئايالى ياكى قىز دوستىنى ئۇنتۇپ كىتەلمىگەن ئەرلەر ھەمىشە ئىلگىرىكى ئەسلىمىلىرىنى ياد ئىتىپ قالىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئۇلار تۇيۇقسىزلا كۆڭلى پەرىشان بولۇپ، زىھنىنى يېغالماي قالىدۇ.
    ئىلگرىكى ئايالى ياكى قىز دوستىنى ئۇنتۇپ كىتەلمىگەن ئەرلەرنىڭ مۇھەببىتى بىر قەدەر چوڭقۇر كىلىدۇ؛ ئەمما مۇھەببىتى ھەرقانچە چوڭقۇر بولسىمۇ، ھازىرقى ئايالى ياكى قىز دوستىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەسلىك كىرەك. شۇڭا بۇنداق ئەرلەر ئادەتتە يەنىلا كۆپرەك دىققەت قىلىپ، ئۆتمۈشنى بالدۇرراق ئۇنتۇپ كىتىپ، كۆز ئالدىدا بار بولغان بەخىتنى قەدىرلەشكە تىرىشمىقى لازىمدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号