ئەرلەرنىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايالغا بىرىدىغان سوۋغىتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-04 كۆرۈلىشى : قېتىم
ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە، نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتى ئىزچىل يۇقىرى ئورۇندا تۇرۋاتقاچقا، نۇرغۇن قىزلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا بۇ سەۋەپلىك نىكاھتىن تەشۋىشلىنىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇلار بىر ئەر كىشىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرسىمۇ، ئەمما نىكاھ تۇرمۇشىغا قەدەم قويۇشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالغان؛ چۈنكى نۇرغۇن قىزلارنىڭ قارىشىدا، نىكاھ بولسا مۇھەببەتنىڭ گۆرىستانلىقى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلار نىكاھ تۇرمۇشىغا قەدەم ئالساق، ئۇنداقتا كەلگۈسى تۇرمۇشتا كۆرۈلۈش ئىھتىماللىق بار بولغان زىددىيەت تۈپەيلى، نىكاھ تۇرمۇشىمىز قالايمىقانلاشتۇرۋىتىشىمىز مۇمكىن دەپ قارايدۇ.

كۆپ قىسىم نىكاھتىن تەشۋىشلىنىش پىسخىكىسى بار قىزلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار توي قىلىشنى خالىمايدۇ ئەمەس، بەلكى ئەر تەرەپنىڭ ئۆزىنى كىيىنلىق ئۆمرىنى تاپشۇرۇشقا ئەرزىيدىغان ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلمەيدۇ.
ئەمىلىيەتتە، قىزلار بۇنداق ئەندىشە قىلىپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ؛ بىر ئەركىشىنىڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ياكى ئەرزىمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ سىزگە تۆۋەندىكى تۆت خىل "سوۋغىتىنى" بىرىدىغان ياكى بەرمەيدىغانلىقىغا قاراپ ئايرىۋىلىشقا بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇ سىزگە بۇ بۇ تۆت خىل "سوۋغىتىنى" بەرسە، ئۇنداقتا بۇ ئۇنىڭ سىز بىلەن مەڭگۈ بىرگە ئۆتۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ ھەمدە سىزنىڭ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
بىرىنچى خىل سوۋغات: سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش
ئەر كىشىنىڭ سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىكىلەرگە بولغان پوزۇتسىيىسىدىن، ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈش دەرىجىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بىر ئەركىشى سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋاقىتتا، ئۇ سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزنى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش كۆرىدۇ.

ئەگەر ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش، پەرزەنت بولغۇچىنىڭ بىرخىل بۇرچى ھىسابلانسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىشى، ئەلۋەتتە مۇھەببەت سەۋەبىدىن بولىدۇ؛ ئۇ ئەر دەل سىزنى ھەقىقى تۈردە ياخشى كۆرگەچكە، سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزغىمۇ چىن كۆڭلىدىن سەمىمىيلىك بىلەن ۋاپادارلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.
ئىككىنچى خىل سوۋغات: تىرىشىش ۋە ئالغا ئىنتىلىش
تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ماددى ئىقتىساد بولسا ئاساسى ھۇل ھىسابلىنىدۇ. ئەرلەر سىزنى ياخشى كۆرەمدۇ يوق، پەقەت ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن تۇراقلىق بىر ئائىلە بەرپا قىلىشنى خالايدىغان ياكى خالىمايدىغانلىقىغا قارىساقلا كۇپايە.
بىر ئەر كىشى سىز ئۈچۈن تىرىشىپ ھەم ئالغا ئىنتىلىپ، سىلەرنىڭ كەلگۈسىڭلار ئۈچۈن پىلانلارنى تۈزسە، سىزگە ئەڭ ياخشى تۇرمۇش شارئىتى ھازىر قىلىپ بىرىشنى ئويلىسا، بۇ ئۇنىڭ سىزگە ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە مەسئۇل بولۇشنى قارار قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئەرلەرنىڭ بىر ئايال كىشىنى ياخشى كۆرۈش ئۇسۇلى ئىنتايىن بىۋاستە كىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۇ ئايال كىشىنى بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىرىشتۈرۈش.

