ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ماشىنىسىنى مېخ بىلەن بىزەپ چىققان سەنئەتكار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-05 كۆرۈلىشى : قېتىم

    ئەنگىلىيەلىك داڭلىق سەنئەتكار رىچالنىڭ ئەسەرلىرى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ ئۆزىنىڭ ئامراق ماشىنىسىنى سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلاندۇردى ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن ساق ئالتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى.
    بۇ ماشىنىنىڭ سىرتقى كۈرۈنىشى ئالاھىدە تۇيۇلدىمۇ؟ چۈنكى بۇ ماشىنىنىڭ سىرتقى قىسمىغا پۈتۈنلەي مېخ قېقىپ چىقىلغان بولۇپ، قۇياش نۇرى ئاستىدا ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى چاقنىتىپ، ئىنتايىن چىرايلىق كۆرۈنەتتى.
   بۇ ماشىنىنى بىزەشكە جەمئى 48مىڭ تال مىستىن ياسالغان مېخ سەرپ قىلىنغان بولۇپ، بۇنداق ماشىنىنى سىرتقا ھەيدەپ چىقسىڭىز، ھەممە ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىپلا قالماي، بۇ ماشىنىغا قەستەن سوقۇلۇپ "قاقتى-سوقتى" قىلىشقا ئۇرۇنىدىغانلارمۇ بولماسلىقى مۇمكىن.
   رىچالدىن باشقا، نۇرغۇن چەتئەللىكلەر ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنىڭ سىرتقى قىسىملىرىغا ئۆزگىچە نەرسىلەرنى چاپلىۋىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ مەسىلەن، دۇبەيلىك بىر باي ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنىڭ سىرتىغا پۈتۈنلەي ئالتۇن تەڭگە چاپلاپ چىققان بولۇپ، يولدا ماڭغاندا ئالتۇن نۇرلار چاقنىتىپ ماڭاتتى.
    ئەمما تورداشلار بۇ ھەقتە سۆز قالدۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە بۇنداق قىلىشقا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
    ئەمىلىيەتتە، دۆلىتىمىزدىمۇ بۇنداق قىلغان كىشىلەر بار. شىيامىنلىق بىر دوستىمىز، ئۆزىنىڭ جىياكېچوڭ ماشىنىسىغا بەش موچەنلىك تەڭگە پۇل چاپلاپ چىققان؛ ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن بەش موچەنلىك تەڭگە پۇلدىن 20مىڭدىن ئارتۇقنى سەرپ قىلغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号