ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
سەككىزيۈز جىڭ كىلىدىغان ئەر ئۇرۇقلىيالماي ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-01 كۆرۈلىشى : قېتىم

   گۈەنداۋ ئارىلىدا تۇرۇشلۇق ئەر رىكىي.ناپۇتىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئەڭ ئېغىر بولغاندا 400كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ كۆپ يىللاردىن بىرى يىمەكلىككە خۇمار بولۇپ قېلىش بىلەن قارشىلىشىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ئىلگىرى توپتوغرا 7 يىل بىر قەدەممۇ يول مېڭىپ باقمىغان بولۇپ، ئاخىرى زىيادە سېمىزلىك سەۋەبىدىن ئوپراتسىيە ئارقىلىق ئۇرۇقلاشقا ئامال بولماي، ئۈمىتسىزلىككە تولغان رىكىي ناپۇتى دورا ئىچىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان.
   ناپۇتىنىڭ ئايالى چىرلىنىڭ دىيىشىچە،  ئىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش خۇددى غايەت زور بىر بوۋاقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانغا ئوخشاش بولۇپ، ناپۇتىنىڭ پەقەت كاۋاتتا يېتىشتىن باشقا ئامالى يوق ئىكەن؛ چىرلى بولسا، ناپۇتى ئۈچۈن تاماق تەييارلاش، بەدىنىنى سۈرتۈش، ھەتتا ئۇنىڭ ھاجەتكە چىقىشىغا ياردەملىشىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىكەن. چىرلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ توي قىلغان ۋاقىتتىلا، ئەگەر ناپۇتى بەدەن ئېغىرلىقىغا دىققەت قىلمىسا، ھازىرقىدەك ئاقىۋەتنىڭ كىلىپ چىقىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان ئىكەن.
    سېمىزلىك سەۋەبىدىن ھاسىراپ كەتكەنلىك تۈپەيلى، ناپۇتى ئاساسى جەھەتتىن سۆزلىيەلمەيدىغان بولۇپ، ھەمىشە ئوكسىگىن چىقىرىش ماشىنىسىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ نەپەسلىنىدىكەن. ئۇ ئىلگىرى چېرلى بىلەن پەرزەنتلىك بولۇشنىمۇ ئويلاشقان بولسىمۇ، بىراق ناپۇتى زىيادە سېمىز بولغانلىقتىن، ھەتتا ئۇلارنىڭ توي كىلىشىمىنىمۇ تۇلۇق ئۇرۇنلاپ بولالمىغان. ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالغان ناپۇتى تېكساس شىتاتىدىكى بىر ئايالنىڭ ئاشقازان تارايتىش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا 80 كىلوگىرام ئۇرۇقلىغىنىنى بايقاپ، ئۇمۇ بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىش ئۈمىدىدە بولغان. بۇ ئۇسۇلدا ئۇنىڭ %80 ئاشقىزىنى كىسىپ ئېلىۋىتىلىدىغان بولۇپ، بىراق ئۇ ئوپراتسىيە قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئازدىگەندە 40 كىلوگىرام ئۇرۇقلىشى شەرت ئىكەن.
    كىيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە، ناپۇتى نەچچە قېتىم ئۇرۇقلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ھەر قېتىمدا مەغلۇپ بولغان ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئۇنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىمۇ بۇزۇلغان. ناپۇتى بۇ سەۋەپلىك خامۇشلىشىش كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، ئاخىرى دورا ئىچىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان. ناپۇتى ئۆلۈۋالغان ۋاقىتتا، تېخى ئەمدىلا 39 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھىكايىسى يەر شارىنى قاپلاپ كىتىۋاتقان سېمىزلىك مەسىلىسىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号