ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
يېقىنلاشماي تۇرۇپمۇ ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى رام قىلىۋالىدىغان ئەرلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-30 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بەزى ئەرلەر چىرايلىق ئاياللارنى كۆرسىلا، ئۇلارنى قوغلىشىپ مۇھەببەتلەشكۈسى كىلىپ كىتىدۇ؛ لىكىن نەتىجىدە، بىرنىمۇ كەلتۈرەلمەيدۇ. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەپ، ئەرلەرنىڭ قوغلىشىشدىكى ياكى ئاياللارنىڭ ئەمىلىيەتچىل كەلگەنلىكىدىن ئەمەس بەلكى كۆپىنچە ئەرلەرنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە بولىدۇ؛ چۈنكى ئەركىشى ئەگەر راستىنلا مۇنەۋۋەر بولسا، مىنىڭچە ھېچقانداق بىر ئايال كىشى بۇنداق مۇنەۋۋەر كەلگەن ياكى ئۆزىگە ماس كىلىدىغان ئەر كىشىنى ئۆتكۈزۈۋىتىشنى خالىمايدۇ.
    تۇرمۇشىمىزدىكى يەنە بەزى ئەرلەرنىڭ ئاياللار بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ۋاقتى ئىنتايىن ئاز، ئاياللارغا مۇھەببەتلىك شىرىن سۆزلەرنىمۇ كۆپ قىلمايدۇ؛ ئەمما ئاياللار ئۇلارنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىن كىتەلمەي قالىدۇ. ئۇنداقتا زادى قانداق ئەرلەر بۇنداق كۈچلۈك جەلىپكارلىققا ئىگە؟
1. بىر ئىشلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان ئەرلەر
   ئەرلەر كۆپىنچە بىپەرۋا كىلىدۇ، كۆپىنچە ئىشلاردا ئاياللارنى ئويلىشىپمۇ قويمايدۇ، ئۇلارنىڭ قانداق ئويلىشى بىلەنمۇ كارى بولمايدۇ. بىراق بىرەر ئىشلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان ئەرلەر دەل ئۇلارنىڭ ئەكسىچە ئىش كۆرىدۇ. شۇڭا ئاياللار بۇنداق ئەستايىدىل ئەرلەردىن ئاسانلا تەسىرلىنىپ ئۇلارنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىن ئەگىپ كىتەلمەيدۇ.
2. ئىشەنچىسىز ئەرلەر
    بەزى ئەرلەر ئىنتايىن ئىشەنچىسىز كىلىدىغان بولۇپ، بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئاسانلا ئۇنتۇپ قېلىپ، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشمايدۇ؛ بىر ئىشلاردا ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلارنى ئويلاشمايدۇ. بۇنداق ئەرلەر ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالمايدۇ. ئەمما ئىشەنچىلىك ئەرلەر بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ؛ دىگەنلىرىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، بىر ئىشلارنى قىلغاندىمۇ، ئاۋال ئايال كىشىنى ئويلىشىدۇ؛ بۇنداق ئەرلەرگە نىسبەتەن، ئاياللار تەبىئىلا كۆڭۈل بىرىپ قويىدۇ.
3. مۇھەببەتكە ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئەرلەر
    ھەرقانداق بىر ئايال كىشى، مۇھەببەتكە ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، شاللاقلىق قىلمايدىغان بىر ئەر كىشىگە ئۇچراشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شاللاق كەلگەن، مۇھەببەتنى ئويۇن بىلىدىغان ئەر كىشىنى ياخشى كۆرىدىغان ئايال كىشى بولمايدۇ. شۇڭا سىز ئەگەر مۇھەببەتكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان بىر ئەر بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئايال كىشى سىزنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ.
4. پۇختا ئىش قىلىدىغان، جاپاغا چىدايدىغان ئەرلەر
    مۇھەببەتتە، ئاياللار جاپاغا چىدايدىغان ھەم ئىشلارنى پۇختا قىلىدىغان ئەر كىشىگە يولۇقۇشى مۇمكىن، ۋە ياكى ھېچ ئىش قىلماي لاغايلاپ يۈرىدىغان ئەرلەرگە يولۇقۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. جاپاغا چىدايدىغان، بىر ئىشلارنى پۇختا قىلىدىغان ئەرلەر، ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈكىنى ئاتاشقا ئەرزىيدىغان ئەر كىشىدۇر؛ ئەمما لاغايلاپ يۈرىدىغان بىكار تەلەت ئەرلەر بولسا ئىشەنچىسىز ئەرلەردۇر، ئاياللار بۇنداق ئەرلەر بىلەن بىرگە بولسا، ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى نابۇت قىلىۋىتىدۇ. ئاياللار بۇ نوقتىنى ئەلۋەتتە چۈشىنىدۇ، شۇڭا ئۇلار جاپاغا چىدايدىغان ھەم پۇختا ئىش كۆرىدىغان ئەرلەرنى ئۇچرىتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ ئەگەر بۇنداق ئەرلەرنى ئۇچرىتىپ قالسا، ئەلۋەتتە ئاسانلا ئۇلارنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.
5. ئەزەلدىن قاقشاپ ئاغرىنمايدىغان ئاياللار
     بىر خىل ئەرلەر بار؛ ئۇلار چوڭ پۇل تاپالمايدۇ، كىچىك پۇلنى ياراتمايدۇ، كۈندە تۇرمۇشتىن ئاغرىنىپ قاقشاپ، ئاياللارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىشنىلا بىلىدۇ. ئاياللار ئەگەر بۇنداق ئەرلەر بىلەن بىرگە بولۇپ قالسا، غەم-ئەندىشە ۋە دەرت-ئەلەمدىن قۇتۇلالمايدۇ، ئاياللار بۇنداق ئەھۋالغا قېلىشنى ئەلۋەتتە خالىمايدۇ. ئۇلار ئەكسىچە، تۇرمۇشتىن قاقشاپ ئاغرىنماي، ھەرقانداق جىددى ئەھۋاللارغا جەسۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىدىغان، ھەرقانداق ئوڭۇشسىزلىق ۋە قىيىنچىلىقلارنى  تەمكىنلىك بىلەن قوبۇل قىلىدىغان ئەرلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ؛ بۇنداق ئەرلەر تەشەببۇسكار بولمىسىمۇ، ئاياللار ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئەگىپ كىتەلمەيدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号