ئۈچىنچى خىل سوۋغات: ھىسيات جەھەتتىكى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى
ئەرلەرنىڭ تەبىئىتى ئەسلىدە شاللاق كىلىدۇ، شۇڭا ئەرلەر بىرەر ئايال كىشىنى ھەقىقى تۈردە ياخشى كۆرۈپ قېلىشتىن ئىلگىرى، ھەمىشە كۆڭۈل يۈگىنىنى باشقۇرمايدىغان كىلىدۇ؛ ئۇلار ھەمىشە ئوخشىمىغان ئاياللار بىلەن يېقىنلىشىشنى ۋە گۈزەل قىزلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
بىراق، بىر ئەركىشى ئەگەر سىز بىلەن بىرگە بولغاندىن كىيىن، ئۆزلىكىدىن باشقا يات جىنىسلىقلار بىلەن ئارىلىق ساقلاپ ئۆتسە، ھەمدە دوستلىرىنىڭ ئالدىدا سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلارنى ئاشكارىلاشنى خالىسا، ئۇنداقتا ئۇ كۆڭلىدە، سىزنى بىر ئۆمۈر بىرگە ئۆتىدىغان ھەمراھىم دەپ بىكىتىپ بولغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ سۆز-ھەرىكەت ۋە قىلمىشلىرىنى كونتىرول قىلىپ، سىزدە بىئاراملىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قويماسلىققا تىرىشىدۇ.
تۆتىنچى خىل سوۋغات: سىزنىڭ تەتۈرلۈك قىلىشلىرىڭىزغا قارىتا كەڭ قوساق بولۇش
بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتنىڭ ھەرقانچە چوڭقۇر بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئارلىقتا زىددىيەت توقۇنۇشى پەيدا بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئەركىشى سىزنى ياخشى كۆرەمدۇ يوق، ئۇنىڭ سىزبىلەن جىدەللىشىپ قالغاندىكى ئىپادىسىگە قارىسىڭىزلا بىلەلەيسىز.
ئاياللار ھىسياتقا تايىنىپ ئىش كۆرىدۇ، شۇڭا ئادەتتە، بەزىدە تەتۈرلۈك قىلىپ تۇرۋىلىشتىن ساقلىنالمايدۇ. ئەگەر بىر ئەركىشى سىزنىڭ تەتۈرلۈك قىلىدىغان مىجەزىڭىزگە قارىتا كەڭ قورساق پوزۇتسىيەدە بولالىسا ھەمدە سىز بىلەن جىدەللىشىپ گەپ تالىشىپ قالغاندا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بويۇن ئىگىپ سىزدىن كەچۈرۈم سورىيالىسا، ئۇنداقتا بۇ، ئۇنىڭ نەزىرىدە يىڭىش يىڭىلىشنىڭ مۇھىم ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ھەممىدىن بەك مۇھىم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.

سىرتقى مۇھىتتىكى قىزىقتۇرۇشلار بارغانسىرى كۆپىيىپ كىتىپ بارغان ئەھۋال ئاستىدا، نۇرغۇن كىشىلەر نىكاھقا بولغان ئىشەنچىسىنى تەدرىجى تۈردە يوقىتىپ بارماقتا. ئەمما، ئەگەر بىر ئەركىشى سىزگە يۇقىرىقى تۆت خىل سوۋغاتنى بىرەلىسە، ئۇنداقتا ئۇ ئەركىشى يەنىلا سىزنىڭ ئىشىنىشىڭىزگە ئەرزىيدۇ؛ چۈنكى سىزگە بۇ سوۋغاتلارنى بەرگەن ئەركىشى، چوقۇم سىز بىلەن بىر ئۆمۈر بىرگە ئۆتۈشنى ئويلىغان بولىدۇ